باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ،

ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

2015.08.17 16:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈز بەردى، بولۇپمۇ تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12 - ئاۋغۇست پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى، مال - مۈلۈك كۆيۈپ كەتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 15 - ئاۋغۇست يەنە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەزمەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسئۇلىيەت. تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12 - ئاۋغۇست يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى ۋە يېقىندا بەزى جايلاردا كەينى - كەينىدىن يۈز بەرگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى زور ۋەقەلەر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. قانلىق ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر، بۇ ساۋاقنى جەزمەن ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، <<بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت>> ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خەۋپلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ۋە ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ياخشىلىنىش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى»دەيدىغان ئاڭنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا، بەزى جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى، بولۇپمۇ تيەنجىن پورتىدىكى «رۈيخەي» شىركىتىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا 12 - ئاۋغۇست پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتى، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى، زىيان ئىنتايىن ئېغىر، ساۋاق ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. جايلار، تارماقلار ئاممىنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشى، بولۇپمۇ خەتەرلىك خېمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، زور ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن 15 - ئاۋغۇست مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە، تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ ۋە لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، «قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەتئىي زەربە بېرىش» ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما كەي يىغىندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى چوڭقۇر شەرھىيەلەنگەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تېخىمۇ ئېنىق، كونكرېت، قاتتىق تەلەپلەر قويۇلغان بولۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، پۇقرالار ئىشلىتىدىغان پارتلايدىغان سايمانلار، پوجاڭزا، لېفىت، كانلار، قاتناش - تىرانسپورت، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى ۋە ئىچكى دەريا تىرانسپورتى، پورت، پىرىستان، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇن قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردا جىددىي سەپەرۋەرلىك قىلىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، «يۇشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، قاتتىق باشقۇرۇش، ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش»نى باش نىشان قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئالتە نۇقتىلىق ساھە بويىچە قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە بەلگىلىمە، نىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەرتىپكە سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. رايون خاراكتېرلىك ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن - تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقىرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر