باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: 3- سېنتەبىر خىزمەت قىلغانلارغا ئىككى ھەسسە مائاش قوشۇپ بېرىلىدۇ

2015.08.19 10:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 18- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 18- ئاۋغۇست ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 3- سىنتەبىر دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئەمگەكچىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەمگەكچىلەرگە مائاش بېرىشى ھەم تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى؛ تولۇقلاپ دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈنلۈك ياكى سائەتلىك مائاش ئۆلچىمىنىڭ %200 ىدىن تۆۋەن بولمىغان مائاش بېرىشى كېرەك.

  مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركەز ۋە جايلار، تارماقلار ئۆتكۈزگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن، يېقىندا گوۋۇيۈەن «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى كۈنىدە دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالماشتۇرۇش، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى تارقىتىپ، 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى مۇقىملاشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر