باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھىرى 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.08.20 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تيەنجىن شەھىرى 19-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن 10-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ۋەقە توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى، ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ساقلانغان خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار جەمئىي يەتتە چوڭ تۈر، 40 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ھازىر نەق مەيداندىكى ناترىي سىيانىد ئاساسىي جەھەتتىن تازىلىنىپ بولغان. تيەنجىن شەھىرى كېيىنكى قەدەمدە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتناشتى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە، ۋەقەدە قازا قىلغانلار 114كە يەتتى، 64 ئادەم يوقاپ كەتتى، 7000 دىن كۆپرەك ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى، 170 نەچچە كارخانا، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەسىرگە ئۇچرىدى، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئاساسىي جەھەتتىن كۆيۈپ كەتتى. نۆۋەتتە، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەش بولدى.

  تيەنجىن شەھىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى خې شۇشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر نەق مەيداندىكى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، تەخمىنەن يەتتە چوڭ تۈرگە ئايرىلدى، بۇ 40 خىل ئەتراپىدا. ھازىر يادرولۇق رايون يەنىلا بىرقەدەر مۇرەككەپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، خىمىيىۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش قىسىمى، خىمىيە سانائىتى مۇتەخەسسىسلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى چېچىلىپ كەتكەن خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى بىر–بىرلەپ تەكشۈرمەكتە.

  سىرتنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۇمانىنى قوزغىغان پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق شىركەت- رۇيخەي شىركىتى توغرىسىدا تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بىنخەي يېڭى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى زۇڭ گويىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، رۇيخەي شىركىتى بىر پۇقراۋى خۇسۇسىي پاي تۈزۈمىدىكى كارخانا بولۇپ، ئىسكىلاتتا ساقلاپ توشۇش، مال ئىمپورت- ئېكسپورتى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ شىركەت خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار دائىرىسىدە تىجارەت قىلىپ باقمىغان، 2015-يىلى 23-ئىيۇندىن باشلاپ، پورت خەتەرلىك بۇيۇملار سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. رۇيخەي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكنى باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان–بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى گۇمانلار توغرىسىدا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل خې شۇشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رۇيخەي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا مۇستەقىل 3–تەرەپ شىركەت مەسئۇل بولىدۇ.

  نۆۋەتتە بىنخەي يېڭى رايونىدا مەخسۇس ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، رايون باشلىقى قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، 3-تەرەپ ئاپپاراتىنىڭ مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش، ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان ئاممىغا مۇۋاپىق ھەل قىلىش شەكلىنى قوللىنىش، ئۆي-ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىش تۆلىمى بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا بىر كەسپىي، سالاھىيىتى بار، ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان باھالاش ئاپپارات باھالاپ بېكىتكەندىن كېيىن بىر مۇكەممەل لايىھە ئوتتۇرا قويۇلىدۇ. بۇ خىزمەت بىر كۈنى باھالاپ بېكىتىلىپ بولىنىدۇ، باھالاش جەريانىغا بارلىق ئاھالىلەر ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ. بۇ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىكلەرگە تۆلەم بېرىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلەر بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر