باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8.12 پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتى پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.08.20 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تيەنجىن پورتى رۈيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدىكى 12-ئاۋغۇست پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئوت ئاپىتى پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 19-ئاۋغۇست تيەنجىندە ئېچىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ياڭ خۈەننىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلمىي ئېھتىياتچان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇن بەلگىلىمىگە تايىنىش، بىخەتەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ جەريانى، سەۋەبى، ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالى ۋە كېلىپ چىققان زىياننى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە جاۋابكارلىقىنى توغرا بېكىتىپ، ۋەقەدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئوبيېكتىپ باھالاپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، مەسئۇل كىشى ۋە ئورۇننى بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تەكشۈرۈش خىزمىتىدە پىرىنسىپ ، ئۈنۈمنى تەكىتلەپ، ۋەقە سەۋەبى، مەسئۇلىيەتكە چېتىشلىق بولغانلىكى كىشىنى كىم بولۇشى، ئارقا كۆرۈنىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىلمىي ، قانۇن ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە مەسئۇلىيەتلىك جاۋاب بېرىش لازىم.

  ئامما كېيىنكى باسقۇچتىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قانات يايدۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

  تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، يوقاپ كەتكەنلەرنى داۋاملىق ئاختۇرىمىز، DNA سىنى سېلىشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانىنى تىزدىن ئېنىقلايمىز.

  ئىككىنچىدىن،يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن داۋالاپ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆلۈم يېتىم ، يارىدار، مېيىپ بولۇش ئەھۋالىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئازايتىمىز.

  ئۈچىنچىدىن ، نەق مەيداننى ئىلمىي تەرتىپلىك ئېنىقلاپ، كەسپى ئەترەتلەرنى سىيانىد ماددىلىرىنى تەپسىلىي ئاختۇرۇشقا داۋاملىق تەشكىللەيمىز. ئېنىقلانغان سىيانىد ماددىلىرىنى كىم ئېنىقلىغان بولسا، شۇ يۆتكەپ، سۈرۈشتۈرۈش ئارخىپى تۇرغۇزىمىز.

  تۆتىنچىدىن،مۇھىت ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئەڭ ياخشى جابدۇقلارنى يۆتكەپ، نەق مەيداننىڭ ھاۋاسى، تۇپرىقى ۋە سۈيىنى 24 سائەت تەكشۈرىمىز. بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەرھال قوللىنىمىز.

  بەشىنچىدىن، بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆيلەرنى رېمونت قىلىشنى تېزلىتىپ، تۆلەم خىزمىتىنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەيمىز.

  ئالتىنچىدىن، ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىمىز. ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىنىڭ ھاۋا ، سۇ سۈپىتى ۋە تۇپرىقىنىڭ بۇلغىنىشىنى تەكشۈرۈش مەلۇماتىنى تەكرار ئېلان قىلىمىز. يەتتىنچىدىن، ۋەقەنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چىڭىتىپ، جاۋابكارلىقنى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىپ، سۈرۈشتۈرۈپ ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ،جەمئىيەت ۋە خەلق ئاممىسىغا مەسئۇلىيەتلىك جاۋاب بېرىمىز. قۇتقۇزۇش خىزمىتى نەق مەيداننى ئېنىقلاش باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، قوماندانلىق ئىشتابىدىكى قۇتقۇزۇش كۈچى قايتا تەشكىللىنىپ، مەركىزىي رايوندىكى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئەتراپىدىكى ئاھالە رايونىدىكى ئاھالىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر