باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(5)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاي قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇسى كەلمىگەندەك بېشى بىلەن باغ تەرەپنى ئىما قىلدى. ئۇنىڭ باغنى كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى. قىزى دادىسىنىڭ ھەر ھالدا ئېچىلىپ قالغان چىرايىغا، ئاۋاز چىقىرالىغىنىغا قاراپ، ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان بىر خۇشاللىق ئىلكىدە كۈلگىنىچە ئۇنى ئىتتىرىپ باغقا ئەكىردى.

  قاغجىراپ كەتكەن باغنىڭ ئوچۇقچىلىقتىكى يەرلىرىنى كۆك تىكەن، شۇمبۇيا ۋە سېرىق يۆگەيلەر قاپلاپ كەتكەندى. سارغىيىپ قالغان تېرەكلەر، قۇرۇپ يەرگە چۈشۈۋاتقان يوپۇرماقلار، مېۋىلىك دەرەخلەر... ئەمدى قايتا ياشارمايدىغاندەك ئىدى، يەنە ياشىرىشىنىڭ ھاجىتىمۇ قالمىغان ئىدى...

  ــــ تىنچلىق تۇردىڭلارمۇ؟ـــــ كەينى تەرەپتىن ساپما كەشىنىلا سۆرىۋالغان يان قوشنىسى ھېلىمىخاننىڭ ئاۋازى كەلدى. قىزى دادىسىنىڭ يۈزىنى ھېلىمىخانغا قارىتىپ، بۇ كونا قوشنىسىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار يۈز يېقىپ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. ھېلىمىخان بوۋاينىڭ ياداپ كەتكەن سېزىمسىز ئورۇق تېنىگە قاراپ كۆز يېشى قىلدى. قىزىمۇ مىچىلداپ يىغلىدى، بوۋاينىڭ ياشلىرى تېخىمۇ تۆكۈلۈپ كەتتى...

  ــــ خۇدا سالامەتچىلىكنى بەرسە ئوڭشىلىپ كېتىلا، ئابدۇللاخۇن. سىلىنى مۇشۇ بىچارە بالامغىلا تاشلاپ بېرىپ، پات-پات بېرىپ يوقلاشقىمۇ يارىمىدۇق. ئەلۋەتتە كېرەك قوشنا بولغاندىكىن پات-پات بېرىپ، ھەتتا ئوغۇللىرىم بولغاندىكىن ھاللىرىدىن خەۋەر ئالدۇرۇپ تۇرسام ياخشى بولاتتى. ئەمما مۇشۇ تويماس نەپسىمىزدىن ئېشىنالمايدىكەنمىز. خاپا بولمىسىلا، سىلىنى تاشلىۋەتتۇق...ــــ ھېلىمىخان بوۋايغا كونا قوشنا ئىدى، رەھمەتلىك ئايالى بىلەن قۇرداش ئىدى، شۇڭا قالغان قوشنىلارغا قارىغاندا قىزىنىڭمۇ، بوۋاينىڭمۇ بۇ ئايالغا مېھرى ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى.

  - ۋاي ھېلىمۇ جىق يوقلىدىلا، ھېلىمىخاچا. دادام سىلىدىن جىق رازى ،ـــ دېدى قىزى ياشلىرىنى سۈرتۈپ.

  ــــ ئادەم تۇرمىغان ئۆي دېگەن ئاسانلا كونىراپ كېتىدىكەن، ھېلىقى خەقمۇ ئولتۇرار- ئولتۇرمايلا كۆچۈپ كەتتى، كۆچۈپ كەتكىنىمۇ ياخشى بولدى. خۇددى ئەخلەتچىدەكلا ئولتۇرغان ئىدى ئۇ خەق. مۇسۇلمان دىگۈچىلىكى يوق بىر توپ كىشىلەر ئىدى،ھە دېسىلا غىژىلدىشىپ جېدەل قىلىپلا تۇراتتى... كېيىن سىلەر چىقىرىپ قويغان ئېلاننى كۆردىمىكىن، بىر نەچچىسى ئۆي سوراپمۇ سوراپ كەلدى، ئەمما چاقىدىغان رايونكەن، دەپ، يەنە كېتىپ قالدى... شەھەرگە يىراق دەيدۇغۇ شۇ... مېڭلار، بۇ ئەسكى تاملىقتا تۇرىۋەرمەي، بىزنىڭكىگە چىقايلى، ئۆز قولۇم بىلەن تۇتۇپ تاماق ئېتىمەن،ــــ ھېلىمىخان شۇنداق دەپ بوۋاينىڭ ھارۋىسىنى ئىتتىردى. ئەمما بوۋاي بېشىنى چايقىدى، ئۇنىڭ مۇشۇ ۋەيرانە ھويلىنى قانغۇدەك كۆرۈۋالغۇسى، بۇ تەۋەررۈك جايدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇزاق تۇرۇۋالغۇسى بار ئىدى.

  ــــ دادا، جاھىللىق قىلما،ھېلىمىخاچاممۇ يات ئەمەسقۇ؟ خۇددى ئۆزۈمنىڭ ئانىسىدەكلا،ـــ دېدى قىزى دادىسىنىڭ غەلىتە قىلىقلىرىدىن رەللە بولۇپ،ــــ بۇ يەردە تۇرساڭ كۆڭلۈڭ تېخىمۇ يېرىم بولىدۇ شۇ... بۇ يەر بەكلا بېزەپ بولۇپ كېتىپتۇ...

  ــــ مەيلى بالام، داداڭنىڭ رايىغا قويايلى. بۇ يەرنى قىش كىرگۈچىلا چاقسا ئەمدى يەنە كۆرەلەمدۇ يوقمۇ، خۇدا بىلەر؟... ماڭ، ساڭا گېپىم بار، قىزىم. بىزنىڭكىگە چىقايلى، كەچلىك تاماقنى بىزنىڭكىدە يەڭلار، كىچىك بالام مىنىبوس ئالدى، ئابدۇللاخۇننى شۇ ئاپىرىپ قويسۇن، ئالدىرىماڭلار،ــــ بوۋاينىڭ كۆڭلىنى يەنىلا ھېلىمىخان چۈشەندى. ئۇ دادىسىدىن خاتىرجەم بولالماي قالغان قىزىنى تارتىپ باغدىن چىقىپ كەتتى.

  بوۋاينىڭ ئۆزىگە ئىگە بولالايدىغان ۋاقتى پەقەت چوڭقۇر ئەسلىمىلەر ئىچىگە غەرق بولۇپ ئايخاننى سېغىنىشلا ئىدى. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ياد ئېتىشلا بوۋاينىڭ ھېچكىممۇ دەخلى قىلالمايدىغان بىردىنبىر ئىشى ئىدى... ئەتراپتىكى ۋەيران بولغان بارلىق مەۋجۇدات بوۋاينىڭ ئايخانغا بولغان سېغىنىشىنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇ تولىمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپقا مۆلدۈرلەپ تەلمۈردى،تەلپۈندى،گويا بۇ كونا جاينىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ئايخاننىڭ كۆزى ھېلىمۇ باردەك، بۇ كۆزلەر بوۋايغا قاراپ تۇرغاندەك تۇيۇلدى. ھەقىقەتەن ئايخاننىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ئۇ ھەتتا ئايخاننىڭ نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى، مۇڭلانغان ھالدا «قادىر مەۋلان» دېگەن ناخشىنى يەنە ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى...

  بوۋاينىڭ قەلبى گاھ شېرىن، گاھ ئاچچىق ھېسلار بىلەن قايتىدىن ئويغاندى، خىياللىرى دولقۇنلاندى، كەيپى ئۆزگەردى، تەپەككۇرى بۇندىن ئۇزاق يىلللار ئىلگىرىكى كۈنلەرگە كەتتى...

  * * * * *

  باھارنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق بىر ئاخشىمى ھېلىمىخان ئەر-ئايال ئابدۇللاخۇننىڭ ئۆيىگە مۆللىدە كىرىپ كەلدى.

  ــــ سىلىنى ئۆيلەپ قويايلى دەپ كىرىشىمىز،ـــ دېدى ھېلىمىخان ئادەتتىكى سالام سەھەت ۋە پاراڭدىن كېيىن گەپنى ئۇدۇللا ئېيتىپ.

  ئابدۇللاخۇن قايتا توي قىلىشنى ئويلاپ كۆرمىگەن ئىدى، شۇڭا كونا قوشنىلىرىنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىدىن دەسلەپ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىيۇ، بۇنداق لايىق تېپىشنىڭ نۇرغۇن قېتىملىقىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ مىيىقىدا كۈلدى:

  ــــ شۇنداق ئېسىل، نەۋقىران ۋاقتىمدا بېشىمنى ئوڭشىماي، ئەمدى مۇشۇ قېرىغان جېنىمدا نېمىمۇ قىلارمەن بېشىمغا پىت سېلىپ، ھېلىمىخان؟ ماڭا بۇ گەپنى قىلمىغان بولساڭلار بوپتىكەن.

  ــــ قانداق ئادەمدۇر سىلى ئاداش؟ «كىمۇ؟ نەلىك؟» دەپ سورىمايلا، ياق، دەيدىكەنسىلەريا؟ـــ ھېلىمىخاننىڭ ئېرى سادىراخۇن چاقچاق قىلدى،ــــ مەن بولغان بولسام:«چىرايلىقمۇ؟ قانچە ياشقا كىردى؟ پۇلى بارمىكەن؟ ئۆيى بارمىكەن؟ چىشى بارمىكەن؟...» دەپ سورايتتىم! سىلىگە بولسىمۇ كەلدى بۇ ئامەت، ياش ۋاقىتلىرىمىزدىغۇ دادىمىز كىمنى ئېلىپ بەرسە شۇ خوتۇنۇمكەن، دەپ يۈرۈپتىكەنمىز، ئىش بىلمەيدىكەنمىز، ياۋاشلىقتا ماۋۇ ھېلىمىخاندەك قورۇماق، دوڭغاق، توڭغاق قېرىلىنىڭ قولىدا ھەممە نېمىمىز تۈگىدى، سىلى بولساڭلىمۇ ئەر كىشىدەك تۇرۇڭلارچۇ، ئاداش!

  ـــــ ھە؟ گەپ قىلمىسام يەنە نېمە گەپ؟ يەنە خوتۇن ئالغۇدەك ئىسسىق ھورلىرىمۇ قالدىمۇ سىلىنىڭ؟ دېگەن گېپىنى قانداق قىلاي ئەمدى! ھۇ قېرى ئوغرى!...

  ئۈچەيلەن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشتى، ھېلىمىخاننىڭ ئېرى ياشتا ئابدۇللاخۇندىن چوڭ، ئۆزى تولىمۇ خۇش چاقچاق، پاراڭخۇمار ئادەم ئىدى. ھەممەيلەننىڭ كەيپى كۆتۈرۈلگەندە، چاقچاقتىن يەنە ئەسلى تېمىغا كۆچتى:

  ــــ چاقچاقنىمۇ قىلىشتۇق، ئاداش، ئەمما ما دېگەن گېپىم چاقچاق ئەمەس جۇمۇ. ساڭا تونۇشتۇرىدىغىنىم يېقىن ئاغىينەمنىڭ سىڭلىسى. بىلىسەنغۇ ھېلىقى ئايۇپ قاسساپنى؟... ھە، شۇنىڭ سىڭلىسى ئايخان... بۇ چوكان ئۈرۈمچىگە كىچىكلا توي قىلىپ كەتكەن ئىدى، بىر بالىسى بولغاندا ئېرى تۇيۇقسىز كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئوغلى ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مۇشۇ شەھەردە ئىشلەۋاتىدۇ، ناھايىتى ئەدەپلىك، كۆيۈمچان بالا بوپتۇ... ئانىسىنى ياتلىق بولسۇن، ماڭا قارىمىسۇن، دەپ تاغىسىغا كىشى قويۇپتىكەن، ئايۇپ قاسساپ ئۆتكەندە ئاشۇ بالىنى ماختاۋېتىپ،بەكلا تەسىرلىنىپ كەتتىمۇ، بۇ گەپنى ماڭا پوسوققۇدە دەپ سالدى. شۇ گەپنى ئاڭلاپ كاللامغا كەچكىنى بىرىنچى بولۇپ سەن بولدۇڭ. ئەمما ھېلىمىخان:«ئالدىرىماڭلار، ئازراق سۈرۈشتۈرۈپراق ئېغىز ئاچايلى، ئايۇپ قاسساپ ئېسىل ئادەم بولغىنى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئەلمى-تەلمى قانداق» دەپ توختىتىپ قويغان، ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنىمۇ خېلى سۈرۈشتۈردى بولغاي بۇمۇ... ئۆتكەن بازار كۈنى ئۇ چوكاننى مەنمۇ كۆردۈم، چىرايىمۇ پاكىز، مۇلايىم چوكانكەن...

  ــــ ئېرى ھايات ۋاختىدا،تاياقچى ئېرىنىڭ خاپىلىغىنىمۇ جىق تارتىپ كېتىپتىكەن بىچارە،ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوغلىنى ئوقۇتىمەن دەپ يەنە كۆرمىگىنى قالماپتۇ، جاپانىمۇ جىق تارتىپتۇ، بېشىدىن ئىسسىق-سوغوق ئۆتكەن چوكان،ـــ ھېلىمىخان شۇنداق دەپ قوشۇمچە قىلدى،ـــ سىلىگە تازا ماس كېلىدۇ، ھازىر رابىيەنىمۇ ياتلىق قىلىۋالدىلا، ئابدۇللاخۇن. ئەمدى ئالدى-كەينىلىرىگە قارايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق. ئىككى بالىنى چوڭ قىلغۇچە سىلىنىڭمۇ كۆرمىگەنلىرى قالمىدى، دادىمۇ بولدىلا، ئانىمۇ بولدىلا... ھەممە قەرزلىرى تۈگىدى، ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ غېمىگە چۈشسىلىرىمۇ يامان بولمايدۇ، قېرىغاندا باش ئاغرىيدۇ، چىش ئاغرىيدۇ، غۇققىدە يالغۇز ئۆيدە غېرىبلىق يېتىدۇ.

  ــــ بولدىلا، يەنىلا تۇرۇپ تۇراي،ـــ ئابدۇللاخۇن بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن بۇ ئاق كۆڭۈل قوشنىلىرىغا ئۆزرە قويدى،ـــ راست، قىزىمنىمۇ خېلى جايىدا ئەرگە بېرىۋالدىم، ئاكىسىنى تۇتۇپ ئۆيلىگۈم بار ئىدى، ئەل-مەھەللىگە چاي بېرىۋالسام دەپ ئارزۇيۇم شۇ ئىدى، ئەمما ئۇ بالىنىڭ چەت ئەلدىكى ئوقۇشى تۈگەپ ئۆتمىدى، ئالدىنقى يىلى بىر قىز بىلەن شۇ يەردە تونۇشۇپ، تويىنى قىلىۋاپتۇ. گېپىگە قارىسام، بۇ ياقلارغا ئەمدى يېنىپ كەلمەيدىكەن، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. يېنىپ كەل، دىسەم، بالىلارمۇ ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىدىكەن. كەسپىم، غايەم... دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلىدى. مەنمۇ قارا قورساق بولمىغاندىكىن بوپتۇ، دىدىم قاراڭلار. غېمىم شۇ بالىدا ئىدى.«يات دىندىكى بىرسىنى ئېلۋالارمۇ، نەسلىنى ئۇنتۇپ كېتەرمۇ ؟...» دەپ ئەنسىرەيتتىم، مانا ئەمدى ئۇ غېمىممۇ تۈگىدى، خوتۇنىمۇ شىنجاڭلىق قىزكەن، چۆچەكلىكمىش، بالىلار قايتقاندا چۆچەككە بېرىپ قۇدىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋالسام، ھەممە غېمىم تۈگەيدۇ. پېنسىيەگىمۇ چىقىۋالدىم، تېنىممۇ ھازىرچە سالامەت، ئۆزۈمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتىمەن. قېرىغاندا ئالغان خوتۇن بىلەنمۇ پىشىپ بولالماي سەتلىشىپ يۈرگەن نى ئادەملەرنى كۆردۈم. تولا خوتۇن ئېلىپ ئات كۆتۈرگەنچىلىك ئىش يوقكەن.... بولدى قىلاي، سادىراخۇن ئاداش.

  ـــــ كۆز قورقۇتقۇدەك يەر بولسا سىلىگە سايە قىلىپ ساراڭمۇ مەن؟ ئايۇپ قاسساپ بىلەن كۆڭلۈم يېقىن. راست گەپنى قىلسام، ئۇنىڭغا سىلىنىڭ گېپىڭلىنىمۇ چىقىرىپ قويدۇم جۇمۇ. شۇنداقلا بولسا مەن رازى، دەپ رازىلىقىنىمۇ بېرىپ بولدى، ئەمدى غىڭ قىلساڭلار مىنىڭمۇ يۈزۈم تۆكۈلىدۇ...ـــ دېدى سادىراخۇن تېرىكىپ.

  ئۇ ئۇنى دەپ، بۇ بۇنى دەپ، ئاخىرى ئابدۇللاخۇن ئايخان بىلەن كۆرۈشۈپ باقىدىغانغا كۆندى. ئىچىدە شۇ ئايخاننىڭ ئۆزىنى ياراتماي، پەش قېقىپ كېتىپ قېلىشىنى مىڭ ئارزۇلاپ كەتتى. ئەمما تۇنجى كۆرۈشۈشتە ئىشلار ئۇنداق بولمىدى، ئايخان ئابدۇللاخۇنغا شۇنداق يېقىشلىق بىلىندى ،ئابدۇللاخۇنمۇ ئايخانغا يارىدى. زادىلا ئۆيلەنمەيمەن، دەپ يۈرىدىغان ئابدۇللاخۇن توينىڭ غېمىگە چۈشۈپ قالدى. بالىلىرىنى قانداق قىلسام كۆڭلىنى چىگىپ قويماي تۇرۇپلا، بۇ ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرارمەن، دەپ ئويلايتتى. ئۇ بەكرەك قىزى رابىيەدىن ئەنسىرەيتتى، ئانىسىدىن8 يېشىدىلا قالغان رابىيەگە ئۇنىڭ مېھرى چوڭقۇر ئىدى. ئاشۇ قىزنى ئۆگەيلەپ قويىدۇ، دەپ زادىلا ئۆيلەنمىگەن ئىدى. مانا ئاشۇ ئىشلارغىمۇ14 يىلدىن ئېشىپ كەتتى، قىزى چوڭ بولۇپ، ئۆي-ئوچاقلىق بولدى. كۈلۈپ يايراپ، ئېچىلىپ يۈرۈشلىرىدىن تۇرمۇشتا بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى...

  ئابدۇللاخۇن «جاۋاب» سۈيلەپ كىرگەن ھېلىمىخانغا كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىنى ئېيتتى. قىزىنىڭ رازىلىقىسىز ئابدۇللاخۇن بۇ توينى قىلىشنى يەنىلا خالىمايتتى. ھېلىمىخان قىزغا بۇ ئىشنى ئۆزى ئېغىز ئېچىپ دەپ باقىدىغان بولدى. ئوغلى ئەسقەرگە ئابدۇللاخۇن ئۆزى ئېغىز ئېچىپ باقىدىغان بۇلۇپ كېلىشتى. بوۋاي ئەنسىرىگەن ئىشلار ناھايىتى ئاسانلا ھەل بولدى. ئوغلى خۇشاللىقىدا دادىسىنى تەبرىكلەپ كەتتى، ئۇ چەت ئەلگە ئوقۇشقا ماڭغاندىلا دادىسىنى «ئۆيلىنىۋالغان بولساڭ بولاتتى» دەپ تولا دەيتتى. مانا ئەمدى دادىسىنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغىنىنى ئاڭلاپ، خۇشال بۇلۇپ كەتتى. «يىل ئاخىرىدا چوقۇم سېنىڭ يېڭى تۇرمۇشۇڭنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بولسىمۇ قايتىمەن» دەپ كۆڭلىنى بىلدۈردى، سىڭلىسىغا ئۆزى خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى...

  ھېلىمىخاندىنمۇ خۇش خەۋەرلەر كەلدى، رابىيەنىڭ كۆڭلى سەل يېرىم بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ توينى توسمىدى:«دادام ھېلىمۇ شۇنچە ئۇزۇن يىل تۇردى، ئۆيلەنسە مېنىڭمۇ ئاكامغا ئوخشاشلا ھېچقانداق پىكرىم يوق...» دېدى ئۇ ھېلىمىخانغا.

  شۇنداق قىلىپ ئابدۇللاخۇن توي قىلدى، ئايخاننى يارىشىقىدا ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇنى تەسىرلەندۈرگىنى ئايخان تۇتقان بارلىق ئۆي-ۋاقىلىرىنى، نەچچە يىلدىن ئاينىتقان قوي-قوزىلىرىنىمۇ توي بولۇپ ھەپتە بولمايلا ياندۇرۇپ كەلدى.«يېنىمدا قالغىنى مۇشۇ ئىكەن»دەپ بەش مىڭ يۈەن نەق پۇلنىمۇ ئابدۇللاخۇنغا تۇتقۇزدى. ئايخاننىڭ كۆيۈنۈپ ئۆي تۇتۇشلىرى، پاكىز-رەتلىكلىكى، بىلەك تۈرۈپ ئابدۇللاخۇننىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولۇپ يۈرۈشلىرى، ئۇنىڭ كىرلىرىنى يۇيۇپ، تۈجۈپىلەپ دەزمال سېلىشلىرى، بوۋاينىڭ كۆڭلى تارتقان، ھەم مىجەزىگە خىل كېلىدىغان تاماقلارنى تاللاپ ئېتىشلىرىدىن ئۇنىڭ ئابدۇللاخۇن بىلەن مەڭگۈلۈككە باغلىنىپ بولغانلىقىنى، ئابدۇللاخۇندىن ياكى ئابدۇللاخۇننىڭ مال-دۇنياسىدىن پايدىلىنىش خىيالىنىڭ ئەسلا يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  ئايخان چاچلىرىغا ئانچە-مۇنچە ئاق ئارىلىغان، 50 ياشلار چامىسىدىكى، قوللىرى مامۇقتەك يۇمشاق، ئاق كۆڭۈل، خۇش پىچىم، قاش-كۆزلىرى جايىدا، قاڭشارلىق، مۇلايىم ئايال ئىدى. كەڭ كەلگەن يۈزىدە تۇغۇتىدىن قالغان سۇس داغ بىلەن ئانچە-مۇنچە سەپكۈنى بولغىنى بىلەن، چېھرىدىن ھەر قاچان نۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى.

  ئابدۇللاخۇننىڭ ئاللىقاچان زەئىپلىشىپ كەتكەن يۈرىكىدە ئايال كىشىگە قارىتا ھېچقانداق ئىنتىلىش ھەم سادا قالمىغاندەكلا ئىدى. دادىلىق مەجبۇرىيەت ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىران ياشتىكى ئەر، زېرىكىدىغان، خورايدىغان، مۇھەببەت ھەم كۈتۈنۈشكە مۇھتاج ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۋەتكەن، ھەم ئايال كىشىگە بولغان ئىنتىلىشىنىڭمۇ قاچان، قەيەردە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلىندۈرمىگەن ئىدى. ۋاھالەنكى، تويدىن كېيىن ئايخان ئۇنىڭ چۆلدەرەپ كەتكەن كۆڭۈل قاتلىرىغا ئاستا-ئاستا ئاياغ بېسىپ كىرمەكتە ئىدى...
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر