قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان قوراللىق كۈچلەر ئۈچ خىل ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى 17-ئاۋغۇست بېيجىڭغا قاراپ يول ئالغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مەشىقىگە قاتنىشىپ، 3-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ خىل ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى 100 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەربىي پارات ئۈچۈن ئۇلار بىر قانچە كۈن مەشىق ئېلىپ بارغان. ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان قوراللىق كۈچىنىڭ ئۈچ خىل ئارمىيەسى 2002-يىلى قۇرۇلۇپ، كۆپ قېتىم خەلقئارالىق چوڭ پارات پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. قازاقىستان خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى نەزەربايېفمۇ بۇ نۆۋەت جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىكەن.
قازاقىستان ئارمىيەسىدىن باشقا رۇسىيە ئەسكەرلىرىمۇ ھەربىي پاراتقا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىن كەلگەن 154-مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ 85 نەپەر ئارمىيەسىمۇ 18-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدىكەن. رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيەسى بۇ يىل 9-ماي موسكىۋا قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە پائالىيتىگە قاتناشقان ئىكەن.