سۈرەتتە: 19-ئاۋغۇست، ھىندونېزىيە پاپۇئا ئۆلكىسىگە جايلاشقان سونتاگ ئايرودرومىدا، قىزىنىڭ جەسىتىنى كۈتىۋاتقان ئانا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ھىندونېزىيە تىلىجاناس ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 49 نەپەر يولۇچى ۋە بەش نەپەر ئايروپىلان خادىمى ئولتارغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانى 16-ئاۋغۇست ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى پاپۇئا ئۆلكىسىدە ھادىسىگە ئۇچرىغان، ئايروپىلاندىكى 54 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. بارىلىق قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى بايقالغان. ھادىسە يۈز بەرگەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرلەيدىغان قارا ساندۇقمۇ تېپىلغان. ھاۋا ناچار سەۋەبلىك، قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى توشۇش خىزمىتى قىيىنلاشقان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى