باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى يېپىلدى

2015.08.20 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى 19 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاۋ شېڭشۈەن يېپىلىش مۇراسىمىدا خۇلاسىلەش سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇنبەر دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى باش تېما قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى خەلقئارا مۇنبەر بولۇپ، مۇنبەرگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالىملار 100 كىشىدىن ئاشقان، ئۇلار 30 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن.

  جاۋ شېڭشۈەن مۇنداق دېدى: مۇنبەرگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ساھەسى بويىچە شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات ئەھۋالى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان بىرقاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا پۇرسەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان خىرىسنىمۇ كۆرسەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنى تەتقىق قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالىملار ئىلمىي ماقالىسى ۋە سۆزىدە قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى ئەسلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي شارائىتتا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇپ، يىپەك يولى ئەتراپىدىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىش ئارزۇسى ئىپادىلىدى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇشتىكى تارىخىي پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى ھەم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى قۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان خېيىم - خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئەسكەرتتى. بولۇپمۇ نۇرغۇن مۇتەخەسسىس بىلەن ئالىم: ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئەمەل قىلىنىدىغان ئىدىيە ۋە پىرىنسىپ، دەپ كۆرسەتتى.

  مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالىملار بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە جەمئىي 60 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە تاپشۇردى، ئۇلار يىپەك يولىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر نەچچە مۇھىم ساھەگە چېتىلىدۇ، بۇلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  جاۋ شېڭشۈەن مۇنداق دېدى: ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى ئۈنۈمنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇنبەرنى مېخانىزم بويىچە دائىم ئۇيۇشتۇرۇپ، «شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ھەم ئېسىل ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنى دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىدىغان كۆزنىكى، شىنجاڭنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى كۆۋرۈك، رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر