باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن رۇيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتى نەق مەيدانىغا يېتىپ باردى

2015.08.17 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇنغىچە تيەنجىن پورتىدىكى رۇيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە چوڭ ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 112گە، يوقاپ كەتكەنلەر 95گە يەتتى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، قۇتقۇزۇش ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ۋە يارىدارلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى ياردەم بېرىش قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  لى كېچياڭ پويىزدىن چۈشۈپلا ئالدى بىلەن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن ئايرىش رايونىغا بېرىپ، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش، ئىزدەش، تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، لى كېچياڭ مۇھىت كۆزىتىش ماشىنىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئامما ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى، سۇ سۈپىتى، تۇپرىقى قاتارلىقنىڭ مۇھىت سۈپىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 24 سائەت توختىتىپ قويماسلىق، ۋاقتىدا نوپۇزلۇق، توغرا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش كېرەك، لى كېچياڭ كېچە كۈندۈز بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى يوقلىدى، لى كېچياڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن ئاممىنىڭ تەلەپ ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاممىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، لى كېچياڭ يارىدارلارنى بىرقەدەر كۆپ قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىلارغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئىگەللىدى، يارىدار بولغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، قۇتقۇزغۇچى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ۋە ئاممىنى يوقلىدى، ئۇ تېببىي خادىملارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈپ، ھەر بىر يارىدارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاپ، قازا قىلىش ۋە يارىدار بولۇپ مېيىپ بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈرۈشنى جېكىلىدى.

  تيەنجىن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى تەرەققىيات رايونى تارماق ئەترىتىدە لى كېچياڭ قۇتقۇزۇشتا قۇربان بولغان ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى ۋە كارخانىلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى، لى كېچياڭ قۇربان بولغانلارنىڭ سۈرىتىگە قاراپ تۇرۇپ: سىلەر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قەھرىمانلار دېدى، ئۇ يەنە شەرەپ، نەپىقە ھەممىگە ئوخشاش مەنسۇپ، قەھرىمانلار دەرىجىگە ئايرىلمايدۇ دېدى، شۇنىڭدىن كېيىن لى كېچياڭ ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، دوكلات ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىن باشلانغاندا ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ، تەزىيە بىلدۈرۈشى تەكلىپى بەردى، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركەز ۋە يەرلىك شۇنداقلا ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، كېيىنكى قەدەمدە بىرىنچى، يوقاپ كەتكەنلەرنى داۋاملىق ئىزدەش، يوقاپ كەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىدىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، ئىككىنچى، بارلىق ئامال چارىلەر بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئېغىر يارىدارلارغا قارىتا يەنىمۇ ياخشى قۇتقۇزۇش لايىھەسى تۈزۈش، ئۈچىنچى، نەق مەيداننى ئىلىمىي تازىلاپ، تۈرلۈك ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككىلەمچى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، تۆتىنچى، ھاۋا ۋە سۇ مۇھىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كونترول قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بەشىنچى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، ئالتىنچى، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارا، توغرا، تولۇق ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىنى ھەقىقىي ئەھۋالدىن ئەڭ دەسلەپ خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلۈم يېتىم كۆپ بولدى، ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىندى، گوۋۇيۈەن دەرھال ۋەقەنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلغان، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ، قەتئىي بىر تەرەپ قىلىدۇ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك چوڭ تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە ئاسان ئوت ئالدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تېزدىن، ئومۇميۈزلۈك رەتكە سېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ يىپنى باشتىن ئاخىر قاتتىق تارتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر