- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ 146نەپەر كادىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ھەر قايسى جايلاردىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلولىرى ئېلان قىلىندى
2015.08.20 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10 ماددىلىق بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، « تۆت خاھىش»نى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، يېزىلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇققىنى ھەقىقىي قوغداش، ئاممىنىڭ قەلبىدىكى< ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›نى راۋانلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقىي مايىل قىلىش كېرەك.» ‐‐ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن.
بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز زور كۈچى بىلەن ئىستىل تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10 ماددىلىق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ مەسىلىدىن جەمئىي 123نى ، پارتىيەلىك كادىردىن 146 ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 104 پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازا بېرىلدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر