باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك 6- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.19 10:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 18- ئاۋغۇست مەملىكەتلىك 6- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋەكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ 1- سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىغا كۈڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەر ساھە زاتلىرىغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتتى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەملىكەتلىك 5- قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى مائارىپ ئىشلىرىدا ھېلىھەم بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر