باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا قوشما ئىشتات پۇل زاپىسى كومىتېتى جۇڭگونىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تەرىپلىدى

2015.08.19 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 17-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئامېرىكا قوشما ئىشتات پۇل زاپىسى كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى بېرنانك 17-ئاۋغۇست: جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئوتتۇرا باھانى مەلۇم قىلىش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەدبىرى جۇڭگونىڭ بازارلاشقان پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  بېرنانك 17-ئاۋغۇست ۋاشىنگتوندىكى ئاقىللار ئامبىرى−برۇكىڭس ئىلمىي جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە: جۇڭگو خەلق بانكىسى قوللانغان تەدبىردە بازار كۈچىنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەش جەريانىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا بەلگىلىك بېسىم پەيدا قىلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى قوللانغان تەدبىر جۇڭگونىڭ بازارلاشقان پېرېۋوت نىسبىتى تۈزۈمىگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 11-ئاۋغۇست خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئوتتۇرا باھانى مەلۇم قىلىش مىخانىزمىنى تەڭشىگەنلىكىنى جاكارلاپ، تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىن ئاكسىيەنىڭ سودا باھاسىنى مەلۇم قىلغاندا تۈنۈگۈنكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئاخىرقى پېرېۋوت نىسبىتى، تاشقى پېرېۋوتنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا باشقا ئاساسلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئۆزگۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرا باھانى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىممىتى تېزدىن تۆۋەنلىدى، لېكىن، ئارقىدىنلا مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى. بۇ ھەپتىدىكى تۈنجى سودا كۈنىدە، خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدىكى ئوتتۇرا باھا داۋاملىق ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر