مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى: تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش، ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا يۈك بولىدۇ

2019.06.26 16:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر ھەپتىدە ئاچقان 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان تاۋارلاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىدىغان بىر قاتار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرىدا، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتلىرى ۋە ئەمدىلا قۇرۇلغان كارخانىلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا توسالغۇ بولۇپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  ئامېرىكا ئائىلە ماشىنا ئادەم ياساش شىركىتى i R o b o t شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى كولىن ئانگېر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش شىركىتىمزنى بىر قىسىم تەننەرخلەرنى ئاشۇرۇشقا ھەمدە يىل بېشىدا باھانى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى، تاموژنا بېجى يەنە بىر قېتىم كۆپەيتىلسە، شۈبھىسىزكى «ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش بولىدۇ».

  قارشى تۇرۇش لاگېرىغا قاتناشقان ئامېرىكا كارخانىلار يەنە ئالما، مىكروسوفت، ئىنتېل ۋە دال قاتارلىق پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنتېل يەرشارى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى گرېگ سرايت گۇۋاھلىق سۆزى تاپشۇرۇپ: تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، ئېھتىياجنى چەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ دېدى.

  ئامېرىكا ئىستېمالچىلار تېخنىكا جەمئىيىتى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكا يېڭىلىق يارىتىش بېجى ئالغانغا باراۋەر، بۇ ئاقىۋەتتە ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك كۈچىنى چەكلەيدۇ ھەمدە ئامېرىكا تېخنىكا كەسپىنىڭ ئىش ئورنىنى ئازايتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ