باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 634مىڭ ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرۇسقا ئۆتتى

2015.08.20 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىش ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈم - تولۇق كۇرس 3-تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى18-ئاۋغۇست ئاياغلاشتى. شىنجاڭدا جەمئىي 634مىڭ ئوقۇغۇچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىندى.

  19-ئاۋغۇست، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ھازىر ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە كەينى-كەينىدىن يوللاندى. ‹‹ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»غا چىقىپ ياكى« شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» تېڭشۈن ھۆكۈمەت ئۈندىدارىغا چىقىپ(xjzs140304) ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ .

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار مەسىلىگە دۇچ كەلسە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى كۈتۈۋېلىش باش پونكىتى ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. 2015 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىشى مەخسۇس تېلېفون 0991-8750000 ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئاپپاراتىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفۇن بەرسە بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر