باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇمباشتىن باشلانغان مۇھەببەت ھېكايىسى

2015.08.18 20:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋەر قىلىدۇ) 16 – ئاۋغۇست، ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ قۇمباش يېزا تۆۋەنكى يۇرچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئامانگۈلنىڭ قۇتلۇق توي كۈنى. بۇ كۈنى ئۇ كەنت ھويلىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، بىز بىلەن ئۆزىنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى :«مەن ئىككىنجى تۈركۈم <ئەل رايىنى ئىگەللەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل كۆڭلىنى مايىل قىلىش› خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى، بۇ يىل يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزا تۆۋەنكى يۇرچى كەنتىگە چۈشتۈم، خىزمەت جەريانىدا، مەن يېزىلىق ھەربىي قىسمدىكى ئىلھامجان بىلەن تونۇشتۇم، كۆپلىگەن خىزمەت ئالاقىسى ئىككىمىزنى ناھايتى تېزلا يېقىنلاشتۇردى، بۈگۈن بىزنىڭ قۇتلۇق كۈنىمىز، مەن <ئۈچ ئەل خىزمىتى> پائالىيىتىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، مەن تۆۋەنگە چۈشۈپ چېنىقىش سەۋەبىدىن مۇشۇنداق گۈزەل ئىشلارغا يولۇقتۇم، بۇ ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۆرۈنۈش».

  بۇ كۈنىدىكى توي مۇراسىمىغا كەنت كادىرلىرى، ئامما ۋەكىلى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتداشلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بىر جۈپ ياشقا چىن دىلىدىن چوڭقۇر بەخت تىلىدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ بىر تۆۋەنگە چۈشكەن ياش بولۇش سۈپتىم بىلەن ناھايتى ھاياجانلاندىم. ئامانگۈل، ئىلھامجان بەختلىك بۇلۇڭلار!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر