باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماي باھاسى بەش يۈەن مەزگىلىگە قايتىپ كەلدى

2015.08.19 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماي باكىغا لىق ماي قاچىلاتسىڭىز 8 يۈەن تېجەپ قالىسىز

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 18- ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەبىئىي گاز، سالياركانىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى 210 يۈەن ۋە 205 يۈەنگە چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى، پارچە سېتلىش باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا 90- نومۇرلۇق بېنزىن بىلەن 0- نۇمۇرلۇق سالياركىنىڭ(مەملىكەت ئوتتۇرىچە باھاسى) ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.16 يۈەن ۋە 0.18 يۈەن تۆۋەنلەيدىكەن، باھا تەڭشەش 18- ئاۋغۇست سائەت 24 دىن باشلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن تەييار ماي باھاسى بۇ يىل ئىچىدە 8- قېتىم باھا تۆۋەنلىتىلىشى بولۇپ، بۇ يىلدىكى تۇنجى قېتىم «ئۇدا بەش قېتىم تۆۋەنلىتىلىشى» ئىكەن. خەينەن ئۆلكىسىدە بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىغا نورمىدىن سىرت 1.05 يۈەن قۇشۇمچە ھەق ئېلىنغاندىن سىرت، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە بېنزىن باھاسى «بەش يۈەنلىك مەزگىل»گە قايتىپ كەلگەن. ماي باكى 50 لېتىرلىق شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ماي باكىغا لىق ماي قاچىلاتسا 8 يۈەن تېجەپ قالىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر