باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى پارچە چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇۋالغان بايىنغولىنلىق قىز ئۈندىدار ئارقىلىق يەنە بىر چاقىرىق قەغىزىنىڭ ئىگىسىنى ئىزدىدى

2015.08.19 10:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17 -چېسلا، بايىنغولىن ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەينۇرە ياسىن شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇ ئىنتايىن خۇشال ھالدا كونۋېرتنى ئاچقاندا ئۆزىنىڭ چاقىرىق قەغىزىدىن باشقا يەنە بىر ئوغۇل بالىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنىڭ بىللە كەلگەنلىكىنى بايقىغان.زەينۇرە تېلېفوندا مۇخبىرغا، يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ چاقىرىقىنىڭمۇ شىنجاڭ مالىيە ـ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىكەنلىكىنى ، ئىنىستىتۇت ۋە كەسپىنىڭمۇ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ئېيتتى. زەينۇرە چاقىرىق قەغىزى تاپشۇرۇپ ئالالمىغان ئوقۇغۇچى چوقۇم بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۆزىمۇ ئولتۇرالمايلا قالغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئەتراپىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قېتىم سورىغان، بىراق ھېچكىم يەنە بىر چاقىرىقنىڭ ئىگىسىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  17-چېسلا چۈشتە، ئۇ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە« چاقىرىقنى خاتا قاچىلاپ قويدىمۇ بىلمىدىم، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى مېنىڭ چاقىرىق قەغىزىم بىلەن بىللە كېلىپتۇ. مەن ھازىر چاقىرىق قەغىزىنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەيمەن. » دەپ ئۇچۇر تارقاتقان ۋە چاقىرىق قەغىزىنىڭ سۈرىتى ۋە ئۆزىنىڭ يانفون نومۇرىنى قوشۇپ قويغان.

  تورداشلار بۇ ئۇچۇرنى كۆپ قېتىم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، مۇڭداشقۇ توپى، مىكرو بلوگلاردا تارقاتقان. 17-چېسلا سائەت 18:00لەردە، بۇ چاقىرىق قەغىزىنىڭ ئىگىسى ــ ئۈرۈمچىدىكى زۇلپىقار ئابلىمىت ئىسىملىك ئوقۇغۇچى زەينۇرە بىلەن ئالاقىلاشقان.زۇلىپقار ئەينى چاغدا بۇ ئۇچۇرنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن كۆرگەندە قورقۇپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى دوستىنىڭمۇ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ توردا زۇلپىقارنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.

  ھازىر زەينۇرە بىلەن زۇلپىقار مەسلىھەتلىشىپ بولغان بولۇپ، ئوقۇش باشلانغاندا زەينۇرە چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپ بارماقچى بولغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر