باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2017-يىلى ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ كېيىن پۇل تاپشۇرۇشنى قىسمەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2015.08.20 12:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايونلۇق دورىگەرلىك ، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دورىگەرلىك ، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق يوليورۇق بەردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي سوممىسى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق تۆلەش، ئادەم بېشىغا قاراپ ھەق تۆلەش، مۇلازىمەت بىرلىكى بويىچە ھەق تۆلەش بىرىكمە تىپتىكى ھەق تۆلەش ئۇسۇلى يولغا قويۇلىدۇ، 2015-يىلى ناھىيە تەۋەسىدىكى ۋە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەر رايوندىكى بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۆلىمى ئۇسۇلى ئىسلاھات قىلىنىپ، 2017-يىلى ئالدىن تۆلەش ۋە كېيىن تۆلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل خاراكتېرى بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولمىغان ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەڭ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئالدىن تۆلەش دىگىنىمىز خام چوتتىن چىقىم قىلىش تۈزۈمىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بۇلۇپ، داۋالاش باشلىنىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت تارماقلىرى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاپپاراتى داۋالاش ئاپپاراتىغا ئالدىن تۆلەم بېرىش ئۆلچىمىنى كۆرسىتىدۇ. بىر خىل تاق كېسىەلگە ھەق تۆلەشنى مىسالغا ئالساق، يەنى بىمار مەلۇم بىرلا خىل كېسەل سەۋەبىدىن كېسەلخانىغا كىرگەندە، داۋالاش ئاپپاراتى بۇ كېسەل داۋالاش ئوتتۇرىچە داۋالىنىش خىراجىتى ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاپپاراتىدىن ئالدىن چىقىم قىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر