باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

يۈ جېڭشېڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

2015.08.19 17:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى 18 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە باشلاندى. جاڭ چۈنشيەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتىھەم سۆز قىلدى.

  2015 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى 18 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ، ئېلىمىز تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى باش تېما قىلىپ ئۆتكۈزگەن چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ خەت ئەۋەتىپ، تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگودىكى رايون كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، چېگراداش قوشنا دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ ئاپتونوم رايون ھەم شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى قوشۇلغان، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن رايون. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60 - يىلى شىنجاڭ جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەم تەدرىجىي ھالدا راۋاجلىنىپ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم يولغا ئايلانغان. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، بۇ تۇپراقتا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر - بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ، بىر - بىرىگە زىچ باغلىنىپ، تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ 1955 - يىلى ئاپتونوم رايون بولۇپ قۇرۇلدى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش، گۈللىنىش داغدام يولىغا قەدەم قويۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر ئەنئەنىلەر ساقلاپ قېلىنغان، زامانىۋىلاشقان گۈزەل شىنجاڭ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولماقتا.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا سىياسىينىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپخىللىشىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشىنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ مەنپەئەتلىنىش كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ 2013 - يىلى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 3 - ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ۋە بۇنىڭغا پائال ئىنكاس قايتۇردى. بۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىيدا ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىقتىساد جەھەتتە بىرلىشىش، مەدەنىيەت جەھەتتە كەڭ قورساق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرداش گەۋدىسىنى قۇرۇشقا مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى يادرولۇق رايون بولغان شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا، ئەشيا ئوبوروتى ۋە مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ مەركىزى. جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت −− رايون ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاقە سۇپىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. مۇنبەرگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلارنىڭ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئاكتىپ ئەقىل كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىساد راۋاجلانغان، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا. ئۇزاق تارىخ، شانلىق مەدەنىيەت، ئۇچقاندەك تەرەققىيات، زامانىۋى تۇرمۇش بۇ يەردە مۇكەممەل بىرىكىپ، سىرلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى يادرولۇق بەلباغ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شىنجاڭنىڭ بۇ مۇھىم ھەم چوڭ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، داۋاملىق تۈردە شانلىق تارىخ يارىتىشقا شارائىتى، ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بار.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت، پەن، مائارىپ مەركىزى ۋە رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز. بىرىنچى، غەربكە يۈزلەنگەن يولنى ئېچىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز؛ ئىككىنچى، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز؛ ئۈچىنچى، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا ئالاقە ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز؛ تۆتىنچى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغدايمىز.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز تەرەققىيات مۇنبىرىنى ياخشى، ئېسىل مۇنبەر قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى دۇنيانىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى كۆزنەك، شىنجاڭنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىكى كۆۋرۈك، رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق، ئالاقە سۇپىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. دوستلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭ، مەدەنىيەتلىك شىنجاڭدىن بەھرە ئېلىپ، مەززىلىك شىنجاڭ تائاملىرىدىن لەززەتلىنىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى، ئۆزگەرگەن شىنجاڭنى، ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي يۈيىڭ سۆزىدە جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە توختىلىپ، مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ ئالاقە كۆزنىكى ئارقىلىق، زامانىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، راۋاجلانغان، مىللەتلەر ئىناق، يۈكسىلىۋاتقان يېڭى قىياپىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش؛ مۇنبەرنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇنبەرنىڭ كۆۋرۈكلۈك، تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شېڭشۈەن نۇقتىلىق ھالدا شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭنىڭ بايلىق، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ۋە ئېرىشكەن تەرەققىيات پۇرسىتىنى شەرھلىدى. چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارغا ۋاكالىتەن كانادا - جۇڭگو سودا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ستوكۋېل دېي، پاكىستاننىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى، خەلق مىللىي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كاتاك ۋە ب د ت نىڭ مائارىپ ھوقۇقى ئالاھىدە دوكلاتچىسى كىشور سىنگېر باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خەن يۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇنبەرنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، 30 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 100گە يېقىن ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ، «يىپەك يولىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغ قۇرۇش −− شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە تاللىشى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مۇنبەردە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش»، «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى»، «غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك: خىرىس ۋە ھەمكارلىق»، «يىپەك يولىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش»تىن ئىبارەت تۆت مۇھاكىمە تېمىسى بېكىتىلدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر