- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تايلاند باڭكوكدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 6 نەپەر جۇڭگولۇق قازا قىلدى، 22 ئادەم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى 1 ئادەم يوقاپ كەتتى
2015.08.19 16:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇيەر ۋاقتى 17-ئاۋغۇست كەچ، تايلاند باڭكوك شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى بولغان تۆت تەرەپلىك بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ سىرتىدا پارتىلاش يۈز بەرگەن. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن كەچ تايلاند ۋاقتى سائەت 7 گىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاشتا 6 نەپەر جۇڭگولۇق قازا قىلغان.
قازا قىلغانلار(6نەپەر): چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىسى تۆت ئادەم، شياڭگاڭ ئاھالىسى ئىككى ئادەم.
دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلار(22 نەپەر) بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىسى 17ئادەم، شياڭگاڭ ئاھالىلىسى 2 ئادەم، تەيۋەن ئاھالىسى 3ئادەم . باشقا 10 نەچچە نەپەر يېنىك يارىدار يارىسىنى تاڭغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققان.يوقاپ كەتكەن(1 ئادەم)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر