باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(2)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «تەنھالىق ئىنسانغا ئاخىرقى سىناق... ھاياتلىقتا جۈپتىدىن ئايرىلمايدىغان ئىنسان يوق، خۇدا قوشقان ئەر-ئاياللارنى پەقەت ئۆلۈملا ئايرىش مۇمكىن، ئەمما مەن نېمە ئۈچۈن تىرىك تۇرۇپ ئايخاندىن ئايرىلىمەن؟...» بوۋاي ھەر ۋاقىت كاللىسىنى قوچۇيدىغان بۇ سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى بىلمەيتتى...

  ــــ نەگە بارىسەن؟ـــ قىزى شىپىلدىتىپ مېڭىۋاتقاندا كۈيئوغلى غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا خوتۇنىنى توختىتىۋالدى.

  ـــ دادامنىڭ يېنىغا كىرىپ باقاي... ھۆلدە قالمىسۇن...

  بوۋاينىڭ سېزىمسىز گەۋدىسى، مېڭىسى يەنە غۇژۇلداشقا باشلىدى. گويا يىڭنىنىڭ ئۈستىدە ياتقاندەك بايىقى سېزىمدىنمۇ بەتتەر ئازابلىق تۇيغۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈردى... ھالبۇكى قىزى بوۋاينىڭ تۇيغۇلىرىنى سېزەلمەيتتى، ئۇ ھەتتا دادىسىنىڭ نومۇس ھەم خىجىلچىلىقتىن تاتىرىپ قانسىرىغان ئۆپكىدەك بولۇپ كەتكەن نومۇسچان چىرايىنىمۇ كۆرمىگەندەك قىلاتتى...

  ــــ ئايىغىڭنى قۇرۇغداپ قوياي دادا....ـــ قىزى ھېچ سىقىلىش ھەم نومۇس، خىجىللىق يوقلا بوۋاينىڭ ئالدىغا ئۆتتى. بىر قورۇنۇش قىشنىڭ سەھىرىدىكى شىۋىرغاندەك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى شۈركەندۈرىۋەتتى. بوۋاي گويا خۇدانىڭ، مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەرنىڭ، ھەتتا كۈيئوغلىنىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھ ئۆتكۈزىۋاتقاندەك نومۇستىن ئىڭراپ كەتتى. ئەمما بۇ ھەسرەتلىك نالىمۇ قېتىپ كەتكەن تىللىرى ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا چىقىدىغان بولغاچقا، بۇرۇنقىدەكلا يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا ئۈنسىز سىڭىپ كەتتى.

  قىزى بوۋاينىڭ «زاكىسى»نى ئالماشتۇردى، يەنە بىر زاكىنى ئەپلەپ قىستۇردى، ھۆل ئىشتىنىنى يەڭگۈشلىدى. بوۋاينىڭ بۇرنىغا قاڭسىق سۈيدۈك پۇرىدى... بوۋاي ئۆزىنىڭ چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلىپ قويۇپ ھۆلدە قالغانلاقىنىمۇ سەزمەيتتى. ئەگەر سېزەلىگەن بولسا، دوۋسىنى يېرىلىپ، قورسىقى ئېتىلىپ كەتسىمۇ، ئىزىغا سىيىپ، تاھارەت قىلىپ قويماس ئىدى. بوۋاينىڭ ئازابى بۇلا ئەمەس ئىدى، ئۇ ھەتتا خۇددى بوۋاقلارنىڭ ئايىغىنى قۇرۇقداۋاتقاندەك بىخارامان ھەرىكەت قىلىۋاتقان قىزىنى سىلكىپ تاشلىۋەتكۈدەك، ھېچ بولمىغاندا:«مەن نومۇس قىلدىم، سەن دېگەن مېنىڭ قىزىم، مېنىڭ بۇ يەرلىرىمنى كۆرمەسلىكىڭ، بۇ يەرلىرىمگە تەگمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. دەرھال ئايخاننى تېپىپ كەل!...» دەپ ۋارقىرىغۇدەك، غەزىپىنى، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگۈدەك قۇدرەتكىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى.

  ھەر قېتىم قىزى ئۇنىڭ جان يەرلىرىگە تەگكەندە بوۋاي سەۋر-تاقەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندەك ئازاب چېكەتتى. قىپقىزىل مەڭزىلىرى، ئويماقتەك ئاغزى خۇددى ئېچىلىپ تۇرغان گۈلگىلا ئوخشايدىغان پاك، نارەسىدە قىز ئەسلىدە بوۋاي ئۈچۈن مەڭگۈ بىر پەرىشتە ئىدى. ۋاھالەنكى بۇ «پەرىشتە»بوۋاينىڭ ئەڭ نومۇسلۇق يەرلىرىنى خالىغانچە كۆرۈپ، تۇتۇپ يۈرەتتى... بوۋايچە بولسا شۇ ھالدا كۈتۈمسىز قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدىكى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ پىنھان، ئەڭ نومۇسلۇق يېرىنى قىزىغا كۆرسىتىشكە، قىزىغا تۇتقۇزۇشقا رازى ئەمەس ئىدى... ئەمما قىزى ھېچ قورۇنۇش يوق خۇددى بوۋاق بالىنىڭ ئايىغىنى قۇرۇقداۋاتقاندەك، ھەتتا بىر قونچاقنى ئۇيان-بۇيان دومىلىتىۋاتقاندەك شۇنچىلىك پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇراتتى...

  بۇنداق قوپال، نومۇسسىز ھەرىكەت بىر يىلدىن بۇيان بوۋاينىڭ ئىززەت-نەپسىگە، غۇرۇرىغا قاتتىق تېگىۋاتاتتى. بۇ ئىش ھەر قېتىم تەكرارلانغاندا بوۋايدا يېڭىدىن يېڭى نەپرەت ۋە ئاھانەت پەيدا بولاتتى. ئۇ ئۆزىنى ھاقارەتلەنگەن، بوزەك قىلىنغان، ھەتتا ئادەم ئەمەس بىر ئويۇنچۇق سۈپىتىدە خورلانغاندەك ھېس قىلىپ غەزىپىنى باسالمايلا قالاتتى. ئەمما بوۋاي ئوخشاشلا بارلىق قۇدرىتىدىن ئايرىلغان ئىدى، ھېچنېمە قىلالمايتتى، ھېچقانداق قارشىلىقىنىمۇ ئىپادىلىيەلمەيتتى. بىر ئېغىز زۇۋان سۈرۈپ بولسىمۇ دىلىنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان دەردنى تۆكەلمەيتتى. سۈكۈت گويا ئېغىر يۈكتەك بوۋاينى بىر يىلدىن بۇيان شىللىسىدىن بېسىپ تۇراتتى... ئاھ،خۇدا! يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىشلارنىڭ ياخشى-يامان، ھەق-ناھەقلىقىنى بىلىپ، كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمىسە، ئىنساننىڭ قۇدرىتى، كۈچلۈكلۈكى، ئەقىل-پاراسىتى نەدە قالدى؟...

  قىزى ئېڭىشىپ دادىسىنىڭ ئاياغلىرىنى ھۆل لاتا بىلەن سۈرتۈشكە باشلىدى، بوۋاي يىرگىنچ، ئازاب ھەم چارىسىزلىقتىن كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمۇۋالدى. گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ تىنالماي قالدى. باياتىندىن بېرى تۆكەلمەي تۇرغان ياشلىرى سىرتقا چىقىشقا ئالدىراۋاتقاندەك كۆز چاناقلىرىدا چىڭقىلاتتى.

  * * * * * * * * * *

  بارغانچە ئۇزۇراپ كېتىۋاتقان قاراڭغۇ كېچە ئاخىرلىشىپ، تاڭ ئاتتى. لېكىن تاڭ ئاتقىنى بىلەن بوۋاي ئۈچۈن ھاياتنىڭ بىر-بىرىدىن زادىلا پەرق قىلمايدىغان يەنە بىر ئازابلق كۈنى باشلاندى، بۇ كۈنلەردە بوۋاي خۇشال بولغۇدەك ھېچنېمە يوق ئىدى.

  ئەتىگەنلىك چاي ۋاقتىدا بوۋاينى كۈيئوغلى قىزىغا ياردەملىشىپ كارۋاتتىن سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن كونا چاقلىق ئورۇندۇققا يۆتكەشتى. چاقلىق ئورۇندۇق خۇددى بوۋاينىڭ ئىچىدىكى ئۈنسىز يىغىسىنى سىرتقا تېپىپ ئىڭرىغاندەك غىچىرلاپ، جانسىز نالە قىلدى. ئەسلىدىمۇ قايسىدۇر بىر بەختسىزدىن ئېشىپ قالغان بۇ كونا ئورۇندۇق شۇ كۈنلەردە بەكلا ئاۋاز چىقىرىدىغان، خۇددى بوۋاينىڭ ئۆمرىگە ئوخشاش پات ئارىدا كاردىن چىقىدىغاندەك بولۇپ كەتكەن ئىدى.

  ــــ سىزگە نەچچە دېدىم، پەقەتلا كۆڭۈلشىمىدىڭىز، بۇ چاقلىق ھارۋا بەكلا ئەسكىرەپ، ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ، يېڭىدىن بىرنى سېتىۋالساق بولاتتى،ــــ دىدى قىزى.

  ــــ مەن سۈرۈشتىسىنى قىلاي. ئەمما ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ قىش كىرگىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل ئۈششۈكمۇ بالدۇرلا ئۇردى. ھاۋامۇ مۇزلاپ كېتىپتۇ، قىشىنچە دادامنى ئىتتىرىپ بىر يەرگە ئاپارمىغاندىكىن دەپ ھارۋىنىڭ ئىشىنى كېيىنگە قويغانتىم،ـــ ئېرى گەپ توقۇشقا ئۇستا ئىدى، كۆزلىرى ھەر قاچان چاقناپ تۇراتتى، ئەمما بۇ كۆزلەردە ئەقىل-پاراسەتكە قارىغاندا تولىراق ئاچكۆزلۈك، ھىيلىگەرلىك ئەكس ئېتەتتى. ئاشۇ خۇيلىرى بىلەن خوتۇنىنى بىردەمدىلا ئەيۋەشكە كەلتۈرەلەيتتى.

  ـــ ئۇ دېگىنىڭىزغۇ شۇ... مەيلى ئەمىسە، ئۆزىڭىز بىلىڭ،ـــ دېدى قىزى دەقىقىمۇ ئويلىنىپ تۇرمايلا.

  بوۋاينىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، يېڭى ھارۋىدا ئولتۇرالمىغىنىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بالىلار ئۈچۈن شۇنچىلىك پۇل خەجلەشكىمۇ ئەرزىمىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا ئېچىنغان ئىدى.

  ــــ ئۇنچە كۆپ بىنانى نېمە قىلىمىز؟ پۇللا دەيلى... پۇللا بەرسۇن! ـــ دېدى كۈيئوغلى چاي ۋاقتىدا. ئۇلارنىڭ بايا ئاشخانا ئۆيدە ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ بىر ئىشلار توغرۇلۇق پىچىرلىشىپ تۇرغانلىقىنى بوۋاي ئاڭلىغان ئىدى. كۆرۈنۈپ تۇراتتىكى، كۈيئوغلى پوسۇققىدە دەۋاتقان بۇ گەپلەر ئاشۇ پاراڭنىڭ ئاخىرى ئىدى.

  ــــ شۇنداق بولسىمۇ ئىككى يۈرۈش ئۆي ئېلىپ قويايلى... بالىمىز ئوغۇل تۇرسا؟

  ــــ ئەمىسە دۇكان ئۆي ئېلىپ قويايلى، پۇل تاپىدۇ، بىكار تۇرمايدۇ... ھە راست، ئۇلار قاچان كېلىدىكەن؟ـــ كۈيئوغلىنىڭ قاپقارا كۆزلىرى پارقىراپ كەتكەن ئىدى. سۆزلىرىدىكى ئاچكۆزلۈكنى شۇ كۈنلەردە ھەر قانچە قىلىپمۇ يوشۇرالمايۋاتاتتى.

  ــــ ھېلى سائەت 10 لار بىلەن كىرىمىز دەيدۇغۇ...

  ـــ بەك ئويلىنىپ قىل جۇمۇ گېپىڭنى... تۈنۈگۈنتىن بۇ گەپ يوق تۇراتتى يا؟ زىيان تارتىپ قالمايلى يەنە.

  ــــ ۋاي تاڭ... ئەتىگەندىلا سۈتكە چىقىپ كېتىۋاتقاندا تېلېفون قىپتۇ شۇ. قارىغاندا يېقىندىلا ئېلىپ كەتكۈدەك.

  ــــ ئەجەب تېزلا-ھە؟ ئاڭلىسام ئۇ يەرگە ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرغۇدەك. بىزنىڭكى بىلەن قوشۇلۇپ بەش-ئالتىچە ئائىلىنىڭ ئۆيىنى ئېلىپ كېتىدۇ دەيدۇ... ۋاي ئېسىت، شۇنچە يەرنى ئاق قويغۇچە بىر خىشلىق قىلىپ تام قوپۇرۇپ قويساقچۇ؟ خېلى ۋەج كېلىپ قالاركەن. ھەي، باغدا قانچە تۈپ مېۋە كۆچىتى باردۇر-ھە؟ بىر تۈپ مېۋىگە 500 كويدىن بېرىدۇ دەيدۇ، ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئىككىمىز بەلەن ساناپ قويۇپ كېلىلى-ھە، رابىيە؟...

  ــــ ....

  قىزى نېمىشقىدۇر ئۈندىمىدى، بوۋاي سەگەكلەشتى، ئاغزىغا چاي تېقىۋاتقان قىزىغا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ لەپپىدە قارىۋىدى، قىزىمۇ بىر ئەپسىزلىك بىلەن ئېرىگە ئالىيىپ قويۇپ دادىسىغا چۈشەندۈردى:

  ــــ دادا، قارا دۆڭدىكى زېمىننى ھۆكۈمەت ئېلىپ كېتىپ قۇرۇلۇش قىلغۇدەك... بۇ گەپ چىققىلى خېلى بولغانتى... ئاخىرى راستقا چىقىپتۇ، بايا مەن چېقىش ئىشخانىسىدىن، دەپ بىر ئەر كىشى تېلېفون قىپتىكەن، ھېلىراق كىرىپ سەن بىلەن كۆرۈشكۈدەك...

  ــــ دادام مۇشۇنداق ياتسا نېمە دېيەلەيتتى؟ دادامنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەمدىكىنا؟ـــ كۈيئوغلى تەنە بىلەن ھىجايدى-دە، ياشلارغا خاس كۆرەڭلىك بىلەن ئۇچلۇق ئېڭىگىنى بوۋايغا قارىتىپ مىدىرلىتىپ قويدى.

  ــــ ئۇلارمۇ شۇ دادامنى سوراۋاتىدۇ... كىرىپ ئەھۋالنى كۆرسۇن، ئاندىن بىر نېمە دېيىشمەمدۇق؟

  توققۇز ياشلىق نەۋرىسى سۈت ئىچمەيمەن دەپ قەغىشلىق قىلىپ، قىزىنىڭ گېپىمۇ، بوۋاينىڭ چېيىمۇ جايىدىلا قالدى... نەۋرىسى يىغلاشقا باشلىدى:«تۇخۇم يەيتتىم، سۈت ئىچمەيتتىم» دەپ ئانىسىنىڭ كاللىسىنى قوچۇيتتى. بۇنىسى يەتمىگەندەك ئېرىمۇ ھاپىلا- شاپىلا چېيىنى ئىچپ بۇلۇپ:«چاپىنىم قېنى؟ پايپىقىم قېنى؟ سومكام نەدە؟...» دەپ خوتۇنىغا ۋارقىرىغىلى تۇردى. ھەر كۈنى شۇنداق ئىدى. بوۋاي ئۆي ئىچىدىكى ئۈچ ئەر كىشىگە يېتىشىپ بولالماي پالاقشىپ يۈرگەن قىزىغا مۇشۇنداق چاغدىلا ئىچى ئاغرىپ قالاتتى. ئەمما بۈگۈن بوۋاينىڭ قۇلىقىغا بۇ ۋايساشلار، قاقشاشلار كىرمىدى، چۈنكى بوۋاي قورققان كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى.

  ئۈچ مو يەردىكى كونا قورو جاي چېقىلىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ قورو جاي بوۋاينىڭ ئاتا-ئانىسىدىن مىراس بولۇپ ئۇنىڭغا قالغان ئىدى. بوۋاي:«دادامنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيمەن» دەپ، ياشلىق چاغلىرىدىمۇ ئىدارىسىدىن بەرگەن خېلى ئېسىل بىنا ئۆيلەردىن ۋاز كېچىپ، ئاشۇ ئۆيدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلمىغان ئىدى. تاكى ئۇ ھۇشىنى يوقىتىپ، پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئىگە بولالماس دەرىجىگە چۈشۈپ قالغۇچە شۇنداق بولغان ئىدى. بوۋاينىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. مەيلىلا... قانداقلا بولسا بولىۋەرمەمدۇ؟ شۇنچىلا كەڭرى قورو جاي بوۋايغا نېمە بېرەلىدى؟ ئاشۇ سۆيۈملۈك ئايخاننىمۇ باغرىدا ئېلىپ قالالمىدىغۇ؟... بۇلار تويسۇن! شۇ كونا ۋەجگە كەلگەن ئۆي، پۇل... ھەممىسىگە تويسۇن! تويىدىغانلا ئىش بولسا مەيلىغۇ؟ مەيلى دېمەيمۇ بوۋايغا ھېچ ئامال يوق... كۈيئوغلى توغرا ئېيتىدۇ... بوۋاي ئەمدى كاردىن چىقتى.«مېنىڭ،ئۆزۈمنىڭ» دەيدىغانغا ئۆزىگە تەۋە ھېچنېمىسى قالمىدى، ھەممە نەرسىلىرى مۇنۇ قىزىغا، كۈيئوغلىنىڭ باشقۇرشى- ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتتى...

  ــــ ئۇھ... دادا-بالا ئىككىسىنى ئاخىرى ماڭدۇردۇم. چېيىڭنى ئىچۈرۈپ قوياي، دادا،ـــ قىزى دادىسىنىڭ يېنىدا يەنە پەيدا بولدى، دادىسىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىۋاتقان ياشلىرىنى كۆرۈپ تەڭلىكتە قالغاندەك، ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك بىر قولايسىزلىق ئىچىدە:

  ــــ كۆڭلۈڭنى بۇزمىغىنە، چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىسەن،ـــ دېدى.قىزى نېمىشقىدۇر خىجىل بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ مۇشۇ كۈننى كۈتكەن ئىدى، مۇشۇ كۈن ئۈچۈن غايەت زور بەدەللەرنى تۆلەۋاتاتتى...

  ــــ بۈگۈن چۈشلۈك تاماقنى بېرىۋېتىپلا سېنى كونا جايغا ئاپىرىپ كېلەيمۇ، دادا؟ـــ دېدى قىزى بوۋاينىڭ كۆزلىرىدە زادىلا قۇرىمايۋاتقان ياشنى كۆرۈپ ئارامسىزلىنىپ. بوۋاينىڭ دەرد-ھەسرەتلىرى يىغىلىۋېرىپ، ئۇنى تىن ئالالماس قىلىۋەتكەندە، بوۋايدا مۇشۇنداق ئىپادە بولاتتى. ياشلىرى ئېقىپ توختىمايتتى. بوۋاينىڭ بۈگۈنكى ھەسرىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى قىزىغا ئايان ئىدى، ئۇ دادىسىنىڭ ئاشۇ كونا زېمىنغا بولغان مۇھەببىتىنى تامامەن چۈشىنەتتى. شۇڭا دادىسىنىڭ شۇ تاپتىكى ھەسرىتىنى، يىغىسىنى توختىدىغان بىردىنبىر ئامالنىڭ بوۋاينى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئاشۇ كونا زېمىنغا ئاپىرىپ- ئەكىلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندى...

  ــــ ئۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ھېلىقى جەنۇبلۇقلار ئالدىنقى ھەپتە كېتىپ قالدى. ساڭا دەي دېسەم كۆڭلى غەش بولۇپ قالمىسۇن دېدىم،ـــ دىدى قىزى يەنە.

  بوۋاي قىزىغا ياشلىق كۆزلىرى بىلەن «نېمىشقا؟» دېگەندەك قارىدى.

  ـــ چېقىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ ئاڭلىغان بولسا كېرەك... باشقا يەردىن ئۆي تاپقان ئوخشايدۇ،ـــ قىزى شۇنداق دەپلا دادىسىنىڭ ئاقارغان ساقاللىرىغا چاپلىشىپ كەتكەن نان يۇقلىرىنى خۇددى چىنىنىڭ تېشىنى ئېرتىۋەتكەندەك قوپاللا سۈرتىۋەتتى...

  ـــ ھامماچامنى چاقىرىپ كېلەيلىمۇ يا دادا؟ ئۇنىڭ ئەقلى چوڭ، ئاۋۇ خەق كىرگەندە يالغۇزلۇق قىلىپ قالماي،ـــ دېدى قىزى خۇددى ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك. بوۋاي سۆزلىيەلمىگىنى بىلەن كۆزلىرى ئارقىلىق شۇنداق دەۋاتاتتى:«ھامماڭنى ئەمەس، ئايخاننى چاقىر! ئۇنىڭ بۇ ئۆيدە بىر كىشىلىك ھەققى بار! ئۇ ئېسىل ئايال، ھېچكىمنى كۆيدۈرۋەتمەيدۇ!» ئەمما قىزى دادىسىنىڭ كۆزلىرى تۆكۈۋاتقان مۇڭنى چۈشەنمەيتتى ياكى چۈشىنىشنى خالىمايتتى.

  ـــ ۋاي بولدىلا... ئۇنى چاقىرغىچە ئاۋال گېپىنى ئاڭلاپ باقمايلىمۇ ھە دادا؟ـــ قىزى دادىسىنىڭ ئاشۇ ھامما ئانىسىنى بەكمۇ يامان كۆرىدىغانلىقىنى شۇندىلا ئېسىگە ئالغاندەك، دادىسىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكەن قاپاقلىرىغا بىرلا قارىۋېتىپ، دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىۋالدى.

  شۇ كۈنلەردە قىزى ئۆزگىرىپ غەلىتىلا ھىيلىگەرلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ مىجەزىدە قۇۋلۇق، ساددىلىق، بېخىللىق-سېخىيلىق، ھەتتا ھارامزادىلىك... ھەممىسى باردەك ئىدى، بارغانچە ئېرىنى دوراپ كېتىۋاتاتتى. دادىسىنىڭ، ئېرىنىڭ، باشقىلارنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە بەكمۇ ئۇستىلىشىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاينى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغىنى ــ قىزىنىڭ بۇ ئۆزگىرىشى قىزىدا نۇرغۇنلىغان يامان خۇيلارنى پەيدا قىلغان ئىدى... ئۇنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى كەم ئىدى. ئېرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايتتى، ئېرىنى بۇ ئۆيدىكى بارلىق مۈلۈك ھەم ئادەملەرنىڭ، ھەتتا دادىسىنىڭمۇ ھەممىگە ھوقۇقلۇق خوجايىنىدەك كۆرەتتى. بوۋاينىڭ مائاش كارتىسىدىن تارتىپ كونا جاينىڭ ئىگىدارچىلىق گۇۋاھنامىسىغىچە كۈيئوغۇلنىڭ قولىدا ئىدى... قىزى بوۋاينىڭ ياردىمىدە قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، ئادۋۇكاتلىق ئىمتىھانىدىنمۇ ئۆتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشقا زادىلا كۆڭۈل بۆلمىدى، ھەتتا بىرەر ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا ئىش ئىزدەپ بېرىپمۇ باقمىدى. ئۇنىڭدا كەم بولغىنى داۋاملىق تەربىيەلىنىش، ھەم ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئىدى. ئۇ ھەر قاچان ئۆزىنى ئېرىگە، دادىسىغا تايىنىپ ياشايمەن، دەپ قارايتتى. قىزىنىڭ قەلب دۇنياسىدا بۇ تۇيغۇ ھەر قاچان ئەقىل-ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇراتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر