باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سېررالېئوندا تۇنجى قېتىم ئېبولا بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالمىدى

2015.08.18 20:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 17-ئاۋغۇست جاكارلاپ، غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا گېمورراگىك قىزىتما ۋىرۇسى ئەڭ ئېغىر بولغان سېررالېئوندا ئالدىنقى ھەپتە بۇ ۋىرۇس بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغان كىشى بايقالمىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ مەزكۇر دۆلەتتە بۇلتۇردىن باشلاپ ئېبولا ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان دوكلاتتۇر.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتە ئېبولا ۋىرۇسىنى تارقىتىدىغان زەنجىردىن پەقەت بىرسىلا قالغان. سېررالېئوننىڭ شىمالىدىكى تونكولىلىدا پايتەخت فرېتوۋندا ئىشلەيدىغان بىر ياش ئۆيىگە قايتىش يولىدا قازا قىلغان. دوختۇر ئۇنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. كېيىنكى تەكشۈرۈشلەردە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىككىيلەننىڭمۇ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ساقىيىش باسقۇچىدا ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن يېقىن ئارىلىشىدىغان 43 ئادەم يۇرتلىرىدا، 38 ئادەم فرېتوۋندا ئايرىپ كۆزىتىلگەن.

  نۆۋەتتە، ئېبولا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى 3-باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ھەر بىر ۋىرۇس تارقىتىش زەنجىرىنى نازارەت قىلىش، شۇنداقلا قالغان تارقىتىش زەنجىرىنى بالدۇرراق تازىلاش بۇ باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 12-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غەربىي ئافرىقىدا ئېبولا ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان، سېررالېئوندا ئېبولا بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملاندىمۇ دەپ گۇمان قىلىنغانلاردىن جەمئىي 13 مىڭ 470 ئادەم بايقالغان، 3951 ئادەم قازا قىلغان. بۇ دۆلەتتىكى ئېبولا بىمارلىرىنىڭ سانى غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتىكى ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر