خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ئاۋغۇست باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت يېزىسىدا زىيانسىز كۆكتات تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. نەچچە مىڭغا يېقىن دېھقان ئاممىسى بۇ كاتتا يىغىلىشقا جەم بولۇپ، تېرىقچىلىق ئۇستىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تېرىغان پەمىدۇر، مۇچ، جاڭدۇ (چوكا پۇرچاق)، ئالتۇن كاۋا قاتارلىق كۆكتاتلىرىنى تاماشا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەممەيلەن دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقىنى دوڭ كوڭفۇنىڭ 50 كىلوگىرام كېلىدىغان ئەڭ چوڭ كاۋىسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاھىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا «ئالتۇن كاۋا شاھى»، «مۇچ شاھى»، «پەمىدۇر شاھى» قاتارلىقلار باھالاپ چىقىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىل مەزكۇر بازار يېڭىلىق يارىتىپ «20+1» خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بازار ئورگان كادىرلىرى ۋە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار گۇرۇپپىسى ئاممىغا باش بولۇپ ئاكتىپ ھالدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا دېھقانلارنىڭ تېرىچقلىق تېخنىكىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ھەمدە تېرىقچىلىق ئۇستىلىرى ۋە تېخنىك خادىملار بىلەن دېھقانلارنى نەق مەيداندا ئۇچىراشتۇرۇپ تەجرىبە سۆزلەش سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ، دېھقانلارنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلىگەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى