باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىملىنىش سۇغۇرتا مۇلازىمىتى خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

2015.08.19 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىمە سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن جۇڭگو خەلق ئۆمۈر سۇغۇرتىسى چەكلىك پاي شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسى «شىنجاڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىمە سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى كېلىشىمى» ئىمزالىدى، بۇ شىنجاڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىملىنىش سۇغۇرتا مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014-يىلى ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ، 2015-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ج خ خەلق ساقچىلىرى بېجىرىدىغان جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىمە سۇغۇرتىسىغا مەركەز مالىيىسى كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى، ھەمدە بۇنىڭغا جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىدىن سۇغۇرتىلاش ۋە سۇغۇرتا تۆلەم مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. بۇ تۈرگە ج خ مىنىستىرلىقى سۇغۇرتىغا ئالدۇرغۇچى بولغان بۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ شتاتلىق ج خ خەلق ساقچىلىرىنى(ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ج خ ھەربىي قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر