باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(11)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رابىيە، مەن سەندىن رازى ئەمەس، قىزىم! چۈنكى سەن مۇشۇ كونا زېمىن، ئالتە توك-توك مائاشىم، ئۆي ئىچىدىكى كونا-يېڭى سەرەمجانلارنى ئوڭچە ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈنلا، داداڭنىڭ ھالال جۈپتىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردىڭ! داداڭنى پىچاقسىز سويدۇڭ! كۆزىنى ياشلىدىڭ، يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالدىڭ، غېرىبلىق تارتقۇزدۇڭ... سېنىڭ قولۇڭدا چەكسىز نومۇسلىنىش، خۇدۈكسىرەش، خورلۇق ھەم قىسىلچىلىق ئىچىدە چارىسىز، زۇۋانسىز ياتتىم! شۇڭا ساڭا پەقەت سەن تويمىغان مۇشۇ دۇنيانى قالدۇردۇم، رابىيە! ئالغىن! تويغىن!... بىلسەڭ، بۇلار ئەسلىدىلا سېنىڭكى ئىدى، سەن ئاجىزەنىڭكى ئىدى. ئەمما سەن بەكمۇ ئالدىراپ كەتتىڭ، رابىيە! دادىسىز غېرىبلىققا قەدەم قويۇشقا بەكلا ئالدىرىدىڭ... بىلەمسەن؟ بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ تاپقان-تەرگىنىنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتكەن ئەمەس. بۇ بىساتلارنى ئايخانغا قالدى، دېگەندىمۇ، ئايخاننىڭ قالغان ئۆمرى يەنە قانچىلىك؟ مەن ئېلىپ كېتەلمىگەن مال-دۇنيانى ئۇنىڭ گۆرىگە ئېلىپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەندىن قالغان بۇ بىسات ھەرگىزمۇ ئىنسان ئارزۇلايدىغان چىن «بايلىق» ئەمەس! سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، ئىنساپلىق، پەزىلەتلىك ھەم تىرىشچان بولۇشلا ساڭا ئىككىلا دۇنيا ئەسقاتىدىغان ھەقىقىي بايلىق ئىدى... ئەپسۇس! ساڭا كىچىكلىكىڭدە بۇ ئېتىقادنى مەڭگۈلۈك قىلىپ سىڭدۈرەلمەپتىمەن!... ئېھ، ئەقىلسىز قىز... ساڭا نېمە دېگۈلۈك؟...

  مانا بۇ پارە-پارە بولغان بىر قەلبنىڭ ئاخىرقى ئۈمدسىز،زۇۋانسىز ئىپادىسى ئىدى... بوۋاينىڭ كۆزلىرى يۇمۇلدى، ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ قاردەك ئاقارغان پاكىز ساقاللىرى ئىچىگە بارمايلا يۈزىدە توختاپ قالدى:

  ــــ رابىيە... ئاتنىڭ ئوزۇقى شۇ ئاتنى مىنگۈچىگە ئوزۇق بولالمايدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ يەيدىغان ئۆز نېسىۋىسى، رىسقى بولىدۇ...بۇ دۇنيا ھىچكىمگە ۋاپا قىلغان ئەمەس،مال دۇنيا دىگەن كىشى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس...ئۇ خۇددى بۇزۇق خۇتۇن كىشىدەك بىر دەم ئۇنىڭ،بىردەم بۇنىڭ قۇلىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ...ئادەمدە مەڭگۈلۈك بۇلۇپ قالىدىغان بىرلا نەرسە بار قىزىم،ئۇ ئەقىل...خۇدا بەرگەن ئاشۇ ئەقىل بىلەن بىر ئىزدا توختاپ قالماي ھالال تىرىكچىلىك قىل...بىلەمسەن؟سەن بەك ئەقىللىق قىز،خۇدادىن باشقا ھىچنىمىگە مۇھتاج ئەمەسسەن...كىشى كۈچ ۋە ئىرادىدىن ئايرىلغاندا ھىچنىمىگە قۇربىتى يەتمەيدىكەن،نومۇسنى نومۇس بىلەن ياپقىلى بولمايدىكەن... ئۆيۈڭدىكى نۇمۇسلۇق ياتقان بارلىق كۈنلىرىمنى ئۇنتۇلۇپ كەت...ئەمدى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كېتىدىغان بولدى،مەنمۇ ئارام تاپىدىغان بولدۇم رابىيە... ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا خىجىل بولۇشتىن، نومۇس قىلىشتىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلىمەن... ساڭا سەن ئارزۇ قىلغان بارلىق تۇتقان-تەرگىنىم، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت بېرىدىغان بارلىق ئۆي مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى قالدۇردۇم. ئالغىن، بالام... رادىل، سىڭلىڭدىن ھېچنېمە تالاشما... ئۇ ھاجىتىدىن چىقسۇن!...

  دادىسى شۇ تاپتا قىزىغا،كۈيئوغلىغا ئۇلار تەلپۈنگەن بارلىق مال دۇنيانى قالدۇرۋاتاتتى، قىزى بىر قورقۇنچ ئىچىدە دىڭڭىدە چۈچۈپ دادىسىغا تەلمۈردى،ئۇ دادىسىنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم بەكمۇ مۇھىم بىر نەرسىنىڭ كەملىگىنى بىلدى...بۇلارنى ھىس قىلىش بىلەن رابىيەنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى ئېچىشىپ، تارتىشىپ، گويا بوغۇزىغا زەھەرلىك خەنجەر ئۇرۇلغاندەك ئازابلىق تولغاندى. ئۈگە-ئۈگەلىرىدىن قارا تەر سىرغىپ، مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئىزا، نومۇستىن چوغدەك قىزىرىپ، دادىسىنىڭ مۇزلاپ كەتكەن تارشىدەك قولىنى يۈزلىرىگە ياقتى:

  ــــ دادا، مېنى كەچۈرۈڭ، جېنىم دادا... مەن ھېچنېمە ئالمايمەن! ماڭا دۇئايىڭىزنى بېرىڭ، رازىلىقىڭىزنى بىرىڭ!...ــــ دېدى ئۇ ھەسرەت ئىچىدە بوغۇلۇپ يىغلاپ.كۈيئوغلى ھەيرانلىق ئىچىدە ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.ئۇنىڭمۇ تىلى كالۋالىشىپ،گەپ قىلغۇسى بار، ئەمما نېمە دېيىشنى بىلەلمىدى، ئاخىر مىڭ تەستە كېكەچلەپ ئايالىنىڭ يېنىغىلا يۈكۈندى:

  ــــ دادا... بىز ئەقىلسىز پەرزەنتلىرىدىن رازى بولسىلا...بوۋاي كۆزىنى ئاچتى، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئېتىراز مۇزدەك سوغوق سۇ چېچىلغان گۈلخاندەك بىردەمدىلا ئۆچتى:

  ـــــ قىزىمغا ياخشى قاراڭ، نەۋرەمگە... ئاق كۆڭۈللۈكتە ئۈلگە بولۇڭ...

  ـــــ سىزگە ۋەدە بېرەي، دادا... چوقۇم شۇنداق قىلىمەن...

  بوۋاينىڭ جۇدالىق قايغۇسى بىلەن مۇڭلانغان كۆزلىرى، نادامەت بىلەن ئۈمچەرەپ تۇرغان سارغايغان يۈزلىرى كۈلدى. لېكىن كۈلكە ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزىنىڭ قۇيرىقىدىلا ئىدى، يۈرەك قېتىدا بولسا چىدىغۇسىز ھىجران ئازابى بىلەن تەڭسىز تەقدىرنى چايناپ پۈركۈۋەتكۈدەك ھەسرەت-نادامەت بار ئىدى...

  ـــ قىزىپ كەتتىم... ئىشىكنى ئېچىۋەت...ـــ بوۋاينىڭ كىمگە شۇنداق دېگىنىنى ھېچكىم بىلمىدى. ئوغلى يىغلىغىنىچە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەدىيالنى ئېلىپ، قوش قاناتلىق ئىشىكنى ئېچىۋەتتى.

  بۇ كەچ كۈزنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئىدى، بوۋاي چۆلدەرەپ كەتكەن ھويلىلارنى، يوپۇرماقسىز ئىسكىلىتقا ئوخشاپ قالغان دەرەخلەرنى ئاخىرقى قېتىم كۆردى. غازاڭ ۋە ئۆلۈك توپىلارنى ھەر يان ئۇچۇرۇپ، كەچ كۈز شامىلى ئۆي ئىچىگە ھۇۋلاپ كىردى. بۇ ھۇۋلاش گويا ئەزرائىلنىڭ يېقىمىسز شىۋىرلاشلىرىدەك ھەممەيلەندە بىر شۈبھە پەيدا قىلاتتى...

  ھەممەيلەن بوۋاينىڭ مەيۈس، غەمكىن چىرايىغا، نېمىلەرگىدۇر تىكىلىپ قالغان نۇرى ئۆچكەن كۆزلىرىگە جىممىدە ياش تۆكۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىن ھېچكىممۇ دادىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار قانچىلىك ئازابلانمىسۇن، ياش تۆكمىسۇن، دادىسى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈككە يىراقلاپ كەتكەن ئىدى. بوۋاينىڭ ئوچۇق قالغان كۆزلىرى شۇ تاپتا ئۆزىدىن مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا، دوختۇرخانىدا كېسەل چىرماپ ياتقان ئايخاننىڭ مېھرىبان چىرايىنى كۆرۈۋېلىشنى ئىستەۋاتقاندەك، ھويلىنىڭ كەڭ ياغاچ قاناتلىرىدا قېتىپ قالغان ئىدى... شۇنداق، بوۋاي ئاخىرقى ئاشۇ دەقىقىلەردە، بەش يىلدىن بۇيان ئۆزىگە ئۈمىد ھەم خۇشاللىق ئاتا قىلغان، ئىللىق مېھرى بىلەن كۆڭلىنى كۆتۈرگەن ھالال جۈپتىنى كۆرۈۋېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەپسۇس، بۇ شەپقەتسىز ھايات، بۇ لەنىتى رېئاللىق ئۇنىڭ رايىغا باقمىدى...********

  ئاكىسى ھەقىقەتەن دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە رابىيەگە دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بارلىق ئىگىلىكىنى جىممىدە ئۆتكۈزۈپ بەردى. رابىيەلا ئەمەس، رابىيەنىڭ ئېرىمۇ قېيىن ئاكىسىغا دادىسىدىن قالغان زېمىنغا كېلىدىغان نەچچە يۈرۈش ئۆي، دۇكان ۋە پۇلنىڭ بىرىگە بولسىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئۆتۈندى، ئەمما رادىل رەت قىلدى:

  ــــ دادامنىڭ ماڭا بەرگىنى يېتەرلىك، سىڭلىم. سەن ئاجىز... دادامنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ ئىدى، يەنە كېلىپ مىنىڭ بۇلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق، ئۇ يەردىكى ئىشلىرىم بەكمۇ ئالدىراش، مېنىڭ بۇ يەرگە يەنە قاچان ئاياغ باسىدىغىنىمنى خۇدا بىلىدۇ...ـــ دېدى ئۇ ماڭىدىغان چېغىدا.

  رابىيە ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنى ئايرۇدرۇمغىچە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. ئاكىسىمۇ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلنىپ قالغاندەك ئىدى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ ماشىنىغا زادىلا چىققۇسى كەلمىدى. غەشلىكتە پارە-پارە بولغان كۆڭلى دادىسىنى چەكسىز سېغىندۇراتتى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ توپا بېشىغا كەلدى. دادىسىنىڭ قەبرىسىدىن يۈز مېتىرچە نېرىدا مۇڭلۇق خەتنە قۇرئاننىڭ ئاۋازى كېلەتتى... رابىيە يىغلىدى :«دادا...دادا...» دەپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ دادىسىنى توۋلىدى... ئەمما قارا تۇپراقتىن ھېچقانداق سادا يوق ئىدى...شۇ ھالدا زېمىنغا گۇگۇم پەردىسى يېيىلدى، تىنىق ئاسماندىكى پارچە-پارچە قىزغۇچ بۇلۇتلار ئاسمان قەرىگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى. پۇچىلىنىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغاندەكلا بولۇپ قالغان رابىيە ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ئەمدى قايتىدىغان چاغ بولغان ئىدى. ئۇ يالغۇز ئاياغ يولدا،چوقچىيىپ مۇڭلىنىپ تۇرغان زۇمچەك-زۇمچەك قەبرىلەرنىڭ ئارىسىدا گاڭگىرىغان ھالدا كېتىپ باراتتى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى يېڭىلا قاتۇرۇلغان، بايا ئاۋاز كەلگەن بىر قەبرىنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان يىگىتتە قېتىپ قالدى. يىگىتمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ رابىيەنى كۆردى. كۆردىيۇ، نەپرەت بىلەن ئۇنىڭغا بىرنى ئالايدى-دە،بېشىنى قەبرىگە ئۇدۇل بۇراپ ئولتۇرۇۋالدى...رابىيەنىڭ يۈرىكى «قارتتىدە» قىلدى. بۇ يىگىت ئايخاننىڭ ئوغلى ئىدى... دېمەك، ئايخان... ئۇ نەپرەتلىنىپ، ئۆچلۈك قىلىپ، دادىسىنىڭ دەپئى-دۇنياسىدىن قىزغىنىپ، قورۇپ، ئۆلگۈدەك بولغان ئاشۇ مومايمۇ تۈگەپ كەتكەن، دادىسىنى كۆمۈپ قويۇپ بىر ئاي بولمايلا بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالغان ئىدى... رابىيەنىڭ كۆز ئالدىغا بىچارە ئايخاننىڭ خۇدۈكسىنگەن، ئەلەم بىلەن بېشىنى چايقىغان، بىر ئىلتىجا بىلەن ئۆزىگە تەلمۈرگەن ھالىتى، يەنە مۇڭ باسقان كۆزلىرىدە يالتىرغان ياش تامچىلىرى كېلىۋېلىپ، يۈرىكى مۇجۇلدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى سوت ئالدىدىكى جىنايەتچىدەك ھېس قىلدى، خىجىللىق ھېسسىياتى يۈرىكىنى قۇرتتەك غاجىلاپ، يول بويى ئۆز-ئۆزىگە كايىپ كەتتى:

  «ئىشىكتىن مۇردا چىقسا تۈڭلۈكتىن سەبرى كىرىدۇ، دەيدىكەن. قېنى ماڭا كەلگەن سەبر؟... مەن سەبر قىلالارمەنمۇ؟ قانداقسىگە سەبر قىلالايمەن؟ مەن قاراپ تۇرۇپ دادامنى، ئاشۇ بىچارە مەزلۇمنى يەتكۈدەك قىيناپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى قارا تۇپراققا كۆمدۈم... مېنىڭ شۇنداق قىلىشىمغا زادى نېمە شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالدى-ھە؟ مانا قالدى، ھەممىسى قالدى. ئايخان ئاچامدىنمۇ قالدى، مەندىنمۇ قالىدۇ... توۋا؟ ئىنسانغا شۇنچە كۆپ دەپئى- دۇنيانىڭ نېمە كېرىكى؟ ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ ئەسلى مەنىسى نېمىدە؟ تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشتا ئەمەسمۇ؟ خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ ئالىي بەخت ئەمەسمۇ؟... ئىنسان نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ھېچ خوۋلۇق ئېلىپ كەلمەيدىغان، مەڭگۈ قانائەت تاپمايدىغان ھەم ئۆچمەيدىغان نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتىدىغاندۇ ؟... مۇبادا مەنمۇ نەپسىمنىڭ كەينىگە كىرمىگەن بولسام، ھازىر چوقۇم دادامنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ خاتىرجەم ھەم ئەڭ بەختلىك ئىنسان بولماسمىدىم؟...

  بىز نادان پەرزەنتلەر ئاتا دۇئاسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۇلۇغلۇقىنى ئاتىمىز ھايات تۇرۋاتقاندا ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايدىكەنمىز. ئەمما ئاتىمىزدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئاتا رازىلىقىنىڭ پەرزەنتكە مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ھەم بەخت ئېلىپ كېلىدىغانلىغىنى، ئاتا قارغىشىنىڭ بولسا گويا قارا بۇلۇتتەك بارلىق بەختىمىزنى،خاتىرجەملىگىمىزنى بىراقلا توسۇۋالىدىغانلىغىنى ئاندىن بىلىدىكەنمىز... ماڭا دادامدىن نېمە قالدى؟ پەقەت مال-دۇنيا...»

  شۇنداق، بوۋاي قىزىغا ئاچچىق، قىرتاق بىر دۇئا قالدۇرۇپ، يىراققا ــ قىزى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغان، ۋارقىرىسىمۇ ئاۋازى يەتمەيدىغان باشقا بىر دۇنياغا كەتتى. زېمىنمۇ قالدى. ئايخاندىن ئىبارەت بۇ «چۈشەك»مۇ غايىب بولدى... رابىيە ئالىقانلىرى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز يېشىدا چەكسىز پۇشايمان، چەكسىز نادامەت ھەم مەڭگۈ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر پىغان بار ئىدى. رابىيەنىڭ يۈرىكىدە كۆيۈۋاتقان ئوت بارغانسېرى ئەۋج ئالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋارقىرىغۇسى، ھۆڭرەپ يىغلىغۇسى، قەلبىدىكى جۇدالىق ئەلىمىنى، پۇشايمىنى، پىغانىنى مۇدھىش ئوت لاۋالىرى بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلىغۇسى كېلەتتى...2011-يىلى 6-ئاي خېجىڭ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر