- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
توخۇلا يېزىسى ” مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناق ئائىلە “ تېمىسىدىكى سەنئەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى
2015.08.19 17:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، راھىلە مۇرتىزا ، خەۋىرى: 13 -ئاۋغۇست ،ئونسۇ ناھيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىدە ” مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناق ئائىلە “ تېمىسىدىكى سەنئەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللانغان نۇمۇرلارنىڭ ئىدىيىسى ساغلام ، مەزمۇنى مول ، بايرىقى روشەن بولۇپ ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ، دەۋر مىلودىيەسىنى ياڭراتتى . دېھقانلار نۇمۇرلارنى ئۆزى تەييارلاپ ئۆزى ئوينىغان بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق سەنئەت قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماستىن يەنە ھەقىقىي تۇرمۇشنى جانلىق تەسىرلىك بايان قىلدى ھەمدە كەنتلەر ئارا ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچ تارقاتتى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر