باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردىكى رەھبەرلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇش ئىستۇنى. رەھبەرلەرنىڭ جاۋابى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىنىڭ جاۋابى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋدەن تورداشلار قالدۇرغان ئالتە پارچە خەتكە جاۋاب قايتۇردى

2015.08.20 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بەنگۇڭتىڭى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش باشقارمىسى خەلق تورىدىكى تورداشلارنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋدەنگە قالدۇرغان ئالتە پارچە خەتكە جاۋاب قايتۇردى، خەتنىڭ مەزمۇنى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى، ئاتا- ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپى، جامائەت ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىكەن.

  گۇاڭدۇڭلۇق بىر تورداش ئۆلكە باشلىقىغا قالدۇرغان خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: يېزا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن. بۇنىڭغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى مۇنداق جاۋاب بەردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئۈنۈم مائاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈردى، تاغلىق رايون ۋە يېزا چەت رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا چىققانلارغا پۇل قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈردۇق ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردۇق. يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2015-2020)» نى چىڭ تۇتۇپ مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ، سىياسەت- تەدبىرلەردە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلارنى قوشۇنىنى تولۇقلاپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇردۇق. ھازىرغىچە 55 ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى خەلق تورىدىكى تورداشلار قالدۇرغان خەتلەرگە جاۋاب قايتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، 500 مۇئاۋىن ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول رەھبەر»لەر ۋە 1400 دىن ئارتۇق ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى خەلق تورىدىكى تورداشلار قالدۇرغان خەتلەرگە جاۋاب بەردى. 19 ئۆلكە، رايون، شەھەردە خەلق تورى«جايلار رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش ئىستۇنى»غا تورداشلارغا قالدۇرغان خەتلەرگە ئاساسەن ھۆججەت ياكى بەلگىلىمە چىقىرىپ، مۇقىم خىزمەت مېخانىزىمىنى شەكىللەندۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر