باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(9)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا كۈيئوغلى ئۆڭسۆلى ئۆچكەن ھالدا ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى، ئۇ كىرىپلا بوۋاينىڭ بېشىغا ئۆتتى:

  ــــ دادا... ئايخاچامنى كۆردۈم، ئۇ چوڭ ئۆيدىن ھەممە نېمىسىنى ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى. سۈرۈشتۈرسەم، تاغدىكى چارۋىدىن 50 قوينى سىلىى ياتاققا كىرىپ قالغاندىلا دوختۇرخانىغا ئىشلىتىمىز دەپ سېتىۋېتىپتىكەن، مالچى شۇنداق دەيدۇ... ئايخاننىڭ ئوغلىنىڭ ماڭا دېيىشىچە، ئانىسى ئەمدى بۇ ئۆيگە كەلمەيدىكەن... مەن بارمىغان بولسام بىلمەسكەنمەن، كۆڭلۈم تۇيغاندەك بىر بېرىپ باقاي دەپ بېرىپتىمەن، قارىسام ماشىنا ھويلىدىن چىقىۋېتىپتىكەن،ئىچكىرىكى مېھمانخانىنى قۇرۇغداپلا قويۇپتۇ...

  ــــ ئۇ ئۆيدىكى نەرسىلەرنىغۇ ئۆزى ئەكەلگەن ئىدى... ئەمما مالنى سېتىۋەتكىنى قانداق گەپ بوپ كەتتى؟...ـــ قىزى تېڭىرقاپ ئېرىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ شۇنداق دېدى.

  ــــ مېلىنىمۇ ئېلىپ كېتىپتۇ شۇ... ئۆزۈمنىڭ قويى دېگەندۇ؟...ـــ كۈيئوغلى غۇدۇرىغاندەك قىلىپ شۇنداق دېدى.بوۋاينىڭ شۇ تاپتىكى ئازابىغا، ئۈمدسىزلىكىگە ھېچنېمە توغرا كەلمەيتتى. ئايخاننىڭ بار ۋاقىنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قېلىشى ئۇنىڭ مېڭىسىگە غايەت زور كالتەك بولۇپ تەگدى. ئۇ بۇ ھەقىقەتنى قانداق قىلىپمۇ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى.

  ــــ توۋا! ھايۋان، جادۇگەر! چىرايلىقچە ماڭسا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك نەرسە-كېرەك ئېلىپ ماڭار ئىدى. ئوغۇرلۇقچە قىلغان ئىشىنى قارا! ئاخىرى دېگىنىنى قىپتۇ! بىر ئوبدان ھىجىيىپ يۈرسە، ئادەممىكىن دەپتىكەنمەن. ھەتتا ئۇرۇشۇپ،كۆڭلىگە ئازار بىرىپتىمەن، دەپ بىئارام بوپتىكەنمەن... ھامما ئانام:«ئۇ ھىيلىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ» دېسە، نېمە دەيدىكىن دەپتىكەنمەن، ھېچ ئىشەنمەپتىكەنمەن، راستكەن... ئوغۇرلاپ يەپ ھېلىمۇ ھېچنېمىنى قويماپتىكەن، ئەمدى قالدى-قاتتىسىنى ئالاي دەپتۇ-دە، قېرى جادۇگەر! ـــ قىزى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئايخاننى تىللىدى.

  ـــ ۋاي بولدى قىلە، خوتۇن! دادام ھاياتلا بولسا ئۇنداق ئالتە توك-توك قوي بىلەن ئۇنداق كىگىز-پالاس دېگەننى تېپىۋالىدۇ، دادىمىزنى ئايايلى...ـــ كۈيئوغلى يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى. بوۋاينىڭ قۇلىقىغا بۇ سۆزلەر كىرمىدى، ئۇ ھەر قانداق قىلىپمۇ ئايخاننىڭ تۇيۇقسىز كېتىپ قالغانلىقىغا، يەنە كېلىپ ئۆيدىكى بار-يوقنى پاك-پاكىز سىيرىپ سۈپۈرۈپ ئوغۇرلۇقچە كەتكەنلىگىگە ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ مېڭىسى قوچۇلۇپ، جاھان ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى، ئۆزىنىڭ شۇ دەرىجىدە كېرەكسىزلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئېچىندى. ئۇنىڭ ئايخانغا بولغان تەۋرەنمەس ئىشەنچى شۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى. بوۋايچە ئايخان ھەرگىزمۇ ئۇنى شۇ ھالدا تاشلاپ كېتىدىغان ئايال ئەمەس ئىدى! ئۇ چوقۇم مەلۇم چارىسىزلىق ئىچىدە قالغان، چوقۇم بىر ئىش بولدى... بوۋاي بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى يىغىپ سەگەكلىك بىلەن قىزى ۋە كۈيئوغلىغا تىكىلىپ قالغان ئىدى. كۈيئوغلىمۇ، قىزىمۇ بوۋايغا قارىمايتتى، ئەتەي كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچاتتى. ئۇلارنىڭ ئايخان توغرۇلۇق سۆزلىشىشلىرى، مۇنازىرىلىرى، ھەتتا تىل-ئاھانەتلىرىدىمۇ بىر ساختىلىق يوشۇرۇنغاندەك، بوۋايغا يۈز كېلەلمەيۋاتقاندەك، تولىمۇ سۈنئىيلىشىپ كەتكەن ئىدى...

  ھەقىقەتەن شۇ كۈنىلا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولدى. بوۋاي قىزى بىلەن كۈيئوغلىنىڭ شۇنچىلىك تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلىشىپ، ئايخان توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك پەس، شۇنچىلىك ئېھتىيات قىلىپ سۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، بوۋاي ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز پاراڭلىرىنى، ھەتتا خىرىلداپ كۈلگەن ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ قالدى:

  ــــ جادۇگەرنى ئەجەب بەلەن باپلىدۇق... سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرىكەن، ئۇنى بۇرۇنقىدەك ئۇرۇشۇپ-سوقۇشۇپ قوغلىۋەتسەك، دادامنىڭ جان-پېنى چىقىپلا كېتەتتى. ئەل-مەھەللىنىڭ ئالدىدىمۇ، دوختۇرخانىدىمۇ سەت ئىدى. ھەي، سىزگە قايىل بولدۇم جۇمۇ! ئەقلىڭىزگە بارىكاللا...ـــ بۇ قىزىنىڭ ئاۋازى ئىدى.

  ــــ ئاستىراق... قارا خۇش بوپ كەتكىنىڭنى! ھامماڭ ئىككىڭلار بەك ئالدىراپ كەتتىڭلار، ھەممە ئىشنىڭچۇ، ۋاقتى-سائىتى بار. مانا قارا، ئەمدى ئايخانمۇ كۆزىمىزدىن غىڭ قىلمايلا يۈتتى، داداڭنى بېقىپ جاپا تارتتۇق، دېگەن بىلەن، كونا زېمىنغا سوغوق قول تەگمەيدىغان بولدى. سەنمۇ ئەمدى ئۇ يەردىكى ئىشىڭنى تايىنلىقلا تاشلايسەن، داداڭغا قارىغاچ ئايخانغا بەرگەن پۇلنى سەنلا خەجلىسەڭ، مائاش دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟ داداممۇ ياتقا قالمىغاندىكىن، تېزلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ...

  ـــــ ئاۋۇ جادۇگەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي ئەرز قىلىپقۇ يۈرمەس-ھە؟

  ـــــ ئەخمەقكەنسەن، قانۇن ئۇنداق، قانۇن مۇنداق دېگەن بىلەن، توي قىلىپ ئارانلا ئالتە يىل بولغان ئۆگەيگە مىراس ئايرىپ بەرگەن قانۇن نەدىكەن؟ ئەرزىنى ئاقتۇرالىسا قىلسۇن ئاينا.

  ــــ ھېلىقى لۆمشۈك ئوغلىنىڭ ئەلەمدىن بوغۇلۇپ كېتەيلا دېگىنىنى كۆرۈپ شۇنداق پۇخادىن چىقتىم دەڭە! ئۇ ئانىسىنى ئەجەب سىلكىشلەپ ئېلىپ كەتتى-ھە؟ تىلىمغا چىدىمىدى...

  ــــ ھىھ ھىھ ھى...ــــ ئۇلار ئىككىسى خىرىلداپ كۈلدى، كۈلكىسى شۇنداق يىرگىنچلىك ئىدى.

  بوۋايغا ئەمدى ھەممە نېمە ئايان بولغان ئىدى. ئايخاننى قىزى بىلەن كۈيئوغلى زورلاپ، قىيناپ، ئۇنى ئاللىقانداق ئۇسۇللار بىلەن پۈتۈنلەي چارىسىز قالدۇرۇپ قوغلاپ چىقارغان ئىدى... بوۋاي شۇنچىلىك ئۈمدسىزلەندىكى، ئۇنىڭغا ھاياتلىق گويا پۈۋلەپ كۆپتۈرۈلگەن شارغا، ئەرۋاھلار ئاسماندا تېپىپ ئويناۋاتقان توپقا ئوخشاش بوشاڭ، مەنىسىز كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەمدى تاماق يىيىشنىڭ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشنىڭ، ئۇستا ئەكىلىپ بەدەن ئۇۋۇلۇتىشنىڭ، زورۇقۇپ يۈرۈپ قەدەم يۆتكەشنىڭ... نېمە ئەھمىيىتى؟ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمرىيى ـــ ئايالىنىمۇ يېنىدا ئېلىپ قالالمىغان، بارلىق ئەركىنلىكى، خۇشاللىقى، ئۈمىد-ئارزۇسى، پىكىر قىلىش، سۆزلەش، ئەمگەك قىلىش... قۇدرىتى بولمىغان بىر ئەرنىڭ يەنە ياشاش، بىراۋغا ئەر بولۇش سالاھىيىتىمۇ بولامدۇ؟...

  بوۋاي كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ يېتىپ:«ئېھ، خۇدا! بۈگۈن كېچىلا جېنىمنى ئالغان بولساڭ!»دەپ ئىچ-ئىچىدىن نالە قىلىپ كەتتى... شۇ كۈنى قىزى ھەر ھالدا قورۇنغان، خىجىل بولغان ھالدا، يالغان-ياۋداق گەپلەر بىلەن بوۋايغا «تەسەللى»بېرىپ، ئۇنىڭ ئاياغلىرىغا ئۆتكەندە، جان يەرلىرىنى تۇتۇپ، كىيىملىرىنى قۇرۇقدىغاندا، بوۋاينىڭ ئازابى، پىغانى، دەرد-ھەسرىتى، ئۈنسىز نالىسى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى:

  ــــ لەنەت ساڭا، رابىيە! لەنەت بولسۇن ساڭا! سېنى شۇنچە ئاچكۆز قىلىۋەتكەن ئېرىڭگە، ھامماڭغا لەنەت! ئېھ، خۇدا!... مېنىڭ جېنىمنى ئالغىن! مىنىڭ جېنىمنى بۇنداق نۇمۇس ھەم خورلۇقتىن قۇتقۇزغىن!....

  بىراق خۇدا ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىدى، بەلكى بارغانچە زەئىپلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە زادىلا ئىگە بولالماس دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى. بوۋايغا قىلىنغان تەڭسىز مۇئامىلە، ئازابلىق ھىجران ھەر قاچان ئۇنىڭ بىلەن قىزى ئوتتۇرىسىغا قىسىلىپ، ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان توسۇق تام ھاسىل قىلاتتى ھەم بارغانسېرى كۈچىيىپ،بوۋاينىڭ قەلبىدە قىزىغا قارىتا تەنھا قۇشتەك ئەگىپ يۈرگەن بارلىق مېھىر-مۇھەببەتنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئورنىدا قاغجىرىغان، ئېچىرقىغان بىر بوشلۇق پەيدا قىلاتتى. بۇ بوشلۇق ھەر قاچان كۆڭۈلسىز ئەسلىمىلەرگە ئورۇن بېرەتتى. نەپرەت، دەرد-ھەسرەت ۋە تۈۋى يوق كۆڭۈل غەشلىكى بىلەن تولۇپ تاشاتتى...

  شۇ كۈندىن كېيىن تەقدىر بوۋايغا ئايخاننىمۇ ئىككىنچىلەپ كۆرسەتمىدى، ئۇ خۇددى قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك تىمتاسلا يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ خەۋىرىنى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇنى ئاندا-ساندا يوقلاپ كېلىدىغان كونا تونۇش-بىلىشلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلار خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئۇنىڭ «ئايخان»دەپ مۇڭلىنىپ،تەلمۈرۈپ تۇرغان نۇرسىز، غېرىب كۆزلىرىنى كۆرمەسكە، بىلمەسكە سالاتتى... دەل بەش ئاي بولغاندا، كىچىك نەۋرىسىگە يا ئويۇن بولدىمۇ يا بوۋىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىچكى مۇڭنى شۇ بالا جېنىدا چۈشىنىپ قالدىمۇ، بىر كۈنى ئانىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەندە توققۇز ياشلىق نەۋرە بالا خۇددى مۆجىزە كۆرسەتكەندەكلا ئايخاننىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېسىپ، بوۋاينىڭ قۇلىقىغا تۇتتى:

  ــــ چوڭ دادا، مەن چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ نومۇرىنى بىلىمەن، ماڭا ئۆتكەندە بىنانىڭ ئالدىدا ئۇچراپ قېلىپ دەپ بەرگەن... تېلېفون ئۇلاندى، توختاپ تۇرۇڭ ھە، مەن چوڭ ئانامغا گەپ قىلىپ قوياي... چوڭ ئانا، چوڭ دادام گېپىڭىزنى ئاڭلاۋاتىدۇ، گېپىڭىز بولسا قىلۋېلىڭ-ھە؟ مەن تېلېفوننى تۇتۇپ تۇرىمەن،ـــ ئۇ شۇنداق دەپلا تۇرۇپكىنى بوۋاينىڭ قۇلىقىغا تۇتتى، بوۋاينىڭ خۇشاللىقتىن، ھاياجاندىن يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. تېلېفوندا ئايخاننىڭ تىتتىتلىغان، ھەتتا جىددىچىلىكتە دەمال نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالغان، ئاخىرىدا بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى كەلدى:

  ــــ بوۋاي، ئاڭلاۋاتامسىز؟... سىز بولمىغان مۇشۇ كۈنلەردە قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيلا يۈرۈۋاتىمەن. پۈتۈن ئېسىيادىم سىزدىلا، بوۋاي... مىنى قارا يۈز دەپ قالمىغانسىز- ھە؟ ماڭا ئامال يوق، پەقەتلا ئامالىم يوق... مەن سىز بار ئۆيگە كىرەلمىدىم، بوۋاي... بالىلار مېنى خالىمايدىكەن، ئۇ ئۆيدە... سىزنىڭ يېنىڭىزدا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىمغا ئامالىم بولمىدى... رابىيە مېنى قوغلاپ چىقاردى. «ھېچنىمە ئالمايمەن، دادىڭىزنىڭ يېنىدا خىزمىتىنى قىلساملا باشقا ھېچنىمىدىن تامايىم يوق،ھۆججەت يېزىپ بېرەي» دېسەممۇ ئۇنىمىدى... بوۋاي... مېنىڭدىن رازى بولۇڭ... كىچىكلىكىدە ماقۇل دەيدىغان بالىلار چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ بىلگىنىگە ئاپىرىدىكەن، قېرىغاندا ھېچنېمىگە ئىگە بولالمايدىكەنمىز، ھەممە ئىشلار بالىلارنىڭ رايى بويىچە بولىدىغان گەپكەن... «نامەرد بالىسىدىن قورقىدۇ» دەيتتىلە، بوۋاي... مەن نامەرد ئوخشايمەن، بالىلىرىمدىن، سىلىنىڭ قىزلىرىدىن قورقتۇم... قورقماي نە ئىلاج؟... كىممۇ بالىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، «دات-پەريات» دەپ يۈزىنى سىيرىشنى خالايدۇ دەيسىز؟... مېنىڭچە بولسا، ئاياغلىرىڭىزدا خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى... ئەمما شۇنىڭغىمۇ كۈچۈم يەتمىدى... ئەمدى قالغان دۇئايىڭىزنى ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئېلۋالارمەن، قىلالمىغان خىزمىتىڭىزنى ئۇ دۇنياغا بارغاندا قىلىۋالارمەن. مەن سىزدىن ئايرىلىپ، مېڭىپ يۈرگىنىم بىلەن، باللىدىن،كېلىندىن نومۇس قىلىپ يېتىپ قالمىغىنىم بىلەن، ئاللىبۇرۇن ئۆلدۈم، تۈگەشتىم...

  دەل شۇ چاغدا ئىشىككە ئاچقۇچ سېلىندى، رابىيە قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئاپىسىنىڭ ئاچچىقىدىن قورققان بالا دەرھال بوۋاينىڭ قۇلىقىدىن تېلېفوننى تارتىپ ئايخاننىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى. بوۋاينىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن يۈرىكىمۇ بېغىشىدىن ئاجراپ كەتكەندەك پۇللاڭڭىدە قىلىپ كەتتى، ئارقىدىن قان تامچىدى...

  كىيىنكى كۈنلەردە بوۋاي ئۈچۈن چېكى يوق پىراقتىن، غەزەپ-نەپرەتتىن، ئۆزىنى ئۆزى مىڭ ئەيىبلەشتىن باشقا ھېچنېمە قالمىدى...

  ******************

  بوۋاي ئاۋۋال بۇقۇلداپ، كەينىدىن ھۆركۈرەپ يىغلىدى. ئۆتكەن كۈنلەر پەيدا قىلغان دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەت شۇ تاپتا گويا قاپقىقى ئېچىۋېتىلگەن ئۇلۇغ ئېقىن ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىلەرنى سىيرىپ، سۈپۈرۈپ، يالماپ يۇتۇپ دەھشەت بىلەن گۈركىرەپ كېلىۋاتقاندەك كۆزلىرىدىن بىراقلا تاشتى. شۇنچە ۋاقىت تۇنجۇققان ئاۋازى گويا يانار تاغدەك پارتلاپ تېشىپ، بارلىق زېمىننى، قاغجىراپ، ئوت بېسىپ كەتكەن باغ، ئايۋانلارنى لەرزىگە كەلتۈردى! ئېھ، ئىنساننىڭ بارلىق ھاياجىنىنى، خۇشاللىق ھەم غەم-قايغۇسىنى ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ ئىپادىلىيەلىشى نەقەدەر راھەت ئىش-ھە! شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى، بوۋاي يىغلايتتى، خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ قەغىشلىق بىلەن توختىماي يىغلاۋەرگىنىگە ئوخشاش ئىچ-ئىچىگە چىڭدىلىپ، تاشتەك قاتقان بارلىق ئازابىنى غازاڭ باسقان، سۆرۈن كۈز دالىلىرىغا تۆكەتتى... ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق نالىلىرىگە چىدىمىغاندەك دەرەخ شاخلىرىدا ئېسىلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى سارغايغان يوپۇرماقلارمۇ شىلدىرلاپ تۆكۈلەتتى. شامال يەردىكى سارغايغان نەم يوپۇرماقلارنى ھەر يان ئۇچۇراتتى، قۇياش نۇرى خۇددى ئوت شولىسىدەك ئاجىزلاپ قىزىرىشقا باشلىدى...

  بوۋاي قورۇق تامنىڭ سىرتىدىن ئاياغ تاۋۇشى كېلىۋاتقانلىغىنى ئاڭلىدى، ئارقىدىن چىتلاق ئىشىكى ئېچىلىپ، قىزى بىلەن قوشنىسى شىپىرلاپ كىرىپ كەلدى، ئۇلار بوۋاينىڭ يىغا ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. چۈنكى بوۋاي بۇرۇن بۇنداق ئاۋاز چىقىرىپ يىغلاپ باقمىغان ئىدى.

  ــــ دادا!.. ئاۋازىڭ چىقىپتۇ، جېنىم دادا!...ـــ قىزى بوۋاينىڭ جانسىز پۇتلىرىنى قۇچاقلىدى، كۆزلىرىدە خۇشاللىق ھەم ئىشەنمەسلىك بار ئىدى. قوشنىسى ھېلىمىخانمۇ خۇشلۇقىدا نېمە قىلىشىنى بىلمىگەندەك تاققا-تۇققۇ سۆزلەپ كەتتى:

  ـــ ۋاي خۇدايىم، بالدۇرراق ئەكىلدىغان ئىشكەن! مانا قارا، داداڭ ئاۋاز چىقىرالىدى، ئەمدى گەپ قىلالىشىمۇ مۇمكىن... قىزلىرىنى بىر چاقىرىپ باقسىلا، ئابدۇللاخۇن! بىر رابىيە دەۋەتسىلە... بىز خۇش بولايلى...

  بىراق بوۋاي رابىيەنى چاقىرمىدى، ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ ياشلىق كۆزلىرىنى قىزىغا بىر ھەسرەت بىلەن تىكتى-دە، شۇنداق ئوچۇق، شۇنداق دانىمۇ-دانە قىلىپ مۇنداق دىدى:

  ــــ مىنى... مۇشۇ ئۆيدىن... يۆتكىمە!... مەن... بۇ يەردىن... باشقا ھىچنەگە... بارمايمەن! سەن... ئۆز ئۆيۈڭگە... كەت... مەن بىلەن... چاتىقىڭ... بولمىسۇن!...

  ــــ دادا...ـــ قىزى ھەم ھەيران ھەم ساراسىمە ئىچىدە دادىسىنىڭ گەپ ئۇرانىدىكى سۈردىن قورقۇپ كەتتى. بىر گۇناھى ئاشكارە بولىدىغاندەك دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېرىگە تېلېفون قىلدى:

  ــــ دادام گەپ قىلالىدى...

  بوۋاي ھېلىمىخانغا قارىدى، بايىقى سۆزىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى، ئەمما بۇ قېتىم شۇنچىلىك مىسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.

  ـــ راست... ئەمدى ھىچنەگە... كەتمەيمەن... ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە... تۇرىمەن ھېلىمىخان...

  ھېلىمىخان ھەممىنى چۈشەندى، بىراق بوۋاي كېچىككەن ئىدى، بۇ يەرنى چېقىش ئىشى يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىنلا باشلىناتتى، تېخى بىر سائەت ئىلگىرى بۇ يەردىكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ رەسمى ئۇقتۇرشىنى تاپشۇرۇۋالغاندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر