خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە خەۋپسىزلىك قىسىمى 19-چېسلا شەرقىي جەنۇبتىكى سىرت ئۆلكىسىدە چارلاۋاتقاندا يول بويىدا پارتلاتقۇچ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 8 ئەسكەر قازا قىلغان، نۇرغۇن ئەسكەر يارىلانغان. تۈركىيە دوغان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، سىرت ئۆلكىسى ھۆكۈمىتى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان پارتلاتقۇچ بومبىنى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىقلىرى كۆمگەن بولۇپ، چارلاش ئەترىتىنىڭ ماشىنىسى ئۆتكەن ۋاقىتتا پارتلىتىلغان. يارىدارلار يەرلىكتىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى