مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

ئوساكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە، قورۇقچىلىققا، زومىگەرلىككە، بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈچلۈك سىگنالى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

2019.06.26 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 25-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پات ئارىدا ياپونىيە ئوساكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللاش، بىر تەرەپلىمىلىككە قارشى تۇرۇش، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساق بولۇش، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى قوللاش، زومىگەرلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش كۈچلۈك سىگنالى چىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بەزى مۇخبىرلار مۇنداق دەپ سورىدى: 24-چېسلا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ دوكلاتتا، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان چەكلەش تەدبىرلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سودا جىددىيلىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۈچەيتىۋەتتى، دەپ قارالدى. ئىككى تەشكىلات 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ تاقابىل تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قارىتا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئىككى دوكلاتقا دىققەت قىلدۇق، دوكلاتتىكى ئالاقىدار مەزمۇنلار نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساداسى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى. دەرۋەقە، نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىزلىق، مۇقىمسىزلىق ئاساسلىقى سودىدىكى جىددىي ۋەزىيەتتىن كەلگەن، سودىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئاساسلىقى بىر تەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق ۋە زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىدىن كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ