ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرى بىلەن كوردىنادان پېزو شەھىرى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 2026-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، مىلان شەھىرىنىڭ باشلىقى سارا مۇنداق دېدى: قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىلاننىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مىلان بېيجىڭنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدۇ.
سارا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش، غايەت زور شەرەپ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم بېيجىڭ بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىشىنى مەسلىھەتلىشىمىز، بېيجىڭنىڭ تەكلىپىنى ئۆگىنىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ