باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كەچكۈزدىكى غېرىبلىق(6)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.19 12:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇشقۇن باھار مەۋسۈمىدە يالغۇز ئۆسۈملۈكلەرلا ئەمەس، بەلكى ئادەملەرمۇ روھلۇق، جۇشقۇن بولۇپ قالغاندەك، بۇ كېچىكىپ قول بېرىشكەن ئەر-ئاياللارنىڭمۇ قەلبىنى ئىللىق باھار شامىلى دولقۇنلىتاتتى. ئۇلار خۇددى شېخىدىن قايرىلغان، سولۇشۇپ رەڭگىدىن كەتكەن قىزىل گۈل لوڭقىدىكى سۇدا قايتىدىن ياشىرىپ، قىپقىزىل بەرگىللىرى تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەتكەندەك، كېچەيۇ-كۈندۈز ئايرىلمايتتى. تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئىش- ھەرىكەتتە بىللە ئىدى. ئايخان ئابدۇللاخۇننىڭ يېنىدا ئۇخلايتتى، ئابدۇللاخۇن ئايخاننىڭ تىنىقى بىلەن نەپەس ئالاتتى. تەرىپلەشكە سۆز ئاجىزلىق قىلىدىغان شادلىق بىلەن بەخت ياشانغان ئەر-ئايالنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە كەلتۈرەتتى. چۈنكى ئۇلار دۇنيادىكى بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن ئادەم ــ ئەر-خۇتۇن بولۇپ قالغان ئىدى.

  كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى. شۇنداق قىلىپ بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ كېڭەيدى، چوڭقۇرلاشتى. ئايخان ئابدۇللاخۇندا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. باھاردىكى ئىللىق سەلكىن قارا بۇلۇتلارنى قاياققىدۇر ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، بوۋاينىڭ ھاياتىدىكى بارلىق غەمكىنلىكنى ئۇچۇرۇپ كەتتى. ئايخان ئۇنىڭ ھاياتىدىكى خۇشاللىقنىڭ مەنبىئى ئىدى. ئايالىنىڭ ئاق كۆڭۈللىكى، چىقىشقاقلىقى، قىزىغا، قولۇم- قوشنىلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئابدۇللاخۇنغا بىر خىل يېنىكلىك، ئازادىلىك بېرەتتى. بوۋاي ھاياتىدا بالىلىرىنىڭ ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئايالغان يېقىنلىشىپ باقمىغان ئىدى. مۇھەببەت، ئاشىقلىق دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلا چۈشەنمەيتتى. ئۇ 19ياشقا كىرگەندىلا دادىسى ئۆيلىۋەتكەن ئىدى. بالىلىرىنىڭ ئانىسى رەھمەتلىك ھەنىپەنىمۇ توي بولغان كۈندە كۆرگەن ئىدى. ئىنتايىن تەبىئىي بولغان تۇرمۇش ئېقىنىغا ئەگىشىپ ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ چاغلار تۇرمۇش غۇربەتچىلىك، يوقسۇزلۇق، تۈرلۈك-تۈمەن بېسىملارنىڭ ئىچىدە داۋاملىشاتتى. ھاياتنىڭ بۇرۇقتۇملۇقى نەتىجىسىدە مۇھەببەتتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ ئايالىنى ئاشىقلىق دەرىجىسىدە تۇرۇپ ياخشى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئايالى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر ھەمراھ، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلىرىنىڭ كۆيۈمچان ئاپىسى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئايالىنى ھۆرمەتلەيتتى، قەدرىنى قىلاتتى. ئايالى خۇن كېسىلى بىلەن ئاغرىغاندا، ئاپارمىغان دوختۇرى قالمىدى. سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيدى، ئەمما ئايالىنىڭ جېنىغا تىكىلگەن شۇم كېسەل ئاخىرى رەھمەتلىكنىڭ جېنىنى ئالدى...

  ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئابدۇللاخۇن نۇرغۇنلىغان دەرد-ھەسرەتلەر، جاپا-مۇشاقەتلەر ئىچىدە تىرىشىپ-تىرمىشىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتى. شۇ قاتارلىق چوڭ ھويلىنى سىيرىپ سۈپۈرۈپ،يۇڭلۇق قولىدا ئاش-تاماق قىلىپ، بالىلىرىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ، 14يىل ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئاخىرى ئۇ بۇرچىنى ھەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بولدى. ئوغلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا چەت ئەلگە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كەتتى. كېيىن شۇ يەردىلا خىزمەتتە قالدى. قىزى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا كارخانىغا ئورۇنلاشتى، ئەمما كارخانا راۋاج تاپماي، ۋەيران بولدى. گەرچە ئىشسىز قالسىمۇ، بەختلىك ئائىلىسى بار ئىدى. دادىسىنىڭ زورى بىلەن شۇ كۈنلەردە قانۇن ئۈگىنىۋاتاتتى. قىزىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن بوۋاي قىزىنىڭ بارلىق ئوقۇش راسخودىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئېرىنىڭ قولىغا قارايدۇ، دەپ ئويلاپ، ھە دېسە قىزىنىڭ قولىغا تۇرمۇش خىراجىتى تۇتقۇزاتتى.

  ئابدۇللاخۇن ئېگىز بوي، بۈركۈت بۇرۇن، قارا كۆزلۈك ئادەم ئىدى. گەرچە كۆپ يىللىق جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭ يۈزىگە تالاي قورۇقلارنى باسقان بولسىمۇ، كۆزلىرى نۇرلۇق، روھى تېتىك ئىدى. ئايخان كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىنى ھاياتىدىكى ئەڭ نەۋقىران چاغلىرىغا قايتقاندەك ھېس قىلاتتى. بۇ نەۋقىرانلىق ئايخاننىڭ مېھرى-مۇھەببىتىدىن كەلگەن ئىدى. بوۋاي ئايخاننى كۆزەتتى، چۈشەندى، ئايخاننىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ مائاش كارتىسى، بايلىقى، شەھەرگە تۇتىشىدىغان ھەشەمەتلىك زېمىنىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئىدى. ئۇلار ئەڭ ئاددى نەرسىلەر ئۈستىدىمۇ بېرىلىپ سۆھبەتلىشەتتى، گويا 30يىللىق ئۆي تۇتقان قەدىناسلاردەكلا بىر-بىرىنى ئەتىۋارلاپ،كۆڭۈل قويۇشۇپ ئۆتەتتى.

  ئەمما ھەممە نەرسىنىڭ خۇشاللىق ھەم قايغۇسى بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەختىگە سايە تاشلاپ تۇرغان كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بەلكى بارغانچە ئەدەپ، شۇ كۈنلەردە چىدىغۇسىز ھالغا يېتىۋاتاتتى.

  رابىيە دەسلەپ ئايخانغا ئىچەكىشىپ خېلى يېقىن ئۆتتى، ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسېرى نېمىشقىدۇر رابىيەدە ئۆزگىرىشلەر بولدى. بارا-بارا ئۇنىڭ ئايخانغا تۇتقان مۇئامىلىسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان دەرىجىگە يەتكىلى تۇردى. خۇشال سوققان يۈرەكنى بىردىنلا ئېغىر ھەسرەت مۇجۇغاندەك، بوۋاينىڭ كۆڭلىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك غەش بولاتتى.

  قىزى دادىسى بىلەن خۇتۇنىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىچە ھالەتلەردىن، بىر-بىرىگە قارىغان چاغدىكى كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان نۇر ۋە ھارارەتتىن، سۆزلەشكەن چېغىدىكى يېقىملىق، ئەركىن ئىپادە ۋە تەلەپپۇزلاردىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى يېقىن ئۆتۈۋاتلىقىنى، ھەتتا ئادەتتىكى ئەر-خوتۇنلۇقنىڭ چېگرىسىدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى... قىزىنىڭ چىشلىرى قېرىشىپ، قاتتىق غىدىقى كەلدى. قېرى بوۋاي-مومايلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ قىزغىن ۋە شېرىن تەلپۈنۈشلەر ئۇنىڭ يۈرىكىگە شۇنداق سوغوق ۋە تېتىقسىز تۇيۇلدى...

  ھەسەت ۋە گۇمانخورلۇق رابىيەنىڭ روھى دۇنياسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئۇ ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. ھەتتا ئانىسىنى ۋاقىتسىز كەتكەن، دەپمۇ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. ھەر دائىم كۆز ئالدىغا ساماندەك سېرىقداپ كەتكەن بىچارە ئانىسى كېلەتتى. ئانىسى تولىمۇ ياداڭغۇ ئىدى، پۈتۈن تۇرقى قورۇلۇپ كەتكەن سۇسىز مېۋىگىلا ئوخشايتتى. ئاغزىنىڭ چۆرىسىنى قورۇق باسقان، ئېڭىكى ئۇچلۇق، چىشلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن، دادىسىدىن ئالتە ياش كىچىك بولسىمۇ، ئەمما دادىسىدىن 10ياش قېرىدەك كۆرۈندىغان، ياۋاش، كېسەلچان ئايال ئىدى. ئاق كۆڭۈللۈكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ۋە خەيرىخاھلىقىنى قوزغايتتى.

  ــــ ئاناڭ قالتىس ياۋاش ئايال ئىدى، داداڭغا تىك بېقىپمۇ قارىمايتتى. داداڭنى خۇددى پادىشاھنى كۈتكەندەك كۈتەتتى. ئاخىرى ئۆزى تۈگىشىپ جېنىنى سېلىپ بەردى. يەيدىغاندا يىيەلمىدى، كىيدىغاندا كىيەلمىدى، پۈتكۈل ئۆمرىنى ياۋاشلىق ھەم سەۋرچانلىق بىلەن ئۆتكۈزدى. قولى بىلەن تۇتۇپ بىر كۆڭلەك ئېلىپ كىيەلمەيتتى. قاچانلا قارىسا چىرايىنى سارغايتىپ، تۈزۈكرەكمۇ داۋالانماي يۈرىدىغان. داداڭ پۇل كېتىدۇ دەپ، دورىسىنىمۇ ئېلىپ بەرگىلى ئۇنىماي تولا مەن ئېلىپ بىرەتتىم.. ھەي،رەھمەتلىك جېنى بىلەن ئوينىشىپ شۇ قاتارلىق ئۆي-ۋاقنى تۇتۇپتىكەن، ئۆينىڭ ئىچىنى قىپقىزىل قىلىپ، توخۇنىڭ سۈتىدىن باشقىنى تەل قىلىپتىكەن. مانا ئەمدى شۇنىڭ راھىتىنى نەدىكى كەلگۈندى پاسكىنا كۆرۈۋاتىدۇ...ــــ ئانىسىنىڭ كىچىك سىڭلىسى خاسىيەتخان شۇنداق دەپ رابىيەگە مۇڭ تۆكەتتى. يىغلاپ، باشقىدىن ھازا ئېچىپ، ئۆزىنىڭمۇ، رابىيەنىڭمۇ ئىچىنى زەھەردەك ئېچىشتۇرۇپ ئۇنى ھۆڭ-ھۆڭ يىغلىتىۋېتەتتى....

  ــــ داداڭ مۇشۇ خۇتۇنىغا قىلغىنىنىڭ مىڭىنىڭ بىرىنى ئاناڭغا قىلىپ قويغان بولسا، ئاكاڭ ئىككىڭلار يېتىممۇ بولۇپ قالماس ئىدىڭلار. بىچارە رەھمەتلىك مۇشۇ خوتۇن كىيگەن شۇنچە ئېسىل خان ئەتلەسنىڭ بىرىنى كىيەلىگەن بولسا نېمە دەي؟... ئاناڭ ھايات ۋاقتىدا داداڭنىڭ ئېچىلىپ كۈلۈپ قارىغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان. داداڭ تالالىغىلا بار ئادەم ئىدى. تالادا خەقنىڭ خوتۇنلىرىغا ئېچىلىپ-يېيىلىپ، كۈلۈپ چاقچاق قىلىپ گەپ قىلاتتى. بىراق ئۆيگە كىرسە دوزاخنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئاپاڭ بىچارىگە قوتىنىدا باققان ساغلىققا قارىغانچىلىك بولسىمۇ مېھىر بىلەن بىر قېتىم قاراپ قويمايتتى. خۇددى ئۆلسەڭ قۇتۇلىمەن، دېگەندەك قىلىپ، ئاپاڭنىڭ كېسىلى يامىنىغا ئۆرۈلۈپ كەتكەندىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇۋالمىغان... قارا، ھازىرچۇ؟ خوتۇنىنى كۆرسە داداڭ خۇددى كۈچۈكنىڭ ئۆزىلا بولۇپ كېتىدىكەن.«چاي ئىچتىڭلىمۇ؟ تاماق يىدىڭلىمۇ؟ كۆڭلۈڭلە نېمىنى تارتىدۇ؟ مىجەزىڭلا بولمىسا دوختۇرخانىغا ئاپىراي...» دەپ خوتۇنىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارايدىغان بولسا... جېنىم بالام... شۇ رەھمەتلىك مىسكىن ئاچامنىڭ ھاياتلىقىدىكى غېرىب تۇرقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كېتىپ، ۋاڭڭىدە يېرىلىپ كېتىمەن! ھۆركۈرەپ يىغلىغانچە ئۆيۈمدە قوپالماي ئۈچ كۈن ياتىمەن... شۇڭا ئاشۇ ئۆيگە بارغۇم كەلمەيدۇ، جېنىم بالام! ئاچام كۆرەلمىگەن راھەتنى ئاشۇ بۇزۇقنىڭ كۆرگىنىگە چىدىمايلا قالىدىكەنمەن....

  ــــ ھامما، ئېيتىڭە؟ بۇ خوتۇننى دادام بۇرۇنمۇ بىلەر بولغىيمىدى؟ نېمىشقا ئۇنى دائىم بۇزۇق دەيسىز، جېنىم ھامما؟...ـــ رابىيە ھاممىسىنىڭ گېپىدىن گۇمانلانماي تۇرالمىدى.

  ــــ نېمىدەپ تونۇمىغۇدەكمەن؟ ئايەك دېگەن ياش ۋاقتىدىلا قوڭىنىڭ قىچىقى بار نېمە ئىدى.«ئۇياتسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشىكى ئوچۇق» دېگەن گەپ بار. ئۇ شۇ چاغدىلا مەھەللىدىكى ياش باللىنى كاردىن چىقىرىپ بولغىلى تۇرغان. ئاخىرى نامى چىقىپ كېتىپ، دادىسى باشقۇرۇپ بولالماي، ئۇنىڭ بۇزۇقلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ئۈرۈمچىگە بېرىۋەتتى. ئۇنى نىكاھىغا ئالغىنى تۇغقىنىنىڭ بالىسىمىشكەنتۇق... بۇ يەردە بولغان بولسا ئۇنى ئەر ئالمايتتى. ئەمما كوچىلار بۇلغىنىپ كېتەتتى-دە... ئېسىمدە قېلىشىچە، داداڭ مەھەللىدىكى خىزمىتى بار ساناقلىقلا ئادەم ئىدى، داداڭغا قانات سۆرەيدىغان بىر نەچچە بۇزۇقلار بار ئىدى... ئاناڭ بىچارە بولسا:«نېمە قىلىۋاتىسەن؟» دېيىشكىمۇ يارىمايدىغان مۆمىن ياۋاشنىڭ بىرى ئىدى، شۇڭا داداڭ پوشمۇ دېمەي قىلدىغىنىنى قىلىۋېرەتتى...

  ــــ سىزنىڭچە، دادام بۇ جادۇگەر بىلەن بۇرۇنتىنلا...

  ــــ مەن ئېنىق بىرنېمە دېيەلمەيمەن، ئەمما گۇمانىم بار... قاراپ باققىنە؟ ئۇلارنىڭ ھازىرقى خۇشلىقىغا گەپ توغرا كېلەمدۇ؟ مەنمۇ تاغاڭ بىلەن 30 يىل ئۆي تۇتتۇم، تېخى ئۇنىڭدەك ئەركىلەپ، نايناقشىپ باقمىدىم... بىراق ئايخانچۇ؟ قىلغان قىلىقى قىپقىزىل جالاپ!... بەلكىم مۇشۇ قېرى جالاپ ئاناڭنى ئىچ-ئىچىدىن قۇرۇتۇپ، ياش جېنىغا زامىن بولغان بولۇشى مۇمكىن... بىچارە ئاچام چىش يېرىپ:«دەردىم بار» دېمەيدىغان مەزلۇم ئىدى. ھاياتىدا تۆت بۇلۇڭ، بىر كۇلۇڭدىن، ئاكاڭ ئىككىڭلارنى قانىتى ئاستىغا ئېلىپ تۈگۈلۈپ يېتىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىچارە ئايال ئىدى... كونىلاردا:«شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قاچ» دەيدىغان ھىكمەت بولىدىغان. قاراپ تۇر، بۇ بۇزۇق داداڭنى سىيرىپ قاق سەنەم قىلۋېتىدۇ. داداڭنى ئەمەس، يەنە تېخى داداڭغا ئوخشايدىغان نى-نى ئەركەكلىنى سويغان پىيازدەك قىلىپ، پولوسىنى يەپ، يېنىنى توم قىلىپ، چوڭ شەھەرگە كېتىدۇ...

  دادىسىنىڭ ئايخان بىلەن بولغان ئىناق مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا ھاممىسىنىڭ سۆزلىرى رابىيەنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى. قەلبىدە ئايخانغا بولغان ئۆچمەنلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئۇنىڭدىكى بۇ تۇيغۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ ئۇنى ھېچ ئارامىدا قويمايتتى. ئۇ دادىسىغىمۇ ئۆچلۈك قىلاتتى، نەپرەتلىنەتتى، خۇددى ئانىسىنىڭ روھى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقاندەك ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ ئاللىقانداق ئىشلارنى كۆڭلىگە پۈكەتتى.

  ــــ ھامماڭ توغرا ئېيتىدۇ، ئۇ خۇتۇن داداڭنىڭ زېمىنىنى، مائاشىنى دەپلا داداڭنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆمرۈمدە نى-نى خۇتۇنلارنى كۆردۈم، ئەمما ئاشۇ ئايخاندەك ھىيلىگەر ئايالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن... داداڭ ئىككىسىگە قارىسام غىدىقلىرىم كېلىپ كېتىدۇ جۇمۇ! كۆرىمىز تېخى! تاماشا ئالدىمىزدىغۇ ئىشقىلىپ...ــــ ئېرىمۇ شۇنداق دەيتتى، ھامماچىسىدىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق كەلگۈسى تەسەۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

  ــــ داداڭنىڭ تۇرۇۋاتقان ئۆيىنى ھازىر ساراڭغا بەرسىمۇ يۈز مىڭ كويغا يارايدۇ. ھەر ئايدا كىرىدىغان مائاشىچۇ؟ ئاڭلىسام سىلەرنىڭ ئۇ ئۆينى ھۆكۈمەت ئېلىپ كېتىدىكەن، يول چۈشىدۇ دەمدۇ... ئىشقىلىپ چوڭ قۇرۇلۇش شۇ يەر بىلەن باشلانغۇدەك، ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ قالسا، ئايخاننىڭ چېچىكى چاي بولىدۇ، بىلەمسەن؟ يۈز مىڭ كويلۇق ئۆي ھۆكۈمەتكە ئۆتىدىغان بولسا، بىر مىليونلۇق ئۆي بولىدۇ... ئايخاننى بۇ ھېسابنى بىلمەيلا دادامغا تېگىپ قالدى، دەپ ئويلامسەن؟ ياق، ئىشلار ئۇنداق ئاددى ئەمەس. ئايخان ناھايىتى قۇۋ-ھىيلىگەر خوتۇنكەن. داداڭنىڭ بارلىق بايلىقىنى كۆزلەپ، يىراقنى ئويلاپ كىرگەن خوتۇن ئۇ بۇ ئۆيگە! قارىمامسەن، ئالتە توك-توك قوي-كالىلىرىنى، بەش مىڭ كويىنى ئېلىپ كەلگىنىدىلا مەن سېزىپ بولغان...

  رابىيەنىڭ ئىچى مۈشۈك تاتىلىغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. خۇددى قۇرغۇي ئۆز چاڭگىلىدىكى پاختەكنى قاتتىق قاماللىۋالغاندەك، ئايخاندىن كېلىۋاتقان دەرد-ئەلەم ئۇنىڭ يۈرىكىنى بارغانسېرى قاتتىق مۇجۇماقتا ئىدى. ئۇ شۇلارنى ھېس قىلغاندا، پىچاق بىلەن سانچىلغاندەك بىر ئارامسىزلىق، ئاغرىق،يۈرىكىگە، پۈتۈن بەدىنىگە تاراپ، بەدىنىدىكى ھەر بىر تال سەزگۈ نېرۋىلىرى تىترەپ كەتتى. كۆزلىرى نەملەشتى، گويا سوغوق بىر قول ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاماللىۋالغاندەك تۇيۇلدى.

  دادىسىنىڭ كاللىسى ئاينىپ قالغىنى بىلەن، ئۇنىڭ كاللىسى ساق ئىدى. ئۇ چوقۇم ئايخاننىڭ قاپقىنىغا چۈشمەسلىكى كېرەك، دادىسىنى بۇ قاپقاندىن بوشىتىش كېرەك. بىر ئاماللارنى قىلىپ، بۇ جادۇگەرنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك! ئۇنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق پىلانلار كېلەتتى. بۇ پىلاننى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئېرى بىلەن ئۇيقۇسىز يېتىپ ئويلىناتتى... ئۇ ئۆزى ھەم دادىسىنىڭ ئۆلۈشىگە رازى ئىدىكى، باشقا بىر ئايالنىڭ ئانىسى تۇتقان، دادىسى كۆكەرتكەن باغ-ۋارانلار، دۇنيا، مائاش ھەم پۇل- پۈچەككە ئىگە بولۇشىغا يول قويمايتتى.

  شۇڭا ئۇ پات-پاتلا چوڭ ئۆيگە بېرىپ غەۋغا قىلاتتى. دادىسىنى «قارىمىدىڭ» ياكى ئايخاننى:«ئېچىلىپ مىنى كۈتمىدىڭ...» دېگەندەك ناھەقلا باھانە-سەۋەبلەر بىلەن خۇيلىنىپ، دادىسى بىلەن ئايخاننى تەڭلىك قىلاتتى. ھەتتا ئايخاننى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتتى:

  ــــ كەلسەم ئانامنىڭ ئۆيىگە كەلدىم، سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلمىدىم، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئانام رەھمەتلىك بىر تال يىپ، بىر تال سىنىتتىن قىسىپ يىغقان، ئاينىتقان. بالىلىرىم راھەت كۆرسۇن، قورۇنمىسۇن، دەپ ئۆزىنىمۇ سېلىپ بەرگەن. نىمە دەپ خۇيلىنىپ، قاپىقىڭنى تۈرۈپ كېتەتتىڭ؟! كۆزۈۈڭگە سىغمىغان بولسام دەرھال ئۆينى بىكارلا!
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر