باببېت شۇ جايدا «ئاپتاپپەرەس خانىم» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سۆرەتتە ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئاۋال يولدىشى دون بىلەن بىللە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 19-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋىسكونسىن شىتاتىدىكى دون جەكۇۋشنىڭ ئايالى باببېت راك كېسىلى بىلەن 6يىل ئېلىشقاندىن كېيىن ئۆتكەن يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن، بوۋاي ئايالىنى خاتېرىلەش ئۈچۈن، ۋىسكونسىن 85-نومۇرلۇق تاشيولىنى بويلاپ 7.2كېلومېتىر يول بويىغا ئاپتاپپەرەس تىككەن. چۈنكى ئايالى ئاپتاپپەرەسنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن. ھازىر بۇ ئاپتاپپەرەسلىك 400ئېنگىلىز مو (تەخمىنەن 160گېكتار) كېلىدىغان بولۇپ بۇلار بوۋاينىڭ ئايالىغا قىلغان سوۋغىسى ئىكەن ھەمدە راك كېسىلى بىلەن ئېلىشىۋاتقانلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى ئىكەن.
دون يەنە ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن «باببېتنىڭ ئۈمىد ئۇرۇقى» ئىسىملىك بىر شىركەت تىزىملاتقان بولۇپ، راك كېسىلىنى كېلىنىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتى ئۈچۈن مەبلەغ يىغىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى