باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەتتە ئۆلكە بۇلغىما ئازايتىشنى ۋاقىتلىق كۈچەيتىدۇ

2015.08.18 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىدۇ، 9000غا يېقىن قۇرۇلۇش ئورنى ئىش توختىتىدۇ

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 17-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھىرى، تيەنجىن شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفىرا بۇلغىمىسىنى تىزگىنلەش ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى مەخسۇس يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 28-ئاۋغۇست سائەت 0دىن 4-سېنتەبىر سائەت 24كىچە، بېيجىڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر بۇلغىما ئازايتىشنى ۋاقىتلىق كۈچەيتىدىغان ئالتە چوڭ تەدبىرنى بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، رايونلاردىكى ئاساسلىق قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىمىلارنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪30 ئازايتىدىكەن، بېيجىڭ شەھىرى بۇلغىمىلارنى ٪40تىن ئارتۇق ئازايتىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدىكى ھاۋا سۈپىتىنىڭ روشەن ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئالتە چوڭ تەدبىر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇلغىمىسىنى كونترول قىلىش، كۆمۈر بۇلغىمىسىنى كونترول قىلىش، سانائەت بۇلغىمىسىنى كونترول قىلىش، چاڭ-توزان بۇلغىمىسىنى كونترول قىلىش، مۇھىت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرى، دەم ئېلىش ۋاقىتىنى تەڭشەش تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تەدبىرلەرنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، ئىچكى مۇڭغۇل، شەندۇڭ، خېنەندىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر بىرلىكتە ئىجرا قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر