باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەچ سائەت 10غا جاڭ ئۇردى، بوۋاي تېخى ئۇخلىمىغان، ھەتتا ئۈگدەپمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى شۇ تاپتا كەڭ دېرىزە ئەينەكلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان چەكسىز ئالەم بوشلۇققا تىكىلىپ قالغان ئىدى. خۇددى قاپقارا مەخمەلگە كۆڭۈل قويۇپ قادالغان گۈزەل ياقۇتلاردەك چاراقلاپ يانغان يۇلتۇزلار، يان ئەينەكتىن بوۋايغا مەيۈسكىنە بويۇن قىسىپ قاراپ تۇرغان ئاينىڭ داغ باسقان نۇرسىز چىرايىغا روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى... ھەر قېتىم ئاينى كۆرگەندە بوۋاي نېمىشقىدۇر ئايخاننى ئەسلەپ كېتەتتى، ئاينىڭ ئاشۇ داغ باسقان كەڭ كەلگەن يۈزى ئايخاننىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئاي بىلەن ئايخان بەزىدە بوۋايغا ھەتتا بىر تەن بىر جاندەكمۇ تۇيۇلۇپ كېتەتتى. شۇ تاپتىمۇ ئاينىڭ سۇس كۈلرەڭ يۈزى ئايخاننىڭ ئامالسىزلىق چىقىپ تۇرغان بىچارە كۆزلىرىدەكلا بوۋايغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى...

  ـــ ئامالىم يوق... رابىيە مېنى قوغلاپ چىقاردى، ھېچنېمە ئالمايمەن، دادىڭىزنىڭ يېنىدا خىزمىتىنى قىلساملا باشقا ھېچنېمىدىن تامايىم يوق، ھۆججەت يېزىپ بېرەي، دېسەممۇ ئۇنىمىدى، بوۋاي... مېنىڭدىن رازى بولۇڭ... كىچىكلىكىدە ماقۇل دەيدىغان بالىلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ بىلگىنىگە ئاپىرىدىكەن، قېرىغاندا ھېچنېمىگە ئىگە بولالمايدىكەنمىز، ھەممە ئىشلار بالىلارنىڭ رايى بويىچە بولىدىغان گەپكەن... «نامەرد بالىسىدىن قورقىدۇ» دەيتتىڭىز بوۋاي... مەن نامەرد ئوخشايمەن، بالىلىرىمدىن، سىزنىڭ قىزىڭىزدىن قورقتۇم... قورقماي نە ئىلاج؟... كىممۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، «دات-پەريات» دەپ يۈزىنى سىيرىشنى خالايدۇ دەيسىز؟... مېنىڭچە بولسا ئايىغىڭىزدا خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى... ئەمما شۇنىڭغىمۇ كۈچۈم يەتمىدى...بۇندىن يېرىم يىل ئىلگىرى ئايخاننىڭ مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتقان مىسكىن ئاۋازى بوۋايغا يەنە ئاڭلاندى. بوۋاينىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ، كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى، بوۋاي پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغاندىن بۇيان خۇددى كىچىك بالىلاردەك ھە دېسە كۆزلىرىگە ياش كېلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بولۇپمۇ ئايخان ئېسىگە كەلگەندە ئۆزىنى ھەر قانداق قىلىپمۇ تۇتۇۋالالمايتتى. ئايخاننىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ھەر دائىم ئۇنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلاتتى.

  ــــ جىم بولۇڭە... دادام تېخى ئۇخلىمىدى...

  ـــ نەدىكىنى... ئاڭلىغىنە... خورىكى ئاڭلىنىۋاتىدۇ... ئەسكىلىك قىلما...

  ــــ تېخى... تۈنۈگۈنلا...

  ــــ بىز يا قېرى بولمىساق... تۈنۈگۈن بولسا نېمە بوپتۇ؟ بۈگۈن بولسا نېمە بوپتۇ؟...

  ــــ ئەسكى... ئەمىسە ھېلى يۇيۇنغاندا ئاغزىڭىزنى بوش چايقاڭ-ھە؟... بۇرنىڭىزنىمۇ... ئىشىكنى مەھكەم يېپىڭ... دادامدىن خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن.

  ـــ ۋاي-ۋۇي، ماقۇل دېدىمغۇ... بىلدىم، كوت-كوت موماي... داداڭنىڭ قۇلىقىمۇ كاردىن چىقىپ بولدىمۇ، كىم بىلىدۇ... كۈن بويى ھېچنېمىنى ئاڭلىماس، ھەتتا كۆرمەس كىشىدەك ئولتۇرىدىغانلا بولۇپ قاپتۇغۇ ھازىر...

  ـــ نەدىكىنى؟ دادام ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ... سېزىمى ھەر ھالدا ياخشى...

  يان ئۆيدىن خېلى بۇرۇنلا ئۇخلاشقا كىرىپ كەتكەن قىزى بىلەن كۈيئوغلىنىڭ ئاۋازى بوۋاينىڭ ئايخان بىلەن بولغان خىيالىي مۇڭلىرىنى ئۈزۈۋەتتى... كۈيئوغلى خىرىلداپ كۈلدى، نېمىلەردۇر ئۆرۈلگەندەك، «گۆلۈپپىدە» قىلغان ئاۋازلاپ كەلدى. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ھاسىرىغان، پۇشۇلدىغان، تاتلىق شىۋىرلىشىۋاتقان... ھەتتا قىزىنىڭ نازلانغان... ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى...

  بوۋاينىڭ سېزىمى ھەر ھالدا يامان ئەمەس، ھەر چاغدىكىدىنمۇ ياخشى ئىدى. تىرىققىدە قىلغان ئاۋازمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرەتتى. بوۋاي پالەچ بولۇپ ياتقان مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ پۇراش، ئاڭلاش سېزىمى غەلىتىلا ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ھەتتا ئۇ ياق- بۇ ياققا مېڭىپ كېتىۋاتقان زەي قۇرۇتىنىڭ، ئۇچۇۋاتقان كېپىنەكنىڭ، پاشا، چىۋىن، كۇمۇتىلارنىڭ ئىنتايىن يېنىك، سۇس ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالايتتى. گويا پۈتۈنلەي سېزىشتىن قالغان بارلىق تۇيغۇلىرى كاردىن چىققان ئەزالىرىنى تاشلاپ ئۇنىڭ ئاشۇ يوغان ھەم قېلىن قۇلاقلىرى بىلەن بۈركۈتنىڭكىدەك ئىلمەك بۇرنىغا مەركەزلىشىپ قالغاندەك ئىدى...

  يان ئۆيدىن ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىۋاتقان بايىقى ئاۋازلار بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. بوۋاينىڭ يۈزلىرى چىمىلداپ، سېزىمىنى يوقاتقان ۋۇجۇدىمۇ بىر خورلۇق، نۇمۇس ۋە ئاھانەت بىلەن تىكەنلەشىپ كېتىۋاتقاندەك بولدى. شۇ تاپتا ئۇ ھېچ ئىش قىلالمىغاندىمۇ، قوللىرى بىلەن قۇلىقىنى مەھكەم ئېتىۋالغان بولسا-ھە؟... ئەمما بوۋاي ئۇنداقمۇ قىلالمايتتى، چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى كاردىن چىققان ئىدى، قوللىرىنى ئەركىن مىدىرلىتىش تۈگۈل، «ئاۋازىڭنى ئۆچۈرۈش!...» دەپ توۋلىيالايدىغان تىلىمۇ يوق ئىدى. بوۋاي سۆزلىيەلمەيتتى، خۇددى قەپەسكە قامىلىپ چىقالمايۋاتقان تىلسىز جانۋارغىلا ئوخشايتتى. ئۇ ھەر كۈنى بولمىسىمۇ، كۈن ئارىلاپ بولۇپ تۇرىدىغان بۇنداق خورلۇققا چىداپ كېلىۋاتقىلى بىر يىل بولغان ئىدى. «بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس... ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئىش...» بوۋاي ئازابىنى، ئۆزىدىكى خورلۇق تۇيغۇسىنى يوقىتىش ئۈچۈن بۇ كېچىدىمۇ شۇنداق ئويلاشقا ئورۇنۇپ كۆردى. ئەمما يۈرىكى ئوخشاشلا كۆيۈپ تۇرۇۋاتاتتى. خۇددى بۇ ئۆيدە بىرىنچى قېتىم مۇشۇ خورلۇققا ئۇچرىغان چاغدىكىدەك سېزىمسىز گەۋدىسى تىكەنلەشتى. ئۇ ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئازابقا دۇچ كەلگەندە كۆز ئالدىغا نېمىشقىدۇر ياش چاغلىرىدا كۆرگەن جۇڭگو ياپونىيە ئۇرۇشى تەسۋىرلىنىدىغان كىنو فىلىمى كېلىۋالاتتى. ئاشۇ فىلىمدە بىر ياپونلۇق ئەسكەر كەمبەغەل پۇقرانى ھويلىدىكى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ كۆزىچىلا غۇنچىدەك ناتىۋان ياش قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلاتتى. ئەمما بىچارە دادا تۈۋرۈكتىن بوشۇنالماي، ئەلەم-ھەسرەت ئىلكىدە بېشىنى ھەريان ئۇرۇپ قەھىر قىلىپ توۋلايتتى، ئەسكەرنى تىللايتتى، خۇداغا نالە قىلاتتى... بۇ كۆرۈنۈش ھەر قېتىم بوۋاينىڭ كۆز ئۆڭىدە زاھىر بولغاندا، ئاشۇ كۆرۈنۈشتىكى ئادەملەرنىڭ چىرايى تۇرۇپلا ئۆزى، قىزى ۋە كۈيئوغلىغا ئۆزگىرىپ قالاتتى...

  بوۋاينىڭ يۈزلىرى ھەر قاچانقىدەك تارتىشىپ كەتتى، كۈيئوغلىدىنلا ئەمەس، ھەتتا قىزىدىنمۇ سەسكىنىپ كەتتى. ھەر قېتىم شۇنداق ئىدى، ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ نەزىرىدىكى ئاشۇ غۇبارسىز-پاك قىزىنىڭ كارۋاتنىڭ ئۈستىدىكى قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا ئەكىلەلمەيتتى، ئەكىلىشتىنمۇ ئۇيۇلاتتى... بىردىنبىر ئۇسۇل، بوۋايغا ياقىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل ـــ كۈيئوغلىغا نەپرەتلىنىش، چەكسىز نەپرەتلىنىش... ئۇنى ئاشۇ نومۇسسىز ياپون ئەسكىرىنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرۈشلا ئىدى... كۈيئوغلى ئادەتتە بىپەرۋا، تۈز كۆرۈنگىنى بىلەن باغرى قاتتىق، رەھىمسىز، قۇۋ-ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە بوۋاينىڭ قىزىنى ئالقىنىغا ئېلىۋالغان ئىدى. گەپنى ئەگىتىپ كېلىپ قىزىنى ئۆزىنىڭ يولىغا باشلايتتى، بوۋاي ئۇنى ھەقىقىي چۈشەنگەندە بەكمۇ كېچىككەن، ئاللىبۇرۇن ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

  بوۋاي سەسكىنىپ كەتتى، كۆزلىرىدىن ياشلار سىرغىدى... ئاھ، بۇنداق ناشايىن ئاۋازنى ئاڭلاپ، بىلىپ ياتقاندىن، كۈيئوغلىنىڭ ئالدىدا شۇ دەرىجىدە خورلىنىپ، كۆزگە ئىلىنماي ياتقاندىن ئۆلۈپ كەتسەم قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟!... بوۋاي ئىڭراپ كەتتى، ئەمما بۇ ئىڭراش يەنىلا تىلىنىڭ بېرىسىگە ئۆتمىدى... ئىچىگە سىڭىپ كەتتى...

  شۇ ھالدا يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتتى، بوۋاي ئۈچۈن بۇ يېرىم سائەت گويا يىڭنىنىڭ ئۈستىدە ئازاب بىلەن تولغىنىپ جازا ئۆتەۋاتقان بەختى قارا جىنايەتچىنىڭ ۋاقتىدەك ئۇزۇن ھەم ئازابلىق ئىدى...

  بىر چاغدا قىزى پىچىرلاپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئېچىپ بەردى، كۈيئوغلى ئاغزىدا ھە دېگىنى بىلەن بىخارامان، غالىبلارچە مۇنچىغا كىرىپ كەتتى، جۈمەكتىكى سۇنىڭ قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك شارقىرىغان ئاۋازى، ئارقىدىن كۈيئوغلىنىڭ غارقىرىتىپ ئېغىز چايقاۋاتقانلىقى، بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ يۇيۇۋاتقانلىقى، سۇنىڭ شالاقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى... بوۋاي ھەتتا كۈيئوغلىنىڭ ئاۋاز چىقىرىپ تۇرۇپ:«نىيەت قىلدىم غۇسلى قىلاي مەن دەپ...» دەپ پىچىرلاپ ئايەت ئۇقۇۋاتقاندىكى ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالىدى... ئارقىدىن شىپىلداپ قىزى مۇنچىغا كىرىپ كەتتى، گەرچە بىچارە قىز سۇنىڭ بېسىمىنى پەسلىتىپ تىۋىش چىقارماي يۇيۇنىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق سۇنىڭ چىنە خىشقا چۈشكەندىكى ئاۋازىنى پەسەيتەلمىدى... بوۋاي بۇ ئاۋازدىنمۇ قاتتىق يىرگىنەتتى، ئۇنىڭ تېنى غۇژۇلداپ كەتتى، يۈزى ھۈپپىدە قىزارغاندەك بىر ئارامسىزلىق يۈرىكىنى سىرقىرىتىۋەتتى... ئۇنىڭ كۆزىگە قىزى مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرالمايدىغان، تولىمۇ بوشاڭ ۋە كۆڭۈلچەك بولۇپ كۆرۈندى. بوۋاي ئېغىر خۇرسىندى، بۇ خۇرسىنىش چارىسىزلىق، ئىلاجىسىزلىق ھەم بارلىق دەرد- ھەسرەتنىڭ چوڭقۇر ھاڭىدىن چىقىۋاتقاندەك ئىدى. دەرۋەقە بۇ ھاڭ، بۇ ساقايماس نەس كېسەل بوۋاينىڭ يىقىلغان گىگانت قارىغايدەك بەستىگە بەكمۇ-بەكمۇ چوڭقۇرلاپ كەتكەن ئىدى...

  بوۋاينىڭ ئىچى تىتىلداپ، مېڭىسى تۇماندا قالغاندەك كۆڭلى، كۆزى خىرەلەشتى. ئۇ خۇددى كىچىك بالىلاردەك دېرىزىدىن ھېلىھەم ماراپ تۇرغان مىسكىنگىنە ئايغا ئىلتىجا بىلەن پىچىرلىدى:

  ــــ ئېھ، ئايخان... مېنى بۇ دوزاختىن ئېلىپ چىقىپ كېتەلىسەڭمۇ- ھە؟... بىلەمسەن؟ سەن يوق ھەر بىر كۈنۈم خىجىللىق، خورلىنىش، ئەلەم ۋە ھەسرەت ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ... قانچىلىك قىينىلىدىغىنىمنى، قانچىلىك نومۇس قىلدىغىنىمنى، قانچىلىك قورۇنىدىغىنىمنى ئۆزۈم، پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن...ـــ بوۋاي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، خۇددى بوغۇلغان كەپتەرنىڭ باچكىسىدەك ئاجىز، ئەمما تولىمۇ ھەسرەتلىك ئاۋاز ئۆينىڭ بۇلۇڭ-بۇلۇڭلىرىغا تارىدى...

  ــــ دادا؟...ـــ شۇ چاغدا قىزى ئىشىكنى ئېچىپ چىراغنى ياندۇردى، ئۇ ئادەتتە ھىچقانداق ئاۋاز چىقارمايدىغان دادىسىنىڭ ئۆيىدىن غەلىتىلا بىر ئاۋازنى ئاڭلىيالىغان ئىدى.

  بوۋاي جىممىدە يېتىۋالدى، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى. ھەر نېمە دېگەن بىلەن قىزى ئۇنىڭ يېنىغا كەلمىدى. ئۆينىڭ ئىچىنى ئەتىر سوپۇننىڭ مېزىلىك پۇرىقى بىلەن قانداقتۇر بىر نەملىكنىڭ پۇرىقى بىرلا ئالدى. قىزى سۇ چىپىلداپ تۇرغان چېچىدىن نومۇس قىلدىمۇ ياكى دادىسىنىڭ ھەر چاغدىكىدەك جىممىدە ياتقىنىدىن كۆڭلى تىندىمۇ، ئىشىكنىڭ تۈۋىدە ئارىسالدى بولغاندەك بىردەم تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، چىراغنى قايتا ئۆچۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

  ـــ دادامنىڭ ئۆيىدىن يىغلىغاندەك ئاۋاز ئاڭلاندى بايا...

  ــــ داداڭ ھېچقانداق ئاۋاز چىقىرالمىسا، قانداقمۇ يىغلىيالىسۇن؟... ساڭا ش ۇنداق تۇيۇلغان گەپ.

  ـــ لېكىن ئېنىقلا شۇنداق ئاڭلىدىم...

  ــــ مۇمكىن ئەمەس، دوختۇر ئۇنى ھېچقانداق ئاۋاز چىقىرالمايدۇ، دېگەن تۇرسا؟...

  ــــ دوختۇر دېگەن ئاغزىغا كەلگەننى دەيدىكەن... دادامنى بەلەن كۈتۈنسىلا ھەتتا مېڭىپ كېتىدۇ دېگەنتى.

  نەدىكىنى؟بارغانسېرى سەزمەس بولۇپ كەتتى... ئىلگىرى سول پۇتى ئازراق سېزەتتى، ئوڭ قۇلىنىڭمۇ خېلى جېنى بار ئىدى، ھازىرچۇ؟... سەزمەسلا بولۇپ كېتىپتۇ... چاقلىق ئورۇندۇقتىمۇ دىققەت قىلمىسام سىيرىلىپ كېتىدىكەن.

  ــــ ئايخاننى ئەكىلىپ بەرسەڭ بولامدىكىن يە؟ ھى ھى ھى...ـــ كۈيئوغلىنىڭ بوۋاينى مازاق قلىۋاتقاندىكى يىقىمسىز ئاۋازى ئاڭلاندى، ھەر قېتىم ئايخاننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا ئۇنىڭ دورداي كالپۇكلىرى سەتلا پۈرۈشۈپ، مەسخىرە بىلەن كۈلۈپ كېتەتتى.

  ـــ ئاشۇ جادۇگەرنىڭ ئىسمىنىمۇ چىقارماڭە... جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ، دادامنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرمەيمەن!

  ــــ ھە راست، بۈگۈنكى ئىشنى ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپتىمەن، ئادىل بىر مۇنچە گەپ كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئادىلنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، ئاشۇ ئايخان داداڭنى كۈتسە، داداڭ ساقىيارمىش... كۆڭلى خۇشال تۇرمىسا، بارغانچە ئېغىرلاپ كېتىدۇ، دەپتۇمىش.

  ــــ تايىنلىق ئىسسىغىدا يەي دېگەندۇ... ئايخانغا دادامنىڭ 3000كوي مائاشى بولمىسۇنچۇ قېنى، باقامدىكەن؟ ئۇ جادۇگەر ئاشۇ كونا زېمىن بىلەن دادامنىڭ مائاشىغىلا كۆز تىكىدۇ. ئۇ خۇتۇننى مەنمۇ ئۆتكەن بازاردا كۆرگەن، ماڭىمۇ شۇ گەپنى قىلدى... ئادىلنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەمدى يەنە شۇنداق دېسە ئۇ خوتۇننى ئاياپ قويمايمەن جۇمۇڭ...

  ــــ شۇ، ھازىرقى خوتۇنلار يامان بولۇپ كېتىپتۇ. يەيمەن، خەجلەيمەن، راھەت كۆرىمەن دەپلا بىر ئەرنىڭ كەينىدىن يۈرىدىكەن. نەپ بولسا داداڭدەك پالەچ بوۋايغىمۇ يىلىمدەك چاپلىشىپ تۇرىدىكەن، نەپ چىقمىسا نى-نى ئەركەكلەرگىمۇ قاراپ قويمايدىكەن...

  ــــ ئەجەب ھازىرقى خوتۇنلار دەپ ھەممىنى بىر يولىلا ھەيدىدىڭىزغۇ؟ مەنچۇ؟... بار-يوقىغا شۈكرى قىلىپ يۈرۈۋاتقاندىمەن ھازىرغىچە؟

  ـــ ۋاي، نېمە دەپ ئۆزۈڭگە ئېلىۋالىسەن؟ دۇنيادا سەندەك ئاق كۆڭۈل ئايال تېپىلمايدۇ جۇمۇ؟ مەن تۇرماق قوشنىلارمۇ سېنىڭ داداڭنى قانداق بېقىۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا ۋاپادارلىقىڭلا...

  ـــ ئۆزۈمنىڭ دادىسى تۇرسا... قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ ئايخان دېگەن مەينەتكە تۇتقۇزۇپ قويسام قانداق بولىدۇ؟ ھاياتلا بولسام، ئۇنداق جادۇگەرنىڭ قاپقىنىغا ئۆزۈمنىمۇ، دادامنىمۇ دەسسەتمەيمەن...

  قىزى بىلەن كۈيئوغلىنىڭ يامان گەپ-سۆزلىرىدىن قاتتىق تەڭقىسلىقتا قالغاندەك بوۋاينىڭ يۈزلىرى قىزىشتى. بىر ئىلتىجا بىلەن يەنە دېرىزىدىن ماراپ تۇرغان ئاينىڭ تولغان يۈزلىرىگە قارىدى. ھالبۇكى، ئاي كۆرۈنمەيتتى، خۇددى ئاۋۇ ئۆيدىن ھېلىمۇ ئوقتەك ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان غەيۋەت-شىكايەتنى ئاڭلاپ خاپا بولۇپ كېتىپ قالغاندەك، ھېچ يەردىن كۆرۈنمەيلا قويدى... ئاينىڭ مۆكۈۋېلىشى بىلەن نېمىشقىدۇر ئاسمان يۈزى ئاستا- ئاستا قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. چاراقلاپ يانغان يۇلتۇزلارمۇ شۈمشىيىپ قالغاندەك، باسۇرۇپ كېلىۋاتقان كۈلرەڭ بۇلۇتلارغا تەسلىم بولماقتا ئىدى...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر