2015-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسىلىم بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيە ‹‹7-ئىيۇل ۋەقەسى››نى پىلانلاپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغانىدى. كۈچلۈك دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارىتا، جۇڭگو دۆلەتلەر ئورتاق ھەمكارلىشىش ئاساسىدىكى ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپ ئۇرۇش لىنىيەسى قۇرىدۇ ھەمدە تېزلىكتە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قوماندانلىقىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى دۈشمەن ئارقا سېپى جەڭ مەيدانىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىككى جەڭ مەيدانى ئۆزئارا ماسلىشىپ، دۇنيادىكى تۇنجى فاشىزمغا قارشى جەڭ مەيدانىنى ئورتاق ئاچىدۇ. 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار بازىسى ـــ مەرۋايىت پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلايدۇ. ئىككىنچى كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيەنگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، كېيىن ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرمۇ ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، جۇڭگو ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا يالغۇز قالمايدۇ. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 7:00 دە، جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى كېلىشىش ئارقىلىق، ئوخشاش ۋاقىتتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە شەرتسىز تەسلىم بولۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.