خەلق گېزىتى تورى ئويغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست تيەنجىندىن بەرگەن تېلېگراممىسى. لى كېچياڭ زۇڭلى 16- ئاۋغۇست تيەنجىن تەيدا دوختۇرخانىسىغا كېلىپ يارىلانغانلارنى يوقلىدى، شياڭگاڭلىق بىر مۇخبىر يانفونى بىلەن سىنغا ئالغاچ «ئىشتاتتىن سىرت ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر» مەسىلىسىنى سورىدى. زۇڭلى لى كېچياڭ قەدىمىنى توختىتىپ: قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ۋە ھەربىي خىزمەتتىكى ئەمەس ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر تەربىيەلەنگەن، ئۇلار ئوت كەتكەن ئورۇننىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، خەتەردىن قاچمىدى. ئۇلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن بەكمۇ ئازاپلاندۇق. ئۇلار قەھرىمان، قەھرىمان «ئىشتاتتىن سىرت» دەپ ئايرىلمايدۇ، دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە خەلق تورى