مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاكسىنا جىنايىتىدە ئېنىق قىلىپ، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

2019.06.26 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسى 25-چېسلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. بۇ، ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنىڭ 3-قېتىم ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلۇشى. بۇ قېتىم لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان جاۋابكارلارغا يەنە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش ھەققىدە بەلگىلىمە قوشۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، سېتىلغان ۋاكسىنا ساختا، ناچار بولۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، جاۋابكار ئورۇن ۋە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويۇش، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بەلگىلەنگەن ۋاكسىنا ساختا بولسا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ۋاكسىنا قىممىتىنىڭ 15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 50 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلىنىپ، ئىلگىرىكى لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا بەلگىلەنگەن «15 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن» جازا بېرىشكە قارىغاندا بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

  ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ۋاكسىنا ناچار بولسا، لايىھەنىڭ 3-قېتىم تەكشۈرۈلگەن قوشۇمچە نۇسخىسىدا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ۋاكسىنا قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇمۇ، لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا بەلگىلەنگەن «10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن» جازا بېرىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ