باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەپ، ھەر ئايلىق مائاشىقا 104 يۈەندىن 150يۈەنگىچە قوشۇلدى

2015.08.20 12:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلدى .ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلگەندىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ھەر ئايلىق مائاشىقا 104 يۈەندىن 150يۈەنگىچە قوشۇلدى.19-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش سىياسىتى ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىملىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش 1995-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن تۈزۈلگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىىدىن بۇيانقى12-قېتىملىق تەڭشىشىدۇر.ئۈچ سۇغۇرتا ، بىر فوندى

  بۇ قېتىمقى تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىل شەكىل بويىچە بولىدۇ، بىرىنچى خىلى ئەمگەكچى ئادەم ئۆزى تاپشۇرىدىغان ئۈچ سوغۇرتا بىر فوندنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە تۆت خىل دەرىجە بويىچە بولىدۇ، يەنى، 1670يۇەن، 1470يۇەن، 1390يۇەن، 1310يۇەن بۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىكىدىن150 يۈەن كۆپەيگەن، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى 11.6پىرسەنىت بولغان.

  ئىگىلىنىشچە، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەم 2015-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە يەنە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېلان قىلىندىغان شەھەر دائىرىسى مۇناسىپ كېڭەيدى. ئالاتاۋ شەھىرى ئايلىق، سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ تۆتىنچى دەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بېيتۈن شەھىرى، باش ئەگىم شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، قوشئۆگۈز شەھىرى باشقا خوشنا ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېلان قىلىندىغان شەھەر دائىرىسى كىرگۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئېلان قىلىنىدىغان دائىرىسى 93 ناھىيە-شەھەرلەرگە كېڭەيتىلدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر