خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى مارستىكى ئوفىر جىلغىسىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 3D سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە سوۋغا قىلغان.
ئوفىر جىلغىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ جىلغا ـــ ۋاللېس جىلغىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 317 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 62 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ جىلغا مارسنىڭ يەر يۈزىدىكى ئوخشىمىغان ماددىلاردىن تۈزۈلگەن كۆپ خىل يەر قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
سۈرەت 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان، سۈرەتكە تارتىلىش ئېگىزلىكى 1857 كىلومېتىر، سۈزۈكلۈكى 96 مىليون پىكسېل. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جىلغىنىڭ ئەتراپى يەر قاتلىمى ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن ئېگىز ياردىن ئىبارەت. بۇ سۈرەتلەر ئالىملارنىڭ مەزكۇر يەر شەكلىنىڭ يېقىن كۆرۈنۈش خەرىتىسىنى قايتىدىن بېكىتىشىگە ياردىمى تېگىدىكەن.
ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى 2013-يىلى 11-ئايدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، جەمئىي 74 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان.