باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسەت دەرسىگە نەزەر

2015.08.20 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەم ئەخلاقلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەش ۋە روھ يېتىلدۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ھەم قىممەت قارىشىنى تارقىتىش ۋە ئىدىيىۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بازىسى بولغان ئالىي مەكتەپلەر سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى ئاقىلىق ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قانداق يېتەكچىلىك قىلىدۇ؟ يېقىندا، مۇخبىر مەملىكىتىمىزدىكى 20 نەچچە ئالىي مەكتەپ ۋە يەرلىك پارتكوملاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە زىيارەتتە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە يەرلىك پاتكوم رەھبەرلىرىدىكى سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئادەم تەربىيىلەش پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئۇنىۋېرسىتېتنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم بۇرچى ۋە مۇھىم مەزمۇنى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش جۇڭگودىكى ھەربىي ئالىي مەكتەپتىكى «زۆرۈر دەرس» دەپ قارايدىغان ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  قىممەتنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى، ئۇچۇرنىڭ پارچىلىنىشى، يېڭى ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى...... ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيە-سىياسەت دەرسىنى قانداق ئۆتىدۇ؟ ئىككى يىل ئىلگىرى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى ليۇ جېن ئەڭ ئاۋۋال «ماركسىزم قائىدىسى» دەرسىنى تور سۇپىسىغا كىرگۈزگەن، ھازىرغىچە، بۇ دەرسنى تاللىغان كىشلەر 13 مىڭدىن ئاشىدۇ. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدىيە-سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى «ئىدىيە-سىياسەت دەرسى ئالاقە تورى بوشلۇقىدا بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا يۈرمەستىن بەلكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە-سىياسەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە تورىغا كىرگۈزۈشى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ئىدىيە-سىياسەت دەرسىنى ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغا دەرسكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك» دېگەن يۈرەك ساداسىنى بىلدۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر