خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئاۋغۇست، « 2015-يىلى جۇڭگو شىنجاڭ تەرەققىيات مۇنبىرى» ئۈرۈمچىدە ئاياقلاشتى. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا، 30دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن يۈزدەك جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مېھمان يىپەك يولى تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلىش، يىپەك يولى مەركىزىي رايون قۇرۇلۇشى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ئاكتىپ سۆز قىلدى، يىغىندىن كېيىنمۇ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ئىستىراتېگىيەسىدە شىنجاڭ يۈزلىنىۋاتقان تەرەققىيات پۇرسىتى توغرىسىدا پىكىرلەر بولۇندى.
مەنبە: خەلق تورى