باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى

2015.08.20 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈشى، «ئالتىغا زەربە بېرىش ئالتىنى تۈزەش» ۋە «قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىشقا زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتى، شۇنىڭدەك خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى بىخەتەرلىك بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خىمىيە سانائەت ساھەسى، نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ۋە چوڭ تىپتىكى ماي ئىسكىلاتى، كۆمۈر كاندىن ئىبارەت ئۈچ خىل كەسپىي كارخانىلارنى ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تەلتۆكۈس تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھەممىسىگە ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەتچىلىك قىلدى. شىزاڭ يەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە يەتتە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە ۋىلايەت،شەھەرگە بېرىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، نېفىت-گاز پونكىتلىرى، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەيدىغان كارخانىلارنى ئالا قويماي تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى بىرەر يوچۇقنىمۇ قويۇپ بەرمىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ۋەقە كۆپ يۈز بېرىدىغان كارخانا قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تۈزەش، تۈزىتىشتىن ئۈمىد قالمىغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلار بولسا،قانۇن بويىچە قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تاقاش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تيەنجىن تەۋەلىك بويىچە مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلار رايونغا بۆلۈنۈپ مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، مەسئۇل بولىدىغان رايوننى ئايرىدى، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تەدبىرلەرنى نەقلەشتۈرمىگەنلەر بولسا، ئاساسلىق جاۋابكارلار ۋە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر