- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مەملىكەت بويىچە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى چىڭداۋ مۇسابىقە رايونىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى
2015.08.20 12:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئاۋغۇست شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى چىڭداۋدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى، ۋاسكېتبولچى قىزلار 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئاياللار ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى چىڭداۋ مۇسابىقە رايونىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە 10- ئاۋغۇست چىڭداۋ شەھىرىنىڭ ۋاسكېتبول زەيتۇن توپ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلانغان بۇلۇپ، شىنجاڭ، خېنەن، شېنياڭ، شەنشى، خۇبېي، خېيلوڭجياڭ، خېبېي، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 9 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 16-ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا تەڭرىتاغ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىلگىرى-كىيىن88:67 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى،91:68 نەتىجە بىلەن شەنشى كوماندىسىنى، 68:31 نەتىجە بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى،67:40 نەتىجە بىلەن خۇبېي كوماندىسىنى ،72:61 نەتىجە بىلەن خېنەن كوماندىسىنى،72:49 نەتىجە بىلەن شېنياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتە قېتىملىق مۇسابىقىدە تولۇق غەلبە قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر