باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(7)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاي قىزىغا ھەيران بولاتتى، قىزىنىڭ شۇنچە بىشەملىكىگە ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. بۇلۇپمۇ «شەھەر قۇرۇلىشىنى كېڭەيتىدىكەن، كونا زىمىن ئېلىنىپ كېتىدىكەن» دېگەن مىش-مىش خەۋەر تارقالغاندىن بۇيان قىزى شۇنداق بەغەرەز، مۇتىھەم، ئاچ كۆز بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. دادىسى ئارىلاشسا،«خۇتۇنۇڭغا بولۇشتۇڭ» دەپ ھۆركۈرەپ يىغلاپ، ئالەمنى مالەم قىلاتتى...

  بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىن بوۋاي ئىختىيارسىز قىزىدىن بىزار بولىدىغان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، بۇ ئۆيگە كەلمىسىكەن، دەيدىغان بولۇپ قالدى. قىزى پەيدا بولسىلا يۈرىكى بىر كۆڭۈلسىزلىكتىن ئېچىشىپ كېتەتتى. ئۇنى ئايخانغا يەنە ئازار بېرەرمۇ، دەپ يۈرىكى سۇ بۇلاتتى. شۇنداق قىلىپ دادا بىلەن قىزنىڭ ئارىلىقىدا كۆزگە كۆرۈنمەس بىر ھاڭ، بارغانسېرى چەكسىزلىككە قاراپ سوزۇلىۋاتقان بىر ئارىلىق تۇيدۇرماي شەكىللەندى...

  بىر جۈمە كۈنى بوۋاي جۈمەگە كەتكەن، ئايخان ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىدى. تۇيۇقسىزلا رابىيە ئۆيگە كىرىپ كەلدى، رابىيەنى كۆرسىلا ئايخانمۇ دۆدىن قورققاندەك قورقۇدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇرۇنقىدەكلا خۇددى ئېغىر گۇناھى بار كىچىك بالىلاردەك، قىزغا خۇشامەت قىلىپ، قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالدى:

  ــــ ۋاي بالام، كېلىڭ!...ــــ ئايخان زورلاپ كۈلۈپ، رابىيەنىڭ تېگىگە كۆرپە سالدى.

  ــــ كىم سىزنىڭ قىزىڭىزكەن؟ بېرىپ دادامدىن باشقا ئاشنىڭىزدىن تېپىۋالغان قىزىڭىزنى قىزىم دەڭ!ـــ دېدى رابيە ئايخانغا زەھەردەك تىكىلىپ قاراپ.

  ئايخان ئۈندىمىدى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى. ئۇ بۇ خورلۇققا ئاران-ئاران چىداپ تۇرۋاتاتتى. بوۋاينىڭ كۆڭلىنى دېمىسە بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇسى يوق ئىدى.

  ــــ خاپا بولماڭ... ئەمدى دېمەي،ـــ دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ.

  ــــ نېمە يىغلاپ كېتىسىز؟ كۆزىڭىزدىن چىققان ئۇنداق يۇندىچۇ قاراڭ، خېلى نەرسىدىنمۇ چىقىدۇ! دادامنى يىغلاپ قورقۇتقىنىڭىز بىلەن مىنى قورقۇتالمايسىز! مىشچانلىقنىچۇ، بېرىپ ئا قالغان ئاشنىلىرىڭىزغا قىلىپ بېرىڭ. دادامنىڭ كاللىسىنى تولا ئايلاندۇرماڭ، سىزنىڭ نېمە ھۈنەر ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزنى مەن ئوبدان بىلىمەن! مەنلا ھايات بولسام، سىزگە تۇزدەك تېتىپ، ئانامنىڭ بىر تال يىپىغىمۇ ئىگە قىلمايمەن!

  ــــ مەقسىتىڭىز شۇ بولسا رابىيە، مەنمۇ سىزگە ئوچۇقىنى دەپ قوياي: مەنمۇ دادىڭىزدەكلا قېرىپ قالغان ئايال، ئۇنچىلا جىق ھەشەمنىڭ ماڭا كېرىكىمۇ يوق. ئوغلۇمنىڭ روزىغارىمۇ ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدۇ، شۇڭا خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ، بۇ ئۆيدىكى يىڭنە چاغلىق نەرسىدىن تامايىم يوق، دادىڭىزنىڭ يۈزىنى قىلمىسام بۇ ئۆيدە سىزنىڭ زەھىرىڭىزنى يۈتۈپ ماڭا نېمە بوپتىكەن؟ مەنمۇچۇ قاراڭ، ھەرگىز تالادا قالمايمەن، بىر ئوبدان ئوغلۇم بار، نەۋرەمگە قاراپ بەرسەممۇ ھېساب. شۇڭا بۇنداق ئۇرۇش تېرىۋەرمەي، خاتىرجەم بولۇپ ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭ، مەن ھېچنېمە ئالمايمەن!ــــ رابىيەنىڭ تولا بىشەملىك قىلىشلىرىغا زادىلا چىداپ بولالمىغان ئايخاننىڭمۇ بۈگۈن بىراقلا جەھلى قاتتى، خۇددى نېمە بولسام بولدۇم دېگەندەك رابىيەگە نەپرەت بىلەن تىكىلدى.

  ــــ ۋاي شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا ساڭا بۇ يەردە بىر نېمىنى سوۋۇتۇپ قويمىغاندىكىن، دەرھال بوغچاڭنى يۈدۈپ ئۆيدىن يوقال! ـــ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان خاسىيەتخان، نېمە دېيىشىنى بىلمەي، سەل تېڭىرقاپ قالغان رابىيەنىڭ يېنىدىلا پەيدا بولۇپ، ئايخاننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ دېگۈدەكلا كەلدى،ـــ ئابدۇلباينى ياش ۋاقتىدىمۇ ئازدۇرۇپ ئاچامنىڭ رىسقىنى ئوغۇرلاپ يەيتتىڭ پاسكىنا! قانداق؟! ئابدۇلباينىڭ نېنى بەكلا تاتلىقمىكەن؟ بەكلا يۇمشاقمىكەن؟ ئەجەب تۇرۇپ قالماي ئۆتۈۋىرىدىكەن-ھە گېلىڭدىن؟! ئەمدىچۇ، سەنمۇ كاللاڭنى سىلكىپ، بەلەن ئاڭلا، پاسكىنا! ئاچامنى ياۋاش- بوزەك كۆرۈپ، ئېرىنى ئازدۇرغىنىڭ بىلەنچۇ، ئەمدى بالىلىرىنى ئازدۇرالمايسەن! بوزەك قىلالمايسەن! دەرھال يوقال، قانجۇق! ماڭ رابىيە، بۇ پاسكىننىڭ لاقا-لۇقىلىرىنى تالاغىلا چۆرىۋەت!ھاممىسى،ئېرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كەلگەن بولغاچقا، رابىيە ھېچ ئويلىنىپ تۇرمايلا، ئايخاننىڭ توي كۈنىلا ئېلىپ كەلگەن قىزىل چامادانىنى سۆرەپ چىقتى. ئايخان شۇ چاغدىلا تىلى زۇۋانغا كەلگەندەك رابىيەنىڭ قۇلىدىن چامداننى سىلكىپلا تارتىۋالدى:

  ــــ ھەي ئەقىلسىز! مۇشۇنداق قارىنى سۈركەپ مېنىڭ يۈزۈمنىلا ئەمەس، داداڭنىڭمۇ يۈزىنى چۈشۈرگىچە، گېپىڭنى ئوچۇقلا قىلساڭ بولماسمىدى؟ سەن ئاز كەلدىڭما ماڭا؟ مۇنۇ قېرى جەددالنى باشلاپ كېلىپ مېنى سويۇپقۇ يىيىشمەيدىغانسەن؟! كەتسەممىچۇ، داداڭنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ كېتىمەن! داداڭنىڭ ھەق نىكاھلىق خوتۇنىمەن! سەن چىق دېسەڭلا چىقىدىغان ئىش نەدىكەن؟! سەن مېنى بىر قۇرۇق چامادان بىلەنلا كېتىدىغان ئىگە-چاقىسىز دەپ ئويلىغانمىتىڭ؟!

  ــــ ئەمدى ئاڭلىدىڭمۇ، رابىيە؟ بۇ تۈلكە جىن قۇيرىقىنى ئاشكارىلىدى مانا! ئاڭلىغانسەن؟ ئۇ ئالىدۇ، داداڭنى يالاپ يەپ بولغاندا ئاندىن كېتىدۇ!ــــ خاسىيەتخان بۇرۇلۇپلا رابىيەگە ۋارقىرىدى. خۇددى ئېيتقانلىرى ئوقدادىسىغا كەلگەندەك قالتىس يايراپ كەتتى،ــــ ھۇ قېرى پاسكىنا! ئاچام تېتىيالمىغان بولسا، بالىلىرى تېتىيالمىغان بولسا، مانا مەن تۇزدەك تېتىيمەن ساڭا! ـــ ئۇ شۇنداق دەپلا ئايخانغا تاشلاندى. ئەمما ھە دېمەيلا ئايخاندىن تاياق يىگىلى تۇردى، خۇددى بىر تاغار كېرەكسىز گۆشتەك بىردەمدىلا ئايخاننىڭ ئاستىدا قالدى، ئايخاننىڭ غەزەپ بىلەن تىپىش، ئۇرۇشلىرى ئىچىدە تۈگۈلۈپ، ۋارقىراپ-جارقىرىغىلى تۇردى،ــــ ۋاي! ئادەم ئۆلدى! ئوغرى مۈشۈك ئادەم ئۇرغىلى تۇردى! ئۆگەي قىزىنى پاتۇرمىدى! ۋاي دات، دەيدىغان يەر بارمۇ؟!

  ھويلىغا قولۇم-قوشنىلار يىغىلىپ كەتتى، ھاممىسىنىڭ تاياق يەپ كەتكىنىنى كۆرۈپ رابىيەمۇ ئايخاننى ئۇرۇشقا، ئاغزىغا ئالغۇسىز سەت تىللار بىلەن تىللاشقا باشلىدى:

  ــــ دادام بەك تېتىپ كەتتىمۇ ساڭا پاسكىنا-ھە؟ دادامنىڭ پېشىنى قويۇپ بەر، قېرى جالاپ!....ــــ قوشنىلار ئاجرىتىۋالمىغان بولسا، ئايخان يەنە قانداق پالاكەتچىلىكلەرگە قالار بولغىيدىكىن؟ ئەمما قىزى بىلەن خاسىيەتخاننىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان يامان بېزەپ سۆزلەرگە ئىنسان چىداپ تۇرغىلى بولمايتتى...

  ــــ يوقۇلۇش! يوقۇلۇش!...ــــ بىراۋ چاقىرىپ كەلدىمۇ ياكى ئۆزى قايتىپ كەلدىمۇ، ئابدۇللاخۇن غەزەپ بىلەن ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ قەھىرلىك ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر قازان قايناق سۇغا بىر ساپلىق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەتراپ دەماللىققا تىمتاسلا بولۇپ قالدى. كىشىلەر خۇددى بۇ تاماشانى ئابدۇللاخۇننىڭ قانداق بېسىقتۇرىدىغىنىنى كۆرمىگۈچە قايتمايدىغاندەك، ئورۇنلىرىدىن قىمىر قىلماي تۇراتتى.

  ــــ خاپا بولمىساڭلار چىقىپ كېتىڭلار قوشنىلار!...ــــ ئاۋازى پەس ھەم ئەلەملىك بولسىمۇ، ئابدۇللاخۇن ئاچچىق بىلەن ئويۇننىڭ ئاخىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتقانلارغا بۇيرۇق قىلدى. كىشىلەر خىجىل بۇلۇشۇپ گۈررىدىلا چىقىپ كېتىشتى. ھويلىنىڭ بىر تەرىپىدە رابىيە بىلەن ئۇنىڭ ھاممىسى خاسىيەتخان ئېسەدەپ يىغلاپ ئولتۇراتتى. ئېرىنى كۆرۈپلا ئايخان پاڭڭىدە يىغلاپ ئىچكىرىكى ئۆيگىلا كىرىپ كەتتى.

  ــــ سىزمۇ چىقىپ كېتىڭ، خاسىيەتخان! سىزمۇ بۇ ئۆيگە ئەمدى يات! ـــ ئابدۇللاخۇن قولىنى شىلتىپلا ھۈ تارتىپ، يەنە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىشنى باشلىغان خاسىيەتخاننى قوغلىدى،ـــ رابىيەنى كۈشكۈرتۈپ، ماڭا مۇشۇنداق سورۇقچىلىقنى سېلىپ، سىزنىڭ نېمە مەقسىتىڭىز بار بولغىيتى-ھە؟! مېڭ، يوقۇلۇڭ! ئىككىنچىلەپ كۆزۈمگە كۈرۈنگۈچى بولماڭ!

  ــــ ھۇ قېرى ئوغرى! سېنىڭ بۇ بۇزۇقخاناڭغا مىېنى ئاشىق دېگەنمىتىڭ؟! ما قىزىڭغا ئىچىم ئاغرىپ كىرىپ قالمىسام، كاللام ئىششىپ قالمىدى مېنىڭ! كۆزۈڭنى بەلەن ئېچىپ قارا! ئايخان جالاپنىڭ دېپىغا ئازراق ئۇسسۇل ئوينا! ھۇ كاللىسىدىن كەتكەن ئازغۇن، قېرى تاز!...

  خاسىيەتخان يىغىسىنى شىپپىدە توختىتىپ، ئاغزىنى تېخىمۇ بۇزۇپ تىللىغىنىچە تالاغا ماڭدى، شۇ چاغدا رابىيە ھاممىسىنى توختىتىۋالدى:

  ــــ ھامما، توختاڭ! بۇ ئانامنىڭ تۇتقان جايى! ئاچىڭىزنىڭ تۇتقان جايى! ئانام رەھمەتلىك بولغان بولسا، سىزنى بېشىدا كۆتۈرەتتى بەلكى! چىقساق تەڭ چىقىمىز بۈگۈن!ـــ ئۇ شۇنداق دەپلا دادىسىغا بۇرۇلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قان تولغان ئىدى،ـــ دادا،بۈگۈن سەنمۇ گەپنى ئوچۇق قىلغىن! يا خوتۇنۇڭغا تۇرغىن يا ئىككى بالاڭغا! ماڭا تۇرغىن! خوتۇنۇڭ بار يەردە مەن يوق، مەن بار يەردە خوتۇنۇڭ يوق!

  بوۋاي گويا بېشىغا كالتەك تەگكەندەك قىزىغا قاراپ داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ قىزىنى ئىلگىرى بۇ ھالىتىدە كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، قىزىنىڭ چىرايى غەزەپتىن تامدەك تاتىرىپ، مۇشتلىرى چىڭ تۈرۈلگەن ئىدى. كۆزلىرىدىن بىر خىل سوغوق نۇر چاقناپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ كېتىۋاتاتتى. بوۋاي قاشتېشىدەك سۈزۈك، يېقىملىق تەبەسسۇمى ھەر قاچان چىرايىدىن كەتمەيدىغان جان جىگەر قىزىنىڭ چىرايلىق ئاغزىدىن مۇشۇنداق ئەسكىلىكنىڭ، بايىقىدەك سەت تىللارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى... ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆركەشلەۋاتقان قىزىق قانلىرى دەقىقە ئىچىدە مۇزلاپ كەتكەندەك بولدى.

  ــــ رابىيە... ساڭا نېمە بولدى-ھە؟ نېمانچە قىلىسەن بۇ ئەسكىلىكنى؟! ساڭا، ئاكاڭغا نېمە يامانلىق قىلدىم، جېنىم بالام؟ ئۆزۈڭ ئويلا! سىلەرنى ئۆگەيلەيدۇ، دەپ تاكى سىلەرنى مۇستەقىل تۇرمۇشلۇق قىلغۇچە ئۆيلەنمىدىم، سىلەرنى كىر كىيىمدە قويغىنىم يوق! بىر موچەن پۇلدىن قىسقىنىم يوق! ياكى ياخشى باقالماي مېيىپ، توكور ياكى ئاقساق-چولاق قىلىپ قويمىدىم! نېمە دېسەڭلار قىلىپ بەردىم! ئەمدى مەن قېرىدىم! سىلەرگە يەنە ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيمەن! مەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ بولدۇم! بۇ يىل 60 ياشقا كىرىپتىمەن! 40 يىلغا يىقىن ۋاقىت سىلەرنىڭ غېمىڭلاردا، مۇشۇ ئۆينىڭ غېمىدا ئۆتۈپتىمەن! يەنە بەش يىل ياشىيالامدىم 10يىلمۇ؟ خۇدا بىلەر؟... مەن ئاشۇ قىسقىغىنە ۋاقتىمدا ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاپ باقسام بولمامدۇ؟ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش جاھاننىڭ راھىتىگە ئېرىشىپ باقسام يامان بولماس، رابىيە؟!

  ــــ دادا، كاللاڭنى سىلكىۋەت! مەنمۇ سېنى خۇشال ياشىسىكەن، ئالدانمىسىكەن، دەيمەن! بۇ جادۇگەر بايا مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ سېنى سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قويىدۇ! ئۇ:«داداڭنىڭ تۇتقان-پۈتكىنىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ ئاندىن كېتىمەن» دەيدۇ! بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىل! قاراپ تۇرۇپ ئوتقا سەكرەيمەن دېسەڭمۇ ئىختىيار! ئەمما مەندىن ۋاز كېچىسەن! مەن سەندىن ۋاز كېچىمەن!... مۇشۇ خوتۇن بىلەن تۇرىمەن، دەيدىغان ئىشىڭ بولسا، سېنىڭدەك دادام يوق مېنىڭ!

  ـــ ھەر قانداق ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مۇھەببىتى بىلەن ھالال جۈپتىگە بولغان مۇھەببىتى بىر-بىرگە ئوخشىمايدۇ، سېنىڭ ئىرىڭگە بولغان مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ ئوخشىمىغاندەكلا ئىش، قىزىم... بۇنداق كۇپۇر گەپنى قىلما! بىز دېگەن ئىككىلا دۇنيالىق ئاتا-بالىمىز!

  ـــــ ياق! بۈگۈن يا ماڭا تۇرىسەن! يا خوتۇنۇڭغا تۇرىسەن!!ـــ قىزى جاھىللىق، ئۆكتەمىك بىلەن دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدكى رەھىمسىزلىك، غەزەپ-نەپرەتنىڭ چېكى يوق ئىدى...

  ــــ دۇنيادا قىزىدىن ۋاز كېچىدىغان دادا بولمايدۇ، بىر ئوبدان خوتۇنىدىن ۋاز كېچىدىغان ئەركەكمۇ بولمايدۇ! مەن بالىدىنمۇ، خوتۇندىنمۇ كەچمەيمەن! ماڭ! ئۆيۈڭگە كەت! ساڭا ئەمدى گېپىم يوق!

  ــــ دادا! بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سېنى «دادا» دەپ ئاتىغىنىم بولۇپ قالسۇن! بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىممۇ، ئەمدى سېنىڭ قىزىڭ ئەمەسمەن!

  قىزى قەتئىي قارارغا كەلگەندەك ھاممىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپلا دەرۋازىغا قاراپ ماڭدى... بوۋاينىڭ يۈرىكى پىچاق تىلغاندەكلا قوچۇلۇپ كەتتى. شۇنچىلىك ئارامسىزلاندىكى، ئۆزىنى گاھ چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك، گاھ ئۆرلەپ رۇس تۇرالمايۋاتقاندەك سەزدى.

  ــــ رابىيە...توختاڭ! ـــ شۇ ئەسنادا ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايخان يوغان بوغجىمىسىنى تۈگۈپ چىقىپ كەلدى، ھەم رابىيەنى ھاممىسىنىڭ زورلاپ توختىتىۋالغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىنى توختىتىۋالغاندەك بوۋاينىڭ ئالدىغا كەلدى،ـــ مېنى دەپ قىزلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمىسىلا، بوۋاي... مەن سىلىدىن ئىككىلا دۇنيالىق رازىمەن... مەندىنمۇ رازى بولسىلا...

  بوۋاي بىر قىزىغا، بىر چىقىپ كېتىۋاتقان ئايخانغا ھەيرانلىق بىلەن داڭقېتىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇ قىزىغا، ئايالىغا شۇنچە ئىشىنەتتى. ئۇلارنى مېنى تاشلاپ كېتىدۇ، شۇ قەدەر مەينەت، ئىپلاس تىللار بىلەن بىر-بىرلىرىگە ئازار قىلىدۇ، دەپ ئەسلا ئويلىمىغان ئىدى. شۇ ھالدا يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بوۋاي بىلمىدى. ئۇ ئايخاننىڭ يىغلىغىنىچە دەرۋازىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئالدىدا قارا قۇيۇن كۆتۈرۈلگەندەك، كىملەرنىڭدۇر چىرايى غۇۋا كۆرۈنىۋاتقاندەك بولدى. يۈرىكى ئازاب-ئەلەمدىن ئۆرتەندى. ئۇ گويا ئېگىز يار لېۋىدىن تېگى يوق ھاڭغا موللاقچىلاپ چۈشۈپ كەتكەندەك تىپىرلاپ كەتتى. يۈگۈرگەن پېتى ئايخاننى تۇتۇۋالماقچى بولدى.

  ئەمما ئاياغلىرى ئاستىدا نەچچە مىڭ توننا كىشەن شاراقشىپ تۇرغاندەك زادىلا مىدىرلىيالمىدى... خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك پۇتلىرى قوزغالمايلا قالدى. كۆزلىرى چاناقلىرىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك چەكچىيىپ كەتتى. بارماقلىرى مەيدىسىنى قاماللاپ كىرىشىپ كەتتى ۋە ئاخىرى مەيدىسىدىن قان تامچىدى. چېكە تومۇرلىرى كۆپۈشتى، گىرەلىشىپ كەتكەن قالايمىقان خىياللارنىڭ بېسىمى بىلەن باش سۆڭىكى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولدى. مېڭىسى خۇددى ئوت دېڭىزىغا غەرق بولغاندەك قىپقىزىلچىلىققا تىقىلدى... ئاندىن ئۇ تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ كەينىگە تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتتى. بېشىنىڭ قاتتىق يەرگە ئۇرۇلغاندىكى تاڭڭىدە قىلغان ئاۋازىدىن باشقا ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدى. بوۋاي پۈتۈنلەي ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر