باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە خەتەرلىك خىمىيەلىك بويۇملارنى ساقلايدىغان كارخانىلار تەرتىپكە سېلىندى

2015.08.20 16:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ساقلايدىغان ئىككى كارخانىنىڭ مەسئۇلىنى چاقىرتىپ سۆزلەشتى. بۇ ئىككى كارخانىنىڭ مەسئۇلى تەكشۈرۈشتە ئېنىقلانغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەردە نەق مەيداندا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  12-ئاۋغۇست تيەنجىندا پەۋقۇلئاددە زور پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ساقلاش كارخانىلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەرتىپكە سالدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جيەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بىر قەدەر چوڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بايقالمىغان. بىر قىسىم ئىسكىلاتلاردا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلاشتۇرماسلىق؛ ئىسكىلاتقا كىرىش-چىقىش ئۇچۇرى ئېنىق بولماسلىق؛ ئىسكىلاتتىكى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارغا مۇناسىۋەتسىز نەرسە-كېرەكلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق؛ بىخەتەرلىكنى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنمەسلىك قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قاتار ئىنچىكە ھالقىلار ئېنىقلانغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ساقلاشقا ئالاقىدار ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مەسىلە بايقالغان ھامان تۈزىتىش، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان ئىدارە - ئورۇن، كارخانىلارنى دەرھال ئىشتىن توختىتىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىر بولغان ھەم تۈزىتىشى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە ئەڭ يۇقىرى چەكتە جازالاشنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر