باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(8)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاي ئېسىنى بىلگەندە ئۇنىڭ ئايىغىدا ئايخان تۈگۈلۈپ ياتاتتى، بىچارە ئايالنىڭ چىرايى شۇنچىلىك سارغىيىپ كەتكەن ئىدىكى، مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە مىڭ يىللىق ئازابنى تارتىۋالغاندەك قىلاتتى. بوۋاي دەماللىققا ھېچ ئىشنى ئەسلىيەلمىدى، ئۆزىنىڭ تاملىرى ئاپپاق ئاقارتىلغان كېسەلخانىدا ياتقانلىغىنى بىلدى. بىر كۆڭۈلسىزلىك بولغان ئىدى راست... بوۋاينىڭ ئېسىگە ئاشۇ كۈندىكى يۈرەكنى پارە-پارە قىلىدىغان ئايىغى چىقماس جېدەل بىراقلا يوپۇرلۇپ كەلدى. شۇ چاغدا قىزى ئەجەبمۇ بىشەملىك قىلىپ كەتكەن ئىدى، شۇنداق تەتۈرلۈك قىلغان... ئۆزى بولسا ئەمەسلا بولۇپ، كەينىگىلا ئۇچۇپ چۈشكەن ئىدى... ئايخان يۈگۈرگەندەك مېڭىپ دەرۋازىدىنمۇ چىقىپ كەتكەن... بىچارە قايتىپ كەپتۇ-دە؟ مېنىڭ يىقىلغىنىمنى كۆرۈپ كەتمەپتۇ-دە؟... بىچارە مەزلۇم، ئەجەب مېنى دەپ قېرىغان جېنىدا جىق خاپىلىقنى تارتىۋالدى... بوۋاينىڭ كۆزىگە ئايخاننىڭ يۈزىدىكى سۇس داغلىرى بەكلا قارىداپ كەتكەندەك، كەڭ كەلگەن يۈزلىرىمۇ قورۇلۇپ كىچىكلەپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ، يۈرىكى ۋىژژىدە ئېچىشتى. «بىچارە ئايالدا نېمە گۇناھ؟ ئۇنىڭ گۇناھى مېنى ياخشى كۈتكىنىدە شۇ...» دەپ ئويلىدى بوۋاي...

  بوۋاينىڭ گېلى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئۇخلاپ قالغان ئايخاننى ئويغىتىپ:«ماڭا ئۇسسۇزلۇق بېرىڭ» دېمەكچى بولدى، ئەمما نېمىشقىدۇر ئاۋازى چىقمىدى. «بولدىلا، نېمىمۇ قىلارمەن؟ بىچارە ئۇخلىۋالسۇن، قارىغاندا ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كېتىپتۇ-دە؟...» ئۇ شۇنداق ئويلاپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى، قوللىرى بىلەن كارۋاتنى دېيەپ ھېچ مىدىرلىمايۋاتقان تېنىنى كۆتۈرمەكچى بولدى. لېكىن بوۋاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى بەكلا ئورۇنسىز بولۇپ چىقتى، ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ قىمىرلىيالمىدى، بەدىنى ھېچنېمىنى تۇيمىدى. بوۋاي بىر بەختسىزلىكنى تۇيۇپ، ئايخانغا گەپ قىلماقچى، ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىماقچى بولدى. ئەمما تىلى ئېغىر، ئاجايىپ ئېغىر ئىدى، زادىلا زۇۋان چىقىرالمىدى. قولىنى، پۇتىنى كۆتۈرمەكچى بولدى، پەقەتلا كۆتۈرەلمىدى، گويا چوڭ بىر تاغنىڭ ئاستىدا قالغاندەك، قىمىرلىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى...

  بوۋاي شۇندىلا قاتتىق چۆچۈپ ئايخانغا قارىدى. بۇ چاغدا ئايخانمۇ ئويغانغان ئىدى. ئۇ بوۋاينىڭ كۆزىنى ئاچقىنىنى، ھۇشىغا كەلگىنىنى كۆرۈپ، جىددىلەشكەن ھالدا ئالدىراپ-تېنەپ دوختۇر چاقىرىش سېگنالىنى باستى ھەم بوۋاينىڭ بېشىغا كەلدى. يىغلىغانغىمۇ، كۈلگەنگىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر ئىپادىدە بوۋىيىنىڭ مۇزدەك تەرلەپ كەتكەن پېشانىسىدىكى تەر تامچىلىرىنى سۈرتتى. كۆزلىرىدىكى ياشنى ھەر قانچە قىلىپمۇ يوشۇرالمىدى. بوۋاينىڭ:«مەن نېمە بولدۇم؟ نېمىشقا مىدىر-سىدىر قىلالمايمەن؟ نېمىشقا بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرەلمەيمەن؟...» دېگەن ئۈنسىز سوئالىغا، ۋەھىمىدىن چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىيالمىدى.

  -ياخشى بولۇپ كېتىلا... تېزلا ئوڭشىلىپ كېتىلا... دوختۇر شۇنداق دەيدۇ، ھېچ ئىشنى ئويلىمىسىلا، قالغىنىغا مەن بار، بوۋاي. سىلىنى ئۆزۈم باقىمەن، ئۆزۈم كۈتىمەن...ــــ دېدى ئايخان ئېسەدەپ.

  بىردەمدىلا ياتاققا دوختۇر ھەم سېستىرالار كىرىپ كېلىشتى، بوۋاينىڭ كۆزلىرى بارچە ئۈمىد بىلەن دوختۇرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى، دوختۇر بىرەر قۇر ئاددى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئايخانغا قاراپ مىيىقىدا كۈلدى:

  ــــ بوۋاي تېز ھۇشىغا كەلدى، بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى. ياخشى كۈتۈنسە، كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىچىدە تۇرالىسا، سەزگۈلىرى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭغا يەنىلا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، سەۋرچان بولساڭلار بولىدۇ شۇ...ـــ دوختۇر شۇنداق دەپ بوۋايغىمۇ بىر نەچچە ئېغىز تەسەللى بەردى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئېغىر بىمارلارغا قارىتا بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش ۋە ھېسداشلىق ئىپادىلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بوۋاي ئەمدى ھەممىنى چۈشەندى، ئۆزىنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى، پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. ھايات كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلا بىر قورقۇنچلۇق يۈككە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇئان بوۋاينىڭ كۆز ياشلىرى سەلدەك ئاقتى، يۈرىكى زەھەر قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا بۇ ئىشلار قاباھەتلىك چۈشتەك، ھەتتا چۈش دېگۈچىلىكىمۇ يوق تېتىقسىز خام خىيالدەك، كاللىسىنى بىرلا سىلكىپ، كۆزىنى ئاچسىلا بۇ خىيالدىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلدى، لېكىن رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس ئىدى...

  بوۋاينىڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەن ئىدى. ياشتا چوڭ، يەنە كېلىپ ئېغىر دىئابىت كېسىلى بولغاچقا، ئوپېراتسىيە قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. دوختۇرنىڭ داۋالاش لايىھەسى: مېڭە قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىدىغان، قان تازىلايدىغان دورا-ئوكۇلللارنى ئىشلىتىش، ئائىلىگە قايتقاندىن كېيىن قەرەللىك داۋالىنىپ، ياخشى كۈتۈنۈش، بەدەن ئۇۋۇلاش ئېلىپ بېرىش ئىدى.

  ئۈچ كۈندىن بۇيان ھېچنېمىنى سەزمەي ياتقان دادىسىنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا قىزى ئېرى بىلەن دوختۇرخانىغا كەلدى. ئۇ دادىسى ھۇشىدىن كەتكەندىن كېيىن ھېچقاچان دادىسىدىن زادىلا ئايرىلمىغان، دادىسى ھېچنېمىنى سەزمەي ياتقاندا، ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپ، زار-زار يىغلىغان ئىدى. ئايخاننىڭ دادىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشىغىمۇ يول قويۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئۆچ-ئاداۋىتىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ كەينىگە تاشلىغان ئىدى. دادىسى ھۇشىغا كەلگەندە، ئۇ ئېرىنىڭ زورى بىلەن سىرتقا تاماق يىيىشكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. رابىيە كېسەلخانىغا كىرىپلا دادىسىنىڭ يېنىغا يۈكۈندى، ياشلىرى سەل بولۇپ، زادىلا توختىمايۋاتقان بوۋاينىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈپ، مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ:«كەچۈرگىن، دادا، مەن خاتا قىپتىمەن...» دېدى، لېكىن ئۇ بەكلا كېچىككەن ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ«خاتالىق»ىنى بوينىغا ئالغۇچە دادىسىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىرىپ بولغان ئىدى...

  بوۋاي شۇ تەرىقىدە دوختۇرخانىدا بىر ئايدىن كۆپرەك يېتىپ چىقتى. بۇ جەرياندا ئايخان ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى، بوۋاينىڭ بارلىق كۈتۈنۈشىگە قارىدى. قىزى ئېلىپ كەلگەن تاماق بوۋايغا ئۇنچە تېتىپ كەتمەيتتى. نېمىلا قىلغان بىلەن قىزى يەنىلا كېسەل تامىقىنى ئايخاندەك سىڭىشلىك قىلىپ تەييارلىيالمايتتى. ئايخان بىر نەچچە قېتىم ئۆيگە بېرىپ تاماق قىلىپ كەلگەن بولدى. ئەمما بوۋاينىڭ كۆزلىرى تۆكىدىغان، پەقەت ئۆزىلا ئاڭلىيالايدىغان:«سىز ھېچنەگە كەتمەڭ، يېنىمدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلماڭ، سىزدىن باشقىلاردىن خىجىل بولىدىكەنمەن...» دېگەن ئۆتۈنۈشلىرىگە ماقۇل بولماي تۇرالمىدى.ـ

  ـــ دوختۇر سىزنى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەلەيدۇ، دەيدۇ، بوۋاي. بۇنداق يېتىۋېرىشىڭىزگە رۇخسەت يوق. سىزنى قاچانغىچە بۇنداق كۈتىدىكەنمەن؟ پۇتلىرىڭىزنىڭ سېزىدىغىنىنى دوختۇر ئىسپاتلاپ بەردىغۇ ئەنە؟ قاراڭە، قوللىرىڭىز ھازىر ئىلگىرىكىدەك سوغوق ئەمەس، خېلىلا ھەرىكەت قىلىدىغان بولدىڭىز، ئەمدى ئوڭ قولىڭىزمۇ ھەرىكەتكە كەلسە، ئارقىدىن تىلىڭىزمۇ «ئاق بېلىق»نى ئېيتالايدىغان بولىدۇ. شۇڭا بوۋاي، تاماقنى بەلەن يەڭ، مەن ئۈچۈن، مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىڭ... بىلەمسىز؟ مەن ئەر كىشىنىڭ خورلۇقىنى بەكلا تارتقان... پەقەت سىزگە تېگىپلا ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلىنىدىغان ئايال كىشى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلغان ئىدىم... خۇدا بەختىمنى بۇنچە قىسقا قىلمىغاندۇ ھەر قانچە بولسىمۇ؟... مەن سىزگە ئىشىنىمەن، بوۋاي! مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىڭ! سىزدىن ھېچقاچان ئايرىلمايمەن، بۇ ئۆمرۈمدە سىزنىڭ تەرىتىڭىز بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىمەن...

  ئۇلار ئىككىسى كېسەلخانىدا يالغۇز قالغانلىرىدا ئايخان بوۋايغا شۇنداق دەيتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى:«ئايخان كېتىپ قالارمۇ؟ مەندەك كېرەكسىز تەندىن زېرىكىپ قالارمۇ؟ مېنى تاشلىۋېتەرمۇ؟...» دېگەن ۋەھىمىنى تۈگىتىشكە تىرىشاتتى. ئايخان بوۋاينىڭ چۈشكۈنلىشىۋاتقان ھاياتىدا يەنە يېپيېڭى بىر دۇنيا ئېچىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ھاياتلىقنىڭ ئەركىن، ساغلام تەن بولمىسىمۇ، ھۇزۇرلانغىلى بولىدىغان نۇرغۇنلىغان گۈزەل كارتىنىلىرىنى سىزىپ كۆرسىتەتتى:

  ــــ ئەمدى سىزنى ئاچچىق يۈتكۈزمەيمەن، پۈتۈنلەي ساقايغۇچە تالاغا چىقسام، ھويلا سۈپۈرسەم، باغدىكى ئۇششاقلىقنى ئوتىسام، ھېچ بولمىغاندا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ تۇرىسىز. كەچلىرى خورىكىڭىزنى ئاڭلاپ، «ئېرىم يېنىمدا بارغۇ» دەپ خاتىرجەم ئۇخلايمەن. قوللىرىڭىزنى مۇشۇنداق تۇتۇپ تۇرالىسام، ھەر قاچان ماڭا قاراپ تۇرغىنىڭىزنى بىلەلىسەملا، مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ھەم ئەڭ خاتىرجەم ئايال... ھاياتلىقىڭىزنىڭ، مۇشۇنداق تۇرۇپ بەرگىنىڭىزنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك، قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىڭىزمۇ بوۋاي؟ ياش ۋاقىتلىرىمىزدا تارتمىغان خورلۇقىمىز، قىيىنچىلىق، دەرد- ھەسرىتىمىز قالمىغان. مانا ئەمدى ئىككى دەردمەن قېرىغاندا ئاران بىر-بىرىمىزگە ئۇلاشتۇق. ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان بۇ ھىممىتىدىن ئۇنداق ئاسانلا ۋاز كەچسەك بولماس؟... شۇڭا ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن، ھەم مەن ئۈچۈن چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىڭ...

  بوۋاي ئايخاننىڭ خۇشخۇي تەبەسسۇمىدىن،ئۆزىگە ھەر ۋاقىت ئاتا قىلىدىغان مېھىر- ۋاپاسىدىن، ئىشەنچ-ئېتىقادىدىن سۆيۈنەتتى. ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بارغاىنسېرى كۈچىيەتتى.

  ئاخىرى دوختۇرلارنىڭ كۆيۈنۈپ داۋالىشى، ئايخاننىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشلىرى نەتىجىسىدە، بوۋاينىڭ سالامەتلىكىدە خېلىلا ياخشىلىنىش بولدى. ئۇنىڭ سول قولى ئوبدانلا ھەرىكەت قىلىدىغان بولدى، ئوڭ پۇتىدىمۇ خېلىلا كۆرۈنەرلىك سېزىم بولۇۋاتاتتى.

  شۇنداق كۈنلەردە دوختۇر بوۋاينى:«ئەمدى بالنىستتىن ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ» دېدى. ئەمدى بوۋاي ئائىلىدە ياخشى كۈتۈنۈپ، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، ۋاقتىدا دورىسىنى ئىچىپ تۇرسىلا بولاتتى. ئىش شۇنىڭدىن باشلاندى، قىزى ھېچكىم ئويلىمىغانلا بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  ــــ سوغوق چۈشكىلىۋاتىدۇ، دادام بىلەن ئىككىڭلار بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭلار، بىزنىڭ ئۆي ئىسسىق، ھاۋاسى بىر خىللا تۇرىدۇ. دادام قىش كۈنلىرى مەشنىڭ ئوتىدا ئىسسىق-سوغوقتا قېلىپ زۇكامداپ قالسا بولمايدۇ. بۇنى دوختۇر بەكلا تاپىلىدى، سىزمۇ ئاڭلىدىڭىز، بىز رادىل بىلەن يېزىغا بېرىپ تۇرايلى، بۇ يىل شۇنداق قىلىپ قىشنى چىقىرىپ تۇرساق، كىلەر يىلى يا سىلەرمۇ بىناغا كۆچۈپ چىقارسىلەر... بۇلامدۇ، دادا؟...

  كۈيئوغلىمۇ شۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇردى،«ماشىنام بار تۇرسا،يەنە كېلىپ چوڭ ئۆيمۇ شەھەرگىلا تەۋە يەر تۇرسا، ئىشىمغا كېچىكمەيمەن»دېدى ئۇ. بۇ پىكىرگە ياق دېگۈچىلەر بولمىدى، ئۆيىگە ئوتتەك كەتكۈسى كېلىپ تۇرغان بوۋايمۇ قىزىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويغىسى كەلمىگەندەك جىمىپ كەتتى. ئايخاننىڭ «ياق» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ رابىيە بىلەن ھەر ھالدا ياخشى بولۇپ قالغىنىدا، يەنە «ياق» دەپ تەتۈرلۈك قىلسا، بۇ قىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن قورقۇيتتى. ھېلىمۇ بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېگىپلا قويسا پارتلاپ كېتىدىغان يۇشۇرۇن بومبىدەك، شۇنچىلىك زىللىشىپ كەتكەن ئىدى.

  ــــ رابىيە بۇنداق دېگەن يەردە ماقۇل دېمىسەك بولمايدۇ، ئابدۇللاخۇن. بالىلارنىڭ كۆڭلى يەردە قالمىسۇن...ـــ دېدى ئۇمۇ سەل كېكەچلەپ. شۇ گەپنى دەۋاتقاندا ئاۋازى تىترەپ كەتتى، بىر كۆڭۈلسىزلىكنى تۇيغاندەك قىلدى، ئەمما چوڭقۇر ئويلاشقا ئۈلگۈرەلمىدى...

  بوۋاي دوختۇرخانىدىن چىرايلىقلا يېنىپ چىقىپ، قىزىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتى، ئايخانمۇ بىللە ئىدى. بوۋاينى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغىنى قىزىنىڭ ئايخانغا تۇرۇپلا شۇنداق قىزغىنلىق قىلىپ كېتىۋاتقىنى ئىدى. بوۋاي زۇۋان سۈرەلمىگىنى بىلەن قىزىدىن خۇش بولدى، ئۆزىنىڭ شۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى قىزىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بۇ كېسەلنى راۋا قىلغانلىقىدىن كۆردى... قىزى راست دېگەندەكلا چوڭ ئۆيگە ئېرى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ كۆچۈپ كەتتى. ئانچە-مۇنچە كىيىم-كېچىكىدىن باشقا ئۇلار ھېچنېمىسىنى ئالمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ كەڭ قورساقلىقىدىن ئايخانمۇ قاتتىق تەسىرلەندى.«رابىيەنىڭ ئاچچىقى تۇمشۇقىدىلا ئىكەن، ئەمەلىيەتتە كۆڭلى ياخشى قىزكەن» دەپ بوۋايغا ماختاپ بېرەتتى، ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلمەي، بالىلاردەك سوقۇشۇپ، بوۋاينى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىغا بەكمۇ ئۆكۈنەتتى.

  ــــ سوغوق قورىغىلى تۇردى، ئابدۇللاخۇن. ئۆيگە بېرىپ قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ كەلسەم بولارمىكىن؟ سىلىنىڭمۇ بىر نەچچە قۇر ئىچ كىيىملىرى شۇ ئۆيدە قالغان ئىدى، سىلىگە ماۋۇ بالا قاراپ تۇرىدىغان بولدى، ئۇ ئىككى سائەت بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ بولغۇچە مەنمۇ كېلىپ بولىمەن،ــــ دېدى بىر كۈنى ئايخان. بوۋايغا قاراپ تۇرۇشقا ماقۇل بولغىنى، ئىككى كۈندە بىر كېلىپ بوۋاينىڭ بەدىنىنى ئۇۋۇلايدىغان، 20ياشلار ئەتراپىدىكى بەدەن ئۇۋۇلاش ئۇستىسى ئىدى. ئۆزى بەكمۇ كىلىشەڭگۈ، سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل بالا ئىدى. بوۋاي بالنىستتىن چىققاندىن بۇيان، ئايخان سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇ بالىنى تاپقان ئىدى، ئۇۋۇلاش ئۈنۈمىمۇ خېلىلا كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتاتتى...

  بوۋاينىڭ كۆز ئىپادىسى بىلەن ماقۇل بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئايخان ئۆيدىن چىقتى. ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بوۋايغا:«بىر سائەتكە قالمايلا يېنىپ كېلىمەن، ماشىنا بىلەن بېرىپ، ماشىنا بىلەنلا قايتىپ كېلىمەن، ھەرگىز ھايال بولمايمەن، ئەنسىرىمەڭ...» دەپ قايتا-قايتا ۋەدە قىلدى.

  لېكىن ئارىدىن بىر سائەتمۇ ئۆتتى، ئىككى سائەتمۇ ئۆتتى، ھەتتا كەچ بولۇپ كەتتى. ئايخاننىڭ سايىسىمۇ، ھېچقانداق خەۋىرىمۇ يوق ئىدى. بوۋاي سائەتكە تولا قاراپ يۈرىكى يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى. ئۇ ئايخاننىڭ كەلمەي قويۇشىغا ئىشەنمەيتتى، پەقەت ئۇنى يولدا بىرەر خېيىم-خەتەرگە يولۇققانمىدۇ، دەپلا ئەنسىرەيتتى. ئۇ ئايخاندىن ئايرىلىپ ياشاشنى ئەقلىگىمۇ سىغدۇرالمايتتى... شۇ ھالدا ئۇنىڭغا ھېلىمۇ پۈتۈن يېرىم كۈن قاراپ ئولتۇرغان ياش بالا، ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قايتماقچى بولدى، ھەم قايتىپ كېتىدىغاندا ئايخان بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندىن كېيىن، بوۋاينىڭ قىزىغا:«دادىڭىز يالغۇز قالدى» دەپ تېلېفون قىلىپ قويدى.

  ھايال قالمايلا رابىيە ئۆيگە كىرىپ كەلدى، دادىسىنىڭ يالغۇز ياتقىنىنى كۆرۈپ، ئايخاننىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلدى، بىر نەچچە يەرگە تېلېفون قىلىپ باقتى. ئېرىنى دەرھال بالىنى ئېلىپ، چوڭ ئۆيگە بارمايلا شەھەردىكى ئۆيگە يېنىپ كىلىڭ، دىدى. قىزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە يىراقتىن كەلگەن ساۋاقدىشىنى مېھمان قىلىپ ئولتۇرۇپتۇمىش...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر