خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (پەيزاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كۈرەش ياقۇپ فوتوسى، خەۋىرى): 2015-يىل 8-ئاينىڭ18-كۈنى، 6-نۆۋەتلىك پەيزاۋات قوغۇنى مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى «پەيزاۋات قوغۇن شاھى»نى تاللاش-باھالاش مۇسابىقىسى غولتوغراق يېزا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ناھىيە رەھبەرلىرى، يېزا-بازارلاردىن كەلگەن دېھقانلار ۋەكىللىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن قوغۇن سودىگەرلىرى ۋە 13 يېزا-بازاردىن كەلگەن ماھىرلار، قوغۇن تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، ۋاسىتىچىلار، مېۋە-چىۋە سودىگەرلىرى ھەم تاراتقۇلار مۈخبىرلىرىدىن بولۇپ 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پەيزاۋات قوغۇنى سودا مەركىزىگە جەم بۇلۇپ، پەيزاۋات قوغۇن شاھىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە شاھىد بولدى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ھاكىم غالى راخمان تەبىرىك سۆزى قىلىپ: «ناھىيەمىز پەيزاۋات قوغۇنچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېلىنمىنى زورايتىپ، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بازارنى كېڭەيتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە ئىجتىمائى ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ بېرىش ئۇچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز » دېدى.
بۇ قېتىمقى پەيزاۋات قوغۇنى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا، «پەيزاۋات قوغۇنى شاھى»نى تاللاش-باھالاش خىزمىتىنىڭ ئادىل رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن دىھقانچىلىق نازارىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك دىھقانچىلىق ئىدارىسىدىن مەخسۇس مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، يوشۇرۇن بېلەت تاشلاش، تەكشۈرۈش، قاتلاممۇقاتلام باھالاش- سېلىشتۇرۈش ئارقىلىق گۈللۈك يېزا 14-كەنت 1-گۇرۇپپىدىن قوغۇنچى رەھمىتۇللا يۈسۈپ شەرەپ بىلەن قوغۇن شاھى ئالتۇن قوغۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە 10مىڭ يۈەن مۇپاكات پۇلىغا ئېرىشتى؛ كۈمۈش مېدال مۈكاپاتىغا ئېرىشكەن ماھىردىن ئۈچ نەپەر، مىس مېدالغا ئېرىشكەن ماھىردىن ئالتە نەپەر تاللاپ چىقىلىپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 7500يۇەن قىممىتىدە ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت ۋە 3500يۇەن قىمىتىدە ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت بىلەن مۇكاپاتلاندى؛ يەنە 30 نەپەر ماھىر رەڭلىك تېلېۋىزور بىلەن مۇكاپاتلاندى.
مەنبە: خەلق تورى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:
24-نۆۋەتلىك تۇرپان ئۈزۈم بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
6-نۆۋەتلىك پەيزاۋات قوغۇنى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى
باغراش ناھىيىسىدىكى يېزا-بازار ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىندا 50كېلوگىراملىق كاۋا كۆرگەزمە قىلىندى
راسا ئوخشاپ ئۈزۈملەر، كەلدى مېھمان ھەر ياقتىن
6-نۆۋەتلىك پەيزاۋات قوغۇنى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى