سۈرەتتە: 20-ئاۋغۇست، مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ شىمالىي قىسمىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەن بىخەتەرلىك تارمىقى بىناسى ئالدىغا يىغىلغان كىشىلەر .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى سەھەردە قاھىرەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا 29 ئادەم يارلانغان. مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشچە، پارتلاش قاھىرە شەھىرى مەركىزىدىن تەخمىنەن 11 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ بىناسى ئالدىدا يۈزبەرگەن. پارتلاشنى يىراقتىن كونترول قىلىدىغان بومبا بىلەن كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ بىناسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، ھەمدە بۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىنالارغىمۇ تەسىر يەتكەن، يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە 6 بىخەتەرلىك خادىمى بار ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى