باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن پورتى «12- ئاۋغۇست» پارتلاش ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلار ئۆت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ

نەپىقە پۇلى يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە تارقىتىلىدۇ

2015.08.20 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست تيەنجىندىن بەرگەن تېلېگراممىسى. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تيەنجىن پورتى «12- ئاۋغۇست»رۈيخەي شىركىتى خەتەرلىك بويۇملار ئىسكىلاتى پەۋقۇلئاددە زور پارتلاش ۋەقەسى 10- قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگونىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ج خ ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىلىرى، پورت گۇرۇھى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قۇربان بولدى، ئۇلار قۇربان بولغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ «قەھرىمان ئىشتاتتىن سىرت دەپ ئايرىلمايدۇ» دېگەن سۆزىنى «ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىمىز. شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قېرىندىشىمىزغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنى ئىنقىلابىي قەھرىمان دەپ ئېتىراپ قىلىمىز. نەپىقە پۇلى جەھەتتە يۇقىرى ئۆلچەمنى پىرىنسىپ قىلىمىز.

  خۇاڭ شىڭگو مۇنداق دېدى: قۇربان قىلغانلار دۆلەتنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يۇقىرى ئۆلچەم پىرىنسىپى بويىچە، تەقدىرلەش پۇلى ۋە نەپىقە پۇلى تارقىتىمىز ھەم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش يۈزىسىدىن چوڭ يىغىن ئاچىمىز. ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئېتىش ئۈچۈن، ۋەقە يۈز بەرگەن خارابىلىكنىڭ ئورنىغا باغچە سېلىپ، تاش ئابىدە تىكلەش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر